مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن
مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن (مُحَمَّدُ بنُ الحَسَنِ بنِ فَرْقَدٍ الشَّيْبَانِيُّ الكُوْفِيُّ): مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئىبنى فەرقەد ئەششەيبانىي ئەلكۇفىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 131 – 189 / م. 749 – 805) ئىراق فەقىهى، تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك فىقھشۇناسلارنىڭ بىرى. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ ئۈچىنچى ئىمامى ۋە تارقاتقۇچىسى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ۋە ئىمام ئەۋزائىي قاتارلىق زاتلارنىڭ شاگىرتى. ئىمام شافىئىينىڭ ئۇستازى. مۇھەددىس، تىلشۇناس، قازى. زاكاۋەتتە، فاساھەتتە مىسلىسىز زات. ئەسەرلىرىدىن «ئەلمەبسۇت»، «ئەسسىيەر»، «ئەززىيادات»، «ئەلجامىئۇسسەغىر»، «ئەلجامىئۇلكەبىر» ۋە «ئەلھۇججە ئەلا ئەھلىل مەدىنە» قاتارلىقلار مەشھۇردۇر.