مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى

مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى (باشقىچە نامى: مەركىزى بانكا دىگىتال پۇلى؛ رەقەملىك پۇل، دىگىتال پۇل؛ س ب د س؛ ئېنگلىزچە: Central bank digital currency) بىر خىل مەركىزى بانكا تارقاتقان رەقەملىك پۇلدۇر. مەركىزى بانكا تارقاتقان قەغەز پۇل ۋە تەڭگىگە ئوخشاش رەقەملىك پۇلمۇ بىر خىل دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى نامىدا تارقاتقان قانۇنلۇق پۇلدۇر.

مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى ئىدىيەسى ئاساسلىقى بۆلەكچە زەنجىرى تېخنىكىسى ۋە شىفىرلىق پۇل سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن. مەركەزسىزلەشكەن دەپتەر تېخنىكسى ئاساسىدىكى شىفىرلىق پۇللار مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرسىدۇر. مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى چىقىم ۋە ئېلىم-بېرىمنىڭ ناھايىتى تېز سۈرەتتە بىخەتەر تاماملىشىغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىرقى دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈندىدا چىقىمدانى ۋە ئالىبابا چىقىمدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەقەت قەغەز پۇلنى سانغا ئايلاندۇرۇپ توردا چىقىم قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل كۆچمە چىقىم ئەپلىرىنىڭ تېگى يەنىلا قەغەز پۇلىنى بانىكىلار ئۆز-ئارا پەردە ئارقىسىدا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى پەقەت ئىنتېرنىت تورىدا ھەركەت قىلدىغان، قەغەز پۇلغا بېقىنمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى رەقەملىك پۇلدۇر.