مەسئۇد پېزېشكىيان

مەسئۇد پېزېشكىيان ئىراننىڭ جۇمھۇر رەئىسىدۇر. مەسئۇد پېزېشكىيان 2024-يىلى 7-ئايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا رەقىبىنى يېڭىپ ئىرانننىڭ ېېڭى جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئالدىنقى جۇمھۇر رەئىس ئىبراھىم رەئىسى تىكئۇچار ۋەقەسىدا قازا تاپقان. بۇ قېتىملىق سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى % 49.8 بولغان، سايلامدا جەمئىي 30 مىليون 530 مىڭ 157  كىشى بېلەت تاشلىغان، پېزېشكىيان 16 مىليون 384 مىڭ 403 ئاۋازغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئومۇمىي ئاۋازنىڭ % 53.7 تىكە ئېرىشكەن. رەقىبى يەنى مۇھاپىزىكار نامزات سەئىد جېلىلى بولسا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ % 44.4 تىكە ئېرىشكەن. مەسئۇد پېزېشكىياننىڭ دادىسى ئەزەر، ئاپىسى كۇرت، ئۆزى تۈركچە، كۇردچە، ۋە پارىسچە تىلدا سۆزلىشەلەيدۇ. مەسئۇد پېزېشكىيان مۆتىدىل كونسېرۋاتىۋ كاندىدا بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز قارشى ئالدىنقى جۇمھۇر رەئىس ئىبراھىم رەئىسى، ئەنئەنىۋىچىلەر، جاھىللار، پىرىنسىپچىلاردىن، ۋە ئۇلترا كونسېرۋاتىۋلاردىن پەرىقىلىق. مەسئۇد پېزېشكىيان غەرب دۇنياسى بىلەن قايتىدىن ئۇچىرىشىشنى، ئىراننى دۇنياغا ئېچىشنى، ئىش يارىتىشنى، ئىقتىسادنى ياخشىلاشنى، دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت بەرپا قىلشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.