مەدەنيەت (ئېنگلىزچە: Civilization؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 文明) سىياسى دۆلەت ياكى ئۇلۇس، جەمىيەتنىڭ ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، شەھەر-بازارلىشىش، ئاغزاكى سۆزلەشتىن يۇقىرى بولغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى (يەنى يېزىق) قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسەملىگەن بىر مۇرەككەپ جەمىيەتتۇر. كۈلتۈر بىلەن مەدەنيەت پەرقىقلىقتۇر. ھازىر دۇنيا ئېتراپ قىلىدىغان ئۈچ چوڭ مەدەنيەت ياۋۇرپا خىرىستيان مەدەنيىتى، ئسلام مەدەنيىتى، ۋە شەرقى ئاسىيا جوڭگو مەدەنيىتىدۇر. باشقا كىچىك كەنجى مەدەنيەتلەردىن ھىندى مەدەنيىتى، پىرىسلاۋىيە شەرقى ياۋورپا مەدەنيىتى، تۈركىي مەدەنيىتى، ياپونيە مەدەنيىتى، لاتىن ئامېرىكا مەدەنيىتى قاتارلىقلاردۇ. مەدەنيەتنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ، مەسلەن كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنيىتى ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان تېرىقچىلىق مەدەنيىتى. تارىخنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلىردا ئوخشاش بولمىغان مەدەنيەتلەر مەۋجۇت بولغان، مەسلەن قەدىمىكى تۆت چوڭ مەدەنيەت (نىل دەرياسى مەدەنيىتى، خۇاڭخې دەرياسى مەدەنيىتى، ئىككى دەريا مەدەنيىتى، ئافىنا\رۇم مەدەنيىتى).

مايا مەدەنيىتى (بۈگۈنكى مېكسىكا)
دۇنيانىڭ مەدەنيەتلەرگە بۆلۈنۈشۈش خەرىتىسى