مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى

ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىنو سەنئەتكارى _ مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى 1997 -يىلى 8 -ئاينىڭ 28 -كۈنى سەھەردە تىياتىر سەھنىلىرى كىنو ئېكرانلىردا ماھىرىلىق بىلەن يارقىن ئوبراز يارىتىپ ،خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بىر تالانتلىق سەنئەتكارنىڭ يۈرىكى ئۇشتۇمتۇت سوقۇشتىن توختىدى ، ئۇنىڭ ۋاپاتى تىياتىر ۋە كىنو سەھنىلەردە ئورنىنى تولدۇرۇپ بولمايدىغان ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇق قالدۇرۇلدى . ، ئۇ ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىنو سەنئەتكارى مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى ئىدى. مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ھاجى يۇقىرى قان بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭىگە قان قويۇلۇش سەۋەبىدىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتۈپ ، ئائىلىسى ،پەرزەنتلىرنى ، ئۆزى بىر ئۆمۈر ئەقىدە باغلىغان ، يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلغان كىنو - تىياتىر ئىشلىردىن تولىمۇ بىمەھەل ئايرىلدى .

مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان 1930 -يىلى 12 - ئايدا قەشقەر شەھىردە بىر تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يەركەندە ئوقۇپ تاماملىدى. شۇ يىللاردا قەشقەر ، يەركەن دىيارىدا مەدەنىي ئاقارتىش ، سەنئەت ئىشلىردا تازا گۈللەنگەن بولۇپ بۇ چاغلاردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردا « غىرىپ - سەنەم » ، « تاھىر - زۆھرە » ، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» « كۈرەش قىزى » ، « ئەجەل ھۇدۇقۇشىدا » ، « شاڭخەي كېچىسى » ، « ئارشىن - مال ئالان » ،« چىن مودەن» ، « ئانارگۈل » ، « جاھالەتنىڭ جاپاسى »، « غۇنچەم » ، « گۈلنىسا » ، « يېتىم بالا » قاتارلىق كۆپلىگەن دراما ، ئوپېرالار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەھنىلەشتۈرۈپ ئوينىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بىيتىپ ، ئۇزىنىڭ غايەت زور تەسىرى نامايەن قىلغان ئىدى، مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان كىشلەر ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ مۇشۇنداق ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا سەنئەتكە ئىشتياق باغلاپ قالىدى . ئۇ دادىسىنىڭ ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش توغرسىدا قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ ئېرەن قىلماي ،كەلگۈسىدە بىر يېتىلگەن سەنئەتكار بولۇشىنى ئۆزىنىڭ تىرىشىش نىشانى قىلدى . ئۇ ئۇقۇشنى تاماملاپ ، 1950 - يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ 1953 - يىلىغىچە يەركەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس ۋە ئۆمەك باشلىقى 1953 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە قەشقەر جەنۇبى شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بولۇپ ،سەھنە ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق قەدەم بىلەن باستى.

ئۇ 1950 - يىلدىن 1953 يىلىغىچە يەركەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە تارىخىي دراما « قانلىق داغ » دا زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكار باش پېرسوناژ ئەيسا ،دراما تورگ زۇنۇن قادىرنىڭ ئەسىرى « گۈلنىسا » دا باش پېرسوناژ پولات ، « ئارشىن - مال ئالان » دا سۇلايمان، « باي ۋە مالاي» دا غۇپۇر رولىنى 1953 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە قەشقەردە « ئاكا - ئۇكا » ئۇكا ، سوۋېت درامىسى « يېڭى يەر شاھى سۆزەنە» دە دېھقانباي رولىنى ،1956 يىلىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر شىنجاڭ ئۇپېر ئۆمىكىدە « ئاۋغۇست بورانلىرى » درامىسىدا جاۋ لىيەنجاڭ ، « غۇنچەم » درامىسىدا ئۇمەر شاڭيۇ ، « غىرىپ - سەنەم »دا جالالىدىن مۇللام ، شاۋاز ۋەزىر رۇلىنى « مەسلىھەت چېيى » دا ئىبراھىم ئۇستام، « رابىيە - سەئىدىن» دە باقۇپ باينىڭ رولىنى ، « چىن مودەن» دە قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ ۋاڭنىڭ رولىنى ، « مۇقام ئۇستازى » دا قېدىرخان، سوۋېت درامىسى « نۇرخان» دا مۇتەئەسسىپ سەكار رولىنى ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ، يەنە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئۇيۇشتۇرغان بىر نەچچە رادئىو درامىسىدا ئېدىسوننىڭ ئاۋازىنى بەرگەن بولۇپمۇ ئۇنىڭ « غۇنچەم » درامىسىدىكى ئۇمەر شاڭيۇ ئوبرازى ھېسسىياتلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان. ئۇنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمىگەن .

مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان دراما ، ئوپېردالاردا رول ئېلىشىقا ماھىر بولۇپلا قالماي ،كىنو ئېكرانىدىمۇ كۆپلىگەن ئىجابىي سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان ، شىنجاڭ تىياتىرچىلىقى كىنو سەنئىتىگە ئالاھىدە تۆھپە قۇشقان تالانتىلىق سەنئەتكار ، شىنجاڭ كىنو مۇنبىرگە ئەڭ بۇرۇن چىققان پېشقەدەم ئارتىسلارنىڭ بىرى ، ئۇ 1959 - يىلى شىنجاڭ كىنۇ سىتودىيىسى ( ھازىرىقى تەڭرىتاغ كىنۇ سىتودىيىسى ) رەسمىي ھېكايە فىلىم ئىشلەشكە كىرشىكەندىن كېيىن شاڭخەي كىنۇ سىتودىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئالىي كوپىرتسىيە قۇرۇش مەزمۇنى قىلغان ھېكايە فىلىم « بوستانلىقتا تەنتەنە » باي دېھقان توختى رولىنى ئىلىپ ئېكىرانىغا قەدەم باسقاندىن كىيىن 1962 - يىلى « ئانارخان» فىلىمدە بىر سەكىرەپ سەلبىي پېرسۇناژ زومىگەر پومېچىك ئوسمان قازى ئوبرازىنى كۆپ يىللىق سەھنە ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتتى ، ئوسمان قازى ئازادلىقتىن ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنۋېلىپ ،زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىپ ،نارسىدە قىزلارنى ئاياغ - ئاستى قىلىپ خەلقنى زار -زار قاقشاتقان ئەشەددىي زومگەرلەرنىڭ تىپىك ئوبرازى شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيە كەلگەندىن كېيىن دىنىي تەقۋادارلىق تونىغا ئورۇنۋېلىپ ، باشقىلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى قوغداپ قىلشقا ئۇرۇنغان، ئىلغارلىق چۈمپەردىسىنى تارتىۋىلىپ ، يەر ئىسلاھاتىغا ، يەر ئىسلاھاتى كادىرلىرىغا ،پارتىيگە قارشى سۆز - ھەرىكەتلەرگە قۇتراتقۇلۇق قىلىغان ۋە پەردە ئارقىسىدا قۇماندانلىق قىلغان سېپى ئۆزىدىن ئەكسىيەتچى قانخور ئىدى ، مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ئوسمان قازىنىڭ قۇۋ ،زالىم، ۋەھشىلىكىنى ،ئىككى يۈزلىملىك خاراكتىرى روشەن يورۇتۇپ بىرش ئۈچۈن ئۆزى ئۆتمۇشتە كۆرىگەن ۋە يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە كۈرەش تاتىلغان ، باستۇرۇلغان زۇمگەرلىك ئەھۋالىنى، « غۇنچەم » درامىسىدا ئۇزى ياراتقان زالىم پومېشچىك ئۇمەر شاڭيۇ خاراكتىرىدىكى ئالاھدىلىكىنى جۇغلاپ ۋە يەكۇنلەپ، ئۇنى بيېتىپ سەلبىي پېرسوناژ ئوبرازىنى كىشىلەر قايىل قىلارلىق دەرىجىدە سۈرەتلەپ بىرىپ ،تاماشىبنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى ۋەچوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن يەنە 1982 - يىلى « غىرىپ - سەنەم »دا جالالىدىن مۇللام، 1983 - يىلى بېيجىڭ كىنۇ سىتودىيىسى ئىشلىگەن« قۇم-شېغىل رۇھى » فىلىمدە ئىشخانا مۇدىرى، ئۈچ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى « كۆلەڭگە» دە چەت ئەلدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر يۈسۈپ ئەپەندى ئوبرازىنى ياراتتى .

مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان 1993 - يىلى يازدا تارىخىي ھېكايە فىلىم « ئاماننىساخان» ۋە شۇ ناملىق بەش قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى يەركەن سەئىدىيە خانلىقنىڭ ئوردا ۋەزىر ،مۇقامشۇناس شائىر قېدىرخان يەركەندنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. شۇ مەزگىلىدە ئۇنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى بولماي ،كېسەل ئازابى ئۇنى پات -پات قىيناپ تۇردى،لېكىن ئۇ قىلچىمۇ ۋايسىماي ئاجىرغىچە بەرداشلىق بىرىپ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى.

مۇ ھەممەت ئىبراھىمجان ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ سەھنە ۋە ئېكران ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىش بىلەن ئۇز تالانتىنى ئەلگە تونوتقان داڭلىق سەنئەتكار ئىدى. ئۇ ھايات چىغىدا ش ئۇ ئا ر كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، درامىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك 2 - دەرىجىلىك ئارتىس ، ئۇ رول ئالغان تىياتىر ، كىنولارنىڭ ئىچىدە « غۇنچەم » درامىسىدا ئۇمەر شاڭيۇ ، « ئانارخان» ئوسمان قازى ئوبرازلىرى زور نامايەندە سۈپىتىدە تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى. [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش