مۇھەممەتجان راشىدىن

مۇھەممەتجــان راشــىدىن (Muhammetjan Rashidin)، ئۇيغــۇر شــېئىرىيەتچىلىكىدىكى تۆھپىــكار شــائىر.

1940 - يىلــى 15 - ئىيــۇن غۇلجــا ناھىيەسـىنىڭ ئونيـار يـۈزى يېزىسـىدا بىـر دېھقـان ئائىلىسـىدە تۇغۇلغــان. باشــانغۇچ ۋە ئوتتــۇرا مەكتەپلەرنــى غۇلجىــدا ئوقـۇپ تامامـاپ 1955 - يىلىدىـن 1958 - يىلـى 3 - ئايغىچە ســابىق شــىنجاڭ يېــزا - ئىگىلىــك تېخنىكومــدا ئوقۇغــان. ئوقــۇش پۈتتۈرگەندىــن كېيىــن 1959 - يىلــى 5 - ئايغىچــە پىچـان ناھىيەسـىدە قايتـا تەربىيـە ئالغـان. 1960 - يىلدىـن 1968 - يىلغىچـە چاپچـال ناھىيەسـى ۋە غۇلجـا ناھىيەلىرىـدە مەمۇرىــي خادىــم، تېخنىــك، كاتىــپ ۋە ئوقۇتقۇچــى بولــۇپ ئىشــلىگەن. 1968 - يىلــى «مەدەنىيــەت زور ئىنقىالبى»نىــڭ زىيانكەشــلىككە ئۇچــراپ ناھــەق جازاالنغــان. 1983 - يىلــى ئاقلىنىـپ غۇلجـا ناھىيەلىـك 1 - ئوتتـۇرا مەكتەپكـە خىزمەتكـە ئورۇنالشــقان. 1989 - يىلــى غۇلجــا ناھىيەســىنىڭ كەســپىي يازغۇچىلىقىغـا تەكلىـپ قىلىنغانغـا قـەدەر شـۇ مەكتەپتـە تىـل ئەدەبىيـات ئوقۇتقۇچىسـى ۋە ئىلمىـي مۇدىـر بولـۇپ ئىشـلىگەن.

ئەل سۆيگەن ، ئەلنى سۆيگەن پەخىرلىك  شائىر مۇھەممەدجان راشىدىن 2021- يىل  11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7 دىن 17مىنۇت ئۆتكەندە بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى!.

مۇھەممەتجــان راشــىدىننىڭ ئەدەبىــي ئىجادىيــەت پائالىيىتــى 1958 - يىلــى «ئىلــى گېزىتــى»دە ئېــان قىلىنغــان «ئىلــى دەرياســى» ناملىــق شــېئىرى بىلــەن باشــانغان. ئــۇ شــۇنىڭدىن ئېتىبــارەن ئىجادىيەتكــە رەســمىي كىرىشــكەن ۋە 1000 پارچىدىــن ئارتــۇق شــېئىر، ھېكايــە، داســتان ۋە ئوبزورالرنــى ئېــان قىلغــان. 1980 - يىلالردىــن كېيىــن ئىجادىيەتتــە كۆرۈنەرلىــك ئۇتۇقالرغــا ئېرىشــكەن. مۇھەممەتجــان راشــىدىننىڭ شــېئىرلىرى «كاككــۇك گۈلــى»، «يىلـار ئىـزى»، «كۈنلـەر ئالبومـى»، «ئانـا يـەر قەسىدىسـى»، «ئۆمــۈر ئىلھاملىــرى»، «ھايــات دېگــەن مانــا شــۇ»، «ئانــا تاغــار» دېگــەن نامــاردا توپــام قىلىنىــپ نەشــر قىلىنغــان.

ئەسەرلىرى

تەھرىرلەش

مەندىن بىمەھەل كەتمىگىن، ياشلىق

تەھرىرلەش

جۇدۇنلار كەتسۇن ، باھار كەتمىسۇن،

دۈشمەنلەر كەچسۇن، دوستلار كەچمىسۇن.

كەتمىگىن ياشلىق مەندىن بىمەھەل،

شادلىقلىرىمغا زاۋال يەتمىسۇن.


ماڭا سەن ئېيتقان ناخشىلار كېرەك،

ماڭا سېنىڭدەك ياخشىلار كېرەك.

ياردىن ئايرىلىپ چىدىغان بىلەن،

سەندىن ئايرىلىپ چىدامدۇ يۈرەك؟


سېنىڭ بارىڭدا بايدەك يۈرەتتىم،

سېنىڭ بارىڭدا ئايدەك يۈرەتتىم.

مەندىن بىمەھەل كەتمىگىن ياشلىق،

باشلا ناخشاڭنى يەنە بۆلەكتىن!!

مەرسىيە

تەھرىرلەش

مېھرىبان ئابدۇللا

تەھرىرلەش

قۇياش كۈلۈپ چىققىنى بىلەن،

زەپ ئۇرۇلدى بېشىمغا چاقماق .

  قىسمىتىڭمۇ  بىلمىدىم تەقدىر،

كېلىپ يەنە قەبرىگە يانماق .


  شائىر ئاتام چىقىپ سەپەرگە،

ئاق يول تىلەپ قالدۇققۇ يىغلاپ.

كۆزلەر ئەمەس  يۈرەك يىغلايدۇ،

بىر مەن ئەمەس   يىغلايدۇ مىڭلاپ.


جانلىناتتى سېنىڭ تىلىڭدا،

دېھقانلارنىڭ زەررىچە  شەرىپى .

يامان ئۈچۈن قامچا بولاتتىڭ،

قېپ قالمايتتى ياخشىنىڭ تەرىپى .


يەنە ھەۋەس قىلدىم بۈگۈنمۇ،

تۈمەن قوللار خوش دەپ ھاۋادا .

ئۆزۈڭ ئېسىل قەدىمىڭ نۇرلۇق،

ئۇچقان سەنمۇ كۆكتە ساما .


بىزگە چەكسىز بىر ئۈلگە ئىدىڭ،

ئائىلىگە بەرگەن ۋاپادا.

ئەيمىنەتتۇق جان ئاتا سەندىن،

شاھ بولغاچقا ئەقىل ساپادا .


نېمە دەيمەن كۆزلىرىم قان-ياش،

تىللىرىم گال  يۈرەكلىرىم قان .

قانماس ئىدۇق  ھەممىمىز بەلكىم،

يەنە يۈز يىل بەرگەن بولسا جان .


ئاھ ، نېمە دەي ئەلۋىدا ئاتا،

مەنزىلىڭىز گۈلزارلىق بولسۇن .

سەپەرلەردە ئالغان نەپەسلەر،

خوش پۇراقلىق  ئىپارغا تولسۇن .


***

2021--11-13 جىلىيۇز

مېھرىبان ئابدۇللا باھارى  

مىجىت زۇنۇن ئارتۇچ

تەھرىرلەش

كەتتى بىر شائىر كۆكتىكى چولپان

يىغلىدى جىمى خەلقىم ھەم كۆك ئاسمان

ئىلىنىڭ دەرياسىمۇ بوپ  سۈكۈتتە

ھەسرەتتە يىغلىدى ئىتىزدا دىھقان


قەلەم قۇۋىتىڭدۇر  بىباھا چەكسىز

ئالدىڭدا قائىل ئىدى شاھ ۋە سۇلتان

شېئىر بىلەن يۇغۇردۇڭ ھاياتىڭنى

دەۋرىمنىڭ پىشۋاسى ئەي ئۇلۇغ ئىنسان


ئەل غىمى -شاتلىقى ئىلھامى بولاق

ئۆچمەيدۇ  ئەبەت سەن ياندۇرغان چىراق

ئەل ئۈچۈن تەۋرەتتىڭ قەغەزدە قەلەم

چاچىدۇ مەڭگۈگە گۈلدەك خۇش پۇراق


كەتتى ئۇ ، تۇن ئېلكىنى يۇرۇتقان نۇر

يۇرىتار قەلبنى سەن يازغان ھەربىر قۇر

  تۇمار قىپ بوينىمغا ئاساي مەڭگۈلۈك

شېئىرىڭ باھادىر ، يوللىرىمغا  نۇر


تاغلارمۇ باش ئەگدى پۈكۈپ قەددىنى

كائىنات يىغلىدى تۆكۈپ يىشىنى

نە چارە بارالمىدۇق يا  بۈگۈن بىز  

يىغلىدۇق، كۆتىرەلمەي تاۋۇتىڭنى  


ئەلۋىدا دىدۇق ئۆلۈمگە چارە يوق

بىر كۈنى بارىمىز بىزمۇ قىشىڭغا

بارىمەن  مەنمۇ مەپىگە ئولتۇرۇپ

ياندىشىپ  ياتىمىز  ئانا  تۇپراقتا


**

غۇلجا، 2021، 13-نويابىر

مۇساجان ئابدىرىشىت سەزگۈ

تەھرىرلەش

بۇ ئالەم قونالغۇ،

قونۇپ كېتىمىز،

تەنلەرنى تاراشلاپ، يۇنۇپ كېتىمىز.

كىم بالدۇر، كىم كېيىن چىقار سەپەرگە،

بىلمەيلا قالىمىز، ئۆلۈپ كېتىمىز.


كەتتى نى ياخشىلار، كۆرۈپ تۇرىمىز،

كۆزلەرگە ياش تولۇپ، پەرياد ئۇرىمىز.

ئۆلۈمنىڭ سۈرىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق،

ئويلانماي نە سەۋەب بىغەم يۈرىمىز؟


ياخشىلار كېتەركەن دۇنيادىن بۇرۇن،

ئالدىدىن زاكاس قىپ قويغانمۇ ئورۇن؟

ئۆلسىمۇ ياخشىلار، نامى ئۆلمەيدۇ،

ئاچىدۇ قەبرىمۇ ئاڭا كەڭ قويۇن.


ئالماقچى بولساڭ گەر كۆڭۈلدىن ئورۇن،

ياشىغىن مېھنەتتە، بولمىغىن ھورۇن.

ئالقاننى كەڭ ئاچساڭ يىتىم- يىسىرگە،

ئۆتمەيسەن  ھاياتتا مەڭگۈ خار- زەبۇن.


ئويلىساڭ ئۆلۈمنى، قىلما ئەسكىلىك،

ئەدەبنى دوست بىلگىن، بولما بەدقىلىق.

بەدقىلىق ئىنساندىن ھايۋانمۇ بىزار،

ئايرىلسا دەريادىن ياشالماس بېلىق.


بولمىغىن ھاياتتا سەن ئۆزۈڭ لالما،

تەمەخور ئىنسانغا ئايلىنىپ  قالما.

كۈنى تەس ھەر جايدا لالما ئىتلارنىڭ،

كۆرگەنلەر ئۇنىڭغا ئېتىشار چالما.


ھەسەتخور ئىنساندىن كەلمەس ياخشىلىق،

ھەر كۈنى زەھەردە قىلار ناشتىلىق.

كۆنگەندۇر خۇي- پەيلى گۇمانخورلۇققا،

ئۆلسىمۇ، ھەسەتتە ئۆلگىنى ئېنىق.


تاپمىغىن ھەرگىزمۇ ياخشىدىن پۇتاق،

تاپساڭمۇ چىقمايدۇ ئۇنىڭدىن چاتاق.

بىھۆدە ئاۋارە بولۇپ يۈرگىچە،

ئادەمدەك ياشىساڭ شۇدۇر ياخشىراق.


ئالغىن  سەن ھاياتتىن ئىبرەت ۋە ساۋاق،

شۇ ساۋاق ئىنسانغا مەنىۋى تاماق.

قۇرساقنى تويغۇزۇش بولسا مەخسىدىڭ،

ئۆتمەمدۇ بىر ئۆمۈر قەلبىڭ قاغجىراق؟…

ئىزدىنىش ژۇرنىلى، 2020 - يىل 2 - سان