مېسسوپوتامىيە (قەدىم يۇنان: Μεσοποταμία \Mesopotamia\ئىككى دەريا ئارىسىدىكى رايون؛ سۈرىيانىچە: ܒܹܝܬܼ ܢܲܗܪ̈ܝܼܢ\بەيت نەھرى\ دەريالار ئۆلكىسى)، ئوتتۇرا شەرقتە، دەجىلە ۋە ڧىرات دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا قالغان رايون. مېسسوپوتامىيە كۈنىمىزدە ئىراق، شىمالدا سۈرىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاناتولىيە ۋە غەربىي جەنۇبىيدا ئىران توپراقلىرىدىن تەشكىل تاپماقتا. بۈيۈك قىسمى بۇگۈنكى ئىراقنىڭ چىگرىسى ئىچىدە قالغان رايون، تارىختا نۇرغۇن مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولغان.[1] مېسسوپوتامىيەدە يەر ئالغان شەھەرلەر داۋاملىق كېڭەيمەكتە.[2] شۇنداقلا بۇ رايوندا كۆپ مىقداردا نېفىت چىقىدۇ.

مېسسوپوتامىيەنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى

مېسسوپوتامىيە، بەئزى مەنبەلەردە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتالماقتا. بەرىكەتلىك توپراقلارى ۋە ئۇيغۇن ئىقلىم شەرتلىرى سەبەبى بىلەن ناھايىتى كۆھنە زامانلاردىن بېرى ئولتۇراق ھاياتقا سەھنە بولغان ۋە نۇرغۇن ئىستىلاغا دۇچ كەلگەن. بىلىنگەن تۇنجى ساۋادلىق توپلۇقلار ياشىغان رايوندا نۇرغۇن مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان. مېسسوپوتامىيە سومېر، بابىل، ئاسۇر، ئەقەد ۋە ئەلام قاتارلىق ئەڭ كۆھنە ۋە بۈيۈك مەدەنىيەتلەر توغۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان يەردۇر.

ھېچقاچان مېسسوپوتامىيە دەپ ئاتالغان ئېنىق بىر سىياسىي مەۋجۇدىيەت بولمىغاندەك ئېنىق بىر ئىدارىي رايون ھەم بولمىغان. ئاددىي مەنىدە يۇنان مۇئەررىخلىرى بۇ رايوننى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى قوللانغاندۇر.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. Britannica ئېنىسىكلوپېدىيىسى
  2. "Archive copy". Archived from the original on 2015-05-18. Retrieved 2016-11-26.CS1 maint: archived copy as title (link)