مۇھەببەت قاسىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1965-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1970-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ, ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, «ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺕ ﻛﯜﺗﯜﺵ» ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﺎ 1972-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ «ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ»ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ, ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﺭﺭﯦﻜﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ. 1972-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ, ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯜﻳﺸﯩﮕﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1979-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ, ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ, 1981- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ ﻛﺎﻓﯧﺪﺭﺍﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 40 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺱ, ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ ﯞﻩ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ, ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﻠﯩﺮﻯ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ, ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻜﺎ, ﺗﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯧﻜﺴﯩﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺳﻰ, ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ, ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﯧﺘﻮﺩﻭﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺳﻰ, ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. 1990-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ 11 ﻗﺎﺭﺍﺭ, 40 ﻧﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ. 1997-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 2004-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻛﺎﻓﯧﺪﺭﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪﻰ, ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺧﺎﻟﯩﻖ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ «ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ», «ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ», «ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ», «ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺖ-ﺷﯩﯟﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻜﺎ ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ», «ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 15 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.      ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ 20-30 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﮪﻪﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﯘﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯜﺭﻯ «ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻜﺎ, ﮔﯩﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ»ﻗﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ «ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﯩﯔ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.      ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ 1989-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ «ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ «ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ 2- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ, ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺷﺘﺎ 1-, 2-, 3-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 1994-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﻩ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.[1]

مەنبەتەھرىر