سەككىزىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەد( 1867-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان). تۇڭجىنىڭ 6-يىلى (1867-يىلى) 7-ئايدا بېشىرۋاڭنىڭ ئوغلى مۇھەممەد خوشۇت چىڭۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ. مۇھەممەد تۇغما پالەچ بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى جوڭقۇرالمىغاچقا ، كىشلەر ئۇنى "پالەچ ۋاڭ" دەپ ئاتايدۇ. ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئانىسى مېھرىبانۇ ئۆز قولىدا تۇتىدۇ. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر مېھرىبانۇ دىگەن ئايال ۋاڭنىلا بىلىپ ، مۇھەممەد ۋاڭنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن. مېھرىبانۇمۇ بېشىرگە ئوخشاش چىڭ ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى سادىق بولىدۇ. ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇۋاتقان قوشۇنلىرىنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا يەرمۇ بېرىدۇ. تۇڭجىنىڭ 7-يىلى (1868-يىلى) قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار يەنە بىر قېتىم ئادالەت تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قۇمۇل ۋاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىدۇ. مېھرىبانۇ پائال ھەربىي خىراجەت غەملەپ، تەيجى ، بەگ ۋە ئەسكەر ئەۋەتىپ ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنىنىڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ. تۇڭجىنىڭ 8-يىلى (1869-يىلى) 3-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى مېھرىبانۇغا چىڭۋاڭ فۇجۇڭلۇق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ. تۇڭجىنىڭ 12-يىلى (1873-يىلى) 7-ئايدا ، شەنشىدىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بەي يەنخۇ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى يۈسۈپ بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپتىن ماسلىشىپ ، شەھەر ئىچىنى ئىشخال قىلىدۇ. 8-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بەي يەنخۇ مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ، مېھرىبانۇنى ۋە قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر دېھقانلاردىن 2000دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بوغازغا چېكىنىدۇ. 9-ئايدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى ئۇلارنى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. بەي يەنخۇ تەڭ كېلەلمەي، قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ، غەرپكە چېكىنىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى لىياۋدۇنغىچە قوغلىشىپ بېرىپ، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ. ئەمما مېھرىبانۇ بەي يەنخۇ تەرىپىدىن چىقتىمغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن ، شەھەر ئىچى خارابىيلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆي -ئىمارەت ۋە سېپىللارنى رىمونت قىلىشقا 20 سەر تەڭگە بېرىدۇ. خىراجەت يەتمىگەچكە ، مۇھەممەد چىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ 10 يىللىق مائاشى ئۈچۈن 20مىڭ سەر تەڭگە قەرز ئالىدۇ(قۇمۇل ۋاڭنىڭ يىللىق مائاشى 2000سەر تەڭگە ئىدى) . بەي يەنخۇ چىقتىمدىن تۇرپانغا كېلىپ، مىللى مەنپەئەتىنى سېتىپ، قوقان خانلىقىنىڭ ئەمەلدارى ياقۇپ بەگكە تەسلىم بولىدۇ. بۇلار مېھرىبانۇنى بۇگۈرگە ئېلىپ كېلىپ، يوشۇرۇپ قويىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى مېھرىبانۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ، ياقۇپ بەگ كۆرۈنۈشتە ئۇنى قايتۇرۇشقا ماقۇل بولغان بولۇپ، ئاستىرتتىن قومۇلغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشقا پائال تەييارلىق كۆرىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سۈيقەستىنى سېزىۋېلىپ، گۇاڭشۈينىڭ 3-يىلى (1877-يىلى) 4-ئايدا ، ئەسكەر چىقىرىپ تۇرپانغا ھۇجۈم قىلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى چىقتىم، پىچان، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئارقا -ئارقىدىن ئىشغال قىلىدۇ. ياقۇپ بەگ بىلەن بەي يەنخۇ غەربىي جەنوپقا قاراپ قاچىدۇ. يىل ئاخىرىدا چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى ياقۇپ بەگنى ، بەي يەنخۇنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى تۇرپاننى تارتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە مەجبۇرى ئېلىپ كېلىنگەن قۇمۇللۇق دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇلغا قايتۇرىدۇ. گۇاڭشۈينىڭ 4-يىلى (1878-يىلى) 1-ئايدا ، مېھرىبانۇمۇ چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا قۇمۇلغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. بۇ چاغدا ۋاڭ ئوردىسى تېخىمۇ خارابىيلىشىپ، ۋاڭنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىشىمۇ تەس بولۇپ قالغانىدى. 5-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاڭ ئوردىسىغا تۇرمۇش خىراجىتى قىلىش ئۈچۈن 20مىڭ سەر تەڭگە بېرىدۇ.

ئۇرۇش يىللاپ داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن، جايلاردىكى ۋاڭ-گۇڭلارنىڭ تولىسى خەلق ئارىسىغا كىرىپ، پۇقرا قىياپىتىگە كىرىۋالغان، كونا تۈزۈلمىنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغانىدى. ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى تېزرەك قايتا تىكلەش ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى جايلاردا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىلىرىنى تەسسس قىلىدۇ. قۇمۇل ئۇرۇش ۋەيرانىچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇمۇل ۋاڭنىڭ " قول ئاستىدا ئۇيغۇرلار يەنىلا كۆپ" ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تەشكىلى ئاپىراتلىرى يەنىلا مۇكەممەل ئىدى. چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەمما قۇمۇل ۋاڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە زۆرۇر چەكلەرنى قويۇپ، "قۇمۇل تۇڭپەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى قوشۇمچە باشقۇرىدۇ" ، " بارلىق دەۋا ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت سوراپ، ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن يوقىرىغا مەلۇم قىلىنىدۇ" ، ئەگەر بەگلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ، يوقىرىنىڭ ئۇلارنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. گۇاڭشۈينىڭ 8-يىلى (1882-يىلى) مۇھەممەد ۋاپات بولىدۇ. مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ۋە قېرىنداشلىرى بولمىغاچقا ، قۇمۇل ۋاڭىنىڭ نەسەبى مۇشۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.