مېلانېزىيە (خەنزۇچە: 美拉尼西亞) تىنچ ئوكياندىكى ئۈچ چوڭ تاقىم ئارال مىكرونېزىيە ، پولېنىزىيە لەرنىڭ بىرى مېلانېزىيە دېگەن نام گىرىكچىدىن كەلگەن بولۇپ ، مەنىسى نېگىرلار تاقىم ئاراللىرى دىگەن مەنىدە .

جۇغراپىيەلىك ئورنى تەھرىرلەش

مېلانېزىيە تىنچ ئوكياندىكى ئۈچ چوڭ تاقىم ئاراللارنىڭ بىرى بولۇپ 180 ° لۇق مېردىئان غەربىگە جايلاشقان. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا 4500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. بىسمارك، سولومون، سانتا كروس، يېڭى كېبرىد(ۋانۇئاتۇ) ، يېڭى كالىدونىيە ۋە فىجى قاتارلىق تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چۈشەندۈرۈش تەھرىرلەش

ئاھالىسى تەھرىرلەش

ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى مېلانېزىيىلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالسا پاپۇئالىقلار، ياۋروپالىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مېلانېزىيە تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.

كىلىماتى تەھرىرلەش

ئاراللارنىڭ كۆپى ماتېرىك ئاراللىرى تىپىغا كىرىدۇ. يانار تاغلارنىڭ پارتلاش، يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل-يېغىنى مول بولىدۇ، ھەممە جاينى ياپيېشىل ئورمان ھەم ئوت-چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

ئاساسلىقى شېكەر قومۇشى، كوفى، كاكائو، كاۋچۇك دەرىخى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ . ھەرخىل قىممەت باھالىق ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېلىنىدۇ.

كان بايلىقلىرىدىن نىكېل، خروم، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى خېلى مول .

سىرتقى ئۇلىنىش تەھرىرلەش