مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى

14- باب مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى
  237- ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىنى ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا قاراپ، ساتقۇچىدىن ئىجارە نەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدىغان، ئىجارە ئالغۇچى ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  238- ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىنىڭ مەزمۇنى ئىجارە نەرسىنىڭ نامى، سانى، ئۆلچىمى، تېخنىكىلىق خۇسۇسىيتى، پرىيوم ئۇسۇلى، ئىجارە مۆھلىتى، ئىجارە ھەققىنىڭ تەركىبى ۋە ئۇنى تۆلەش مۆھلىتى، ئۇسۇلى، پۇل تۈرى، مۆھلىتى توشقان ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى يازما بولىدۇ.
  239- ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىنى ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا قاراپ تۈزگەن سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدا، ساتقۇچى ئىجارە ئالغۇچىغا نىشان نەرسىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك، ئىجارە ئالغۇچى نىشان نەرسىگە ئالاقىدار سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
  240- ماددا ئىجارە بەرگۈچى، ساتقۇچى، ئىجارە ئالغۇچى مۇنداق پۈتۈشسە بولىدۇ: ساتقۇچى سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجارە ئالغۇچى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئىجارە بەرگۈچى ھەمكارلىشىشى كېرەك.
  241- ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساتقۇچىنى، ئىجارە نەرسىنى تاللىشىغا قاراپ تۈزگەن سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدا، ئىجارە ئالغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك توختام مەزمۇنىنى ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.
  242- ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىجارە ئالغۇچى ۋەيران بولسا، ئىجارە نەرسە ۋەيران بولغان مال- مۈلۈك ھېسابلانمايدۇ.
  243- ماددا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامىدىكى ئىجارە ھەققى ئىجارە نەرسىنى سېتىۋالغان تەننەرخنىڭ كۆپ قىسمىغا ياكى ھەممىسىگە ۋە ئىجارە بەرگۈچىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسىغا قاراپ بېكىتىلىشى لازىم، ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  244- ماددا ئىجارە نەرسە پۈتۈمگە ياكى ئىشلىتىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىجارە بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ بېكىتكەنلىرى ياكى ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە نەرسىنى تاللاشقا ئارىلاشقانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  245- ماددا ئىجارە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىجارە نەرسىنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
  246- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە ئىجارە نەرسە ئۈچىنچى كىشىنى جىسمانىي جەھەتتە زەخمىلەندۈرسە ياكى مال- مۈلۈك جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  247- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.
  ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى ئىگىلەپ تۇرغان مەزگىلدە ئاسراش- رېمونت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك.
  248- ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىشى كېرەك. سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تۆلىمىسە، ئىجارە بەرگۈچى بارلىق ئىجارە ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ توختامنى بىكار قىلىپ، ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.
  249- ماددا ئالاقىدارلار ئىجارە سۈرۈكى توشقاندا ئىجارە نەرسە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدۇ، دەپ پۈتۈشكەندە، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ھەققىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆلەپ بولغان بولسىمۇ، قالغان ئىجارە ھەققىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلىپ ئىجارە نەرسىنى قايتۇرۇۋالسا، قايتۇرۇۋالغان ئىجارە نەرسىنىڭ قىممىتى ئىجارە ئالغۇچى تۆلىمىگەن ئىجارە ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەردىن ئېشىپ كەتسە، ئىجارە ئالغۇچى بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  250- ماددا ئىجارە بەرگۈچى بىلەن ئىجارە ئالغۇچى سۈرۈكى توشقان ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئىجارە نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئىجارە نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىجارە بەرگۈچىگە تەۋە بولىدۇ.