ئەلمۇۋەتتا

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى مۇۋەتتا)

ئەلمۇۋەتتا (ئىتتىپاقلاشقان ھەدىسلەر توپلىمى / الموطأ)»، بۈيۈك مۇھەددىس، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان مالىكىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) تەرىپىدىن خەلىپە ئەبۇ جەئفەر ئەلمەنسۇر (ھ. 136 – 158 / م. 754 – 775 ئارىلىقى ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى) نىڭ تەكلىپى بىلەن تۇنجى بولۇپ فىقھىي تەرتىپ بويىچە توپلانغان ئەڭ مەشھۇر ھەدىس كىتابىدۇر.

«قولايلاشتۇرۇلغان» ياكى «ئىتتىپاقلاشقان» دېگەن مەنىدىكى «ئەلمۇۋەتتا» كەلىمىسى ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بۇ كىتابنىڭ سەھىھلىكى ۋە توغرىلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئۇ «سەھىھەين»دىن كېيىنكى مەرتىۋىدە كەلسىمۇ، بەزى ھەدىسشۇناسلار ئۇنى «سەھىھەين»نىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇ ئەسەر «مەرفۇﺋ» ھەدىسلەردىن باشقا «مەۋقۇف»، «مەقتۇﺋ»، «مۇرسەل» ۋە «بەلاغەت» تۈردىكى ھەدىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى، ئىمام مالىك يەنە كۆپچىلىك ئالىملار«مۇرسەل» ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. يەنە ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 368 – 463 / م. 978 – 1071) ئۇنىڭدىكى «مۇرسەل» ۋە «بەلاغەت» ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 61 ھەدىستىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن تۆت ھەدىستىن باشقىسىنى باشقا ئالىملار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغانلىقىنى يەكۈنلەپ «تەنۋىرۇل ھەۋالىك» ناملىق ئەسەر يازغان.

شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆت ھەدىسنى باشقا ئالىملار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. ئىمام مالىك بۇ كىتابىنى تۈزگەن 40 يىل ئىچىدە ئۇنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغان شاگىرتلىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن يەھيا ئەللەيسىي (ھ. 152 – 234 / م. 769 – 848)، (71 بۆلۈم، 703 باب ۋە 1823 ھەدىس. ئادەتتە ‹مۇۋەتتا› دېيىلسە مۇشۇ رىۋايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ) مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي (ھ. 131 – 189 / م. 749 – 805) (1008 ھەدىس) رىۋايەتلىرى مەشھۇردۇر.

مەنبەلەر تەھرىرلەش