مۇقەددەس سان - «توققۇز»

ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق سانلارنىڭ ئەسلى ماتېماتىكىلىق مەنىسى ئۆزگىرىپ، مەنىۋى تۈس ئىلىشى بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. بەزى سانلار سىرلىق تۈس ئېلىپ «خاسىيەتلىك سان» غا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ؛ ئەينى ۋاقىتتا بۇ سانلار ئىنسان تەپەككۇرىدىكى مەۋھۇم ھادىسىلەرنىڭ كونكرېت بەلگىسى بولۇش رولىنى ئوينىغانىدى. مانا شۇ ئاساستا بۇنداق سانلار بارغانسېرى قېلىپلىشىپ، ئەقىدە ۋە ئېتىقادا، تۇرمۇش ئادەتلىرىدە، ئاغزاكى ئەدەبىيات ئىجادىيەتلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدا تاق سانلار، بولۇپمۇ ھەممىدىن كۆپ ئۇچرايدىغان «7»، «9»، «40»، قاتارلىق سانلار ئۇزاق زامانلار مابەينىدە شۇ خەلقنىڭ ئېڭى ۋە ئەقىدىسىگە ماس ھالدا خاسىيەتلىك تۈس ئالغان. ئالايلۇق، «تويغان يەرگە توققۇز تەزىم»، «توققۇز قىزنىڭ تولغىقى بىر كۈندە تۇتۇپتۇ»، «مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار توققۇز»، «توققۇزى تەل» قاتالىق ماقال - تەمسىل ۋە ئىدىئوملار؛ «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى «... ئوغۇزخاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى، توققۇز كۈندىن كېيىن ئوغۇزخاننڭ ئايغىرىنى ھازىر قىلدى» («ئوغۇزنامە» 54 - بەت). «گۆر ئوغلى» داستانىدىكى «گۆر ئوغلى پەرىزات ۋە ئادەمزاتتىن بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن توققۇز خوتۇن ئالدى»، «توققۇز قات شاھ كىيىم كىيىدى»، «مىنگەن ئېتى توققۇز كۆكنى كۆزلەيدۇ»، «ئوڭ يېنىدا توققۇز تۇمارى بار»، «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دىكى «كۆلتېكىن ئىلگىرى - كېيىن توققۇز قېتىم باشقا - باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى»، «كۆلتېكىن توققۇز ئەسكەرنى نەيزىلىدى، تۇققۇز ئەسكەرنى ئايلاندۇرۇپ سالدى»... دېگەنگە ئوخشاش تارىخىي بايانلار؛ «خان تەختكە يېڭى چىققاندا ئۇ مەھرەملىرى بىلەن بىللە كىگىزدە ئولتۇرىدۇ، خان كۈنگە قاراپ ئۇلارنى تۇققۇز قېتىم ئايلىنىدۇ»(«جونام» 50 - جىلد) دېيىلىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارسىدىكى «كۆك مەشرىپى» نىڭ قوشاقلىرىدا «غازنى ئوتتۇز، قوينى توققۇز ھەممىنى تەڭ راستىلىدۇق» دېگەن مىسرا ئۈچ خىل ۋارىيانتىنىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ. «يۈز ئاچقۇ بېيىتى» نىڭ بايانىدا «... توققۇز قېتىم تەزىمگە بارىدۇ»، «... توققۇز غېرىچىلىق قوي ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۈچ يەرگە يېقىلغان ئوت ئۈستىدىن توققۇز قېتىم چۆگىلىتىدۇ»، «توينىڭ توققۇزىنچى كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە سالامغا بارىدۇ.» («قۇمۇل نەزمىلىرى» دىن)، «... ئوغۇل تەرەپ تويلۇق قوي، توققۇز كۈرە بۇغداي، توققۇز شىڭ گۈرۈچ، توققۇز جىڭ ياغ، توققۇز شىرە مېۋە - چېۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى قىز تەرەپكە داغدۇغا بىلەن ئاپىرىپ بېرىدۇ» («ئىز» رومانىدىن) ۋە باشقىلار.

كۆرۈپ تۇرۇپتۇمىزكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت ۋە مۇراسىملىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىغان «توققۇز» تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ۋە يىراق ئەنئەنىۋى مەنبەگە ئىگە بولغان بىر خىل مەنىۋى ئادەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، يۇقىرىقى بايانلارنىڭ ھەممسى «توققۇز» نىڭ ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادىتىدە خاسىيەتلىك سان تۈسىنى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ خاسىيەتلىك سان ئېتىقادى قەبىلە ناملىرىمۇ «توققۇز ئۇيغۇر» (ئىچكى توققۇز) ۋە «توققۇز ئوغۇز» (تاشقى توققۇز) دەپ ئاتالغان. مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ Ⅲ توم، 175 - 176 - بەتلىرىدە: «خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەر قانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۈنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەپنە قىلىش ئادەتلىرىدە نوپۇرلۇق ئەربابلار ئۆلسە قەبرە توپىسىنىڭ ئۈستىگە توققۇز دانە تاشنى تىزىپ قويىدىغانلىقىمۇ مەلۇم.

كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، «توققۇز» نىڭ خاسىيەتلىك سان بولۇپ قېلىشى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزملىق ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمكى ئۇيغۇر شامانىستلىرىنىڭ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدىكى كۆكتەڭرى ئېتىقادىدىن «يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى» چۈشەنچىسى كېلىپ چىققان ۋە بۇ يەتتە يۇلتۇز (يەتتە سەييارە) ئايرىم - ئايرىم ناملار بىلەن ئاتىلىپ يەتتە ئىلاھ سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغان. بۇ يەتتە «ئىلاھ» نىڭ ھەر بىرى بىر ھاياتلىق ئالىمى ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا يەنە پانىي ئالەم (تۇپراق) ۋە يەر ئاستى ئالەم (روھىناتلارماكانى) قوشۇلۇپ، پۈتۈن ئالەم توققۇز ھاياتلىق مەنبەسىدىن قۇرۇلغان دېگەن ئىپتىدائىي چۈشەنچە بارلىققا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ ئالەم قارىشى «توققۇز» غا مۇجەسسەملەشكەن.

دېمەك، ھېسابلاش جەھەتتىن قارىغاندا «توققۇز» سان چەكسىز ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ساننىڭ ئاخىرقى چېكى دەپ قارالغان ۋە ئېتىقاد جەھەتتە «كۆپلۈك»، «ئۇلۇغلۇق»، «يەتتە»، «قىرىق»، «ئۈچ» قاتارلىق خاسىيەتلىك سانلارنىڭ پەيدا بولۇش خاراكتېرىگە ئوخشاشمىغان ھالدا ئېتنىك مەنبە جەھەتتىن بىۋاسىتە ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزملىق ئېتىقادىغا باغلىنىدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن ئۇ ھەم قەدىمىيلىككە، ھەم قويۇق مىللىي خاراكتېرگە ئىگە.