مەرزەنجۈش بولسا ئۆسۈملۈك جەمبىل بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. پەي، مۇ رولى بار .كۇللارنى چىڭىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش. رولى بار.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :مەرزەنجۈش


تەمى :ئۆتكۈر پۇراقلىق، تەمى ئاچچىق

تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، تاغنىڭ قۇرۇق ئىسسىقلىقى ئارتۇقراق كېلىدۇ

چۈشەندۈرۈشى تەھرىرلەش

مەرزەنجۈشمەرزەنجۈش بولسا كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆسۈملۈك جەمبىل بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك ئادەتتە تاغنىڭ ھەم ئۆلكىنىڭ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. غولى تىك ئۆسىدۇ. يۇقىرىقى قىسمى كۆپىنچە ئۇدۇل شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى تار، تۇخۇم شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ، يوپۇرماق قولتۇقلىرىدا كۆپىنچە ئۇششاق شاخچىلىرى بولىدۇ، گۈلى كىچىك، سۆسۈن، ئۆگزىسىمان گۈل رېتى بولۇپ، كونۇس شەكلىدە توپلىشىدۇ.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • چۈشەندۈرۈشى
  • خۇسۇسىيتى
  • خاس تەسىرى
  • ئەكىس تەسىرى
  • فارماكولوگىيلىك تەسىرى
  • ئۆنۈملۈك تەركىبى
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • دورىلىق ئورنى
  • مىقدارى
  • تۈزەتكۈچىسى
  • ئورۇنباسارى
  • ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
  • كېسەللىك مىسالى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

خۇسۇسىيتى تەھرىرلەش

يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى تازىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، مەددە قۇرتىنى چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، ھامىلىنى ساقلاش، تال خىزمىتىنى ياخشىلاش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش.

خاس تەسىرى تەھرىرلەش

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى تەھرىرلەش

بۆرەك ۋە دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى تەھرىرلەش

1. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار. 2. ئىممۇنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەسىرى بار.  3. سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارغا نىسبەتەنمۇ تەسىرى بار ئۇلاردىن باشقا يەنە سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار.

خاس تەسىرى تەھرىرلەش

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى تەھرىرلەش

بۆرەك ۋە دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى تەھرىرلەش

1. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار. 2. ئىممۇنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەسىرى بار.  3. سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارغا نىسبەتەنمۇ تەسىرى بار ئۇلاردىن باشقا يەنە سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار.

ئۆنۈملۈك تەركىبى تەھرىرلەش

تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي ھەم ستاخىئوزا قاتارلىق ماددىلارنى تۇتىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

مەرزەنجۈش1.  مەرزەنجۇشنى ئەنجۈر سۈيى بىلەن ئىچسە نەپەس سىقىلىش ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ.

2. 15گرام مەرزەنجۇشنى قاينىتىپ سۈيىگە سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3. 10گرام مەرزەنجۇشنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

4.  مەرزەنجۇش بىلەن خىيار شەنبەردىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ قوشۇپ ئېزىپ، ھەر خىل تاياق زەخىملىرىگە چاپسا، ئاغرىق پەسەيتىدۇ ھەم كۆكنى يوقىتىدۇ.

5. مەرزەنجۇشنى چاينىسا، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

6. توققۇز گرام مەرزەنجۇشنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە چايان چاققان يەرنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.

7. 10 گرام مەرزەنجۇش ئېزىپ، گۈل يېغى بىلەن ياكى يەككە ھالەتتە بەدەنگە چاپسا، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، مۇپاسىل، قۇلۇنجى، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى تەھرىرلەش

ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى .

مىقدارى تەھرىرلەش

15 گرامغىچە بېرىلىدۇ.،

تۈزەتكۈچىسى تەھرىرلەش

كاسىنە، سېمىز ئوت،ئاچچىق ئەمزى.

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

تاغ يالپۇزى

دورىلىق ئورنى تەھرىرلەش

ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى .

مىقدارى تەھرىرلەش

15 گرامغىچە بېرىلىدۇ.،

تۈزەتكۈچىسى تەھرىرلەش

كاسىنە، سېمىز ئوت،ئاچچىق ئەمزى.

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

تاغ يالپۇزى

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى تەھرىرلەش

شەربىتى مەرزەنجۈش، ئوكۇلى مەرزەنجۈش.

كېسەللىك مىسالى تەھرىرلەش

يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، ئۆپكە ياللۇغى، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، سوغۇقتىن بولغان سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى، قاتتىق ئىششىق، پالەچ، يۈز نېرۋىسىنىڭ پالىچى، بەدەن ئاجىزلىق، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە  مەددە قۇرتلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم

قامۇس