مەسەل بىرەر ئىش - ۋەقە ئوخشىتىش خاراكتېرلىك ھېكايىنىڭ ياردىمىدە چۈشەندۈرۈلىدىغان ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ھەجىمى كىچىك، سۇژىتى (ۋەقەلىكى) ئاددىي، ئادەتتە كىنايىلىك ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ھېكايىلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

مەسەللەرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى: ئۇنىڭ باش تېمىسىغا بىرەر كىنايە يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدا بىرەر مۇرەككەپ قائىدە ئاددىي ھېكايە ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مەسىلەن، «ئۈجمە تېگىدە ئولتۇرۇپ توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش» دېگەن مەسەلدە توشقاننى قانداق كۈتۈش كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈلۈپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى مۇنداق بىر ئومۇمىي ۋە ئابستراكت قائىدىنى: ناۋادا شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تاسادىپىيلىقى مۇقەررەرلىك دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا مۇنداق تاسادىپىيلىقنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىنى كۈتۈش ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىك بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. بەزى كىنايىلىك مەسەللەرنىڭ مەنىسى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا ئۇنىڭدا ئومۇمىي ۋە چوڭقۇر مەنىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

مەسەللەردە ئادەتتە ئادەم باش قەھرىمان بولىدۇ، ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر باش قەھرىمان بولىدىغانلىرىمۇ بار، ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر باش قەھرىمان بولىدىغان مەسەللەردە ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەر جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئادەملەشتۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسەللەرنىڭ ھامان ھېكايىسى بولىدۇ. ئەمما، سۇژىتى ئەگرى - توقاي، مۇرەككەپ بولمايدۇ. ھەمىشە مۇبالىغە ۋە تەسەۋۋۇر ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئەمما بىمەنىلىك دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ. مەسەللەردە ئوخشىتىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت ئوخشىتىش خاراكتېرلىك ھېكايىنىڭ ياردىمىدە ئومۇمىي ئەھمىيىتى بار قائىدىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.


مەسەل ئىجادىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەمىنىيە − يېغىلىق دەۋرلىرىدە تازا ئەۋج ئالغان، »ئۆز - ئۆزىگە زىت«، »ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇشى«، »ياچىۋەك تومۇزغىنىڭ كويىدا يۈرسە، سېرىق قۇشقاچ ياچىۋەكنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ«، »يېگۇڭنىڭ ئەجدىھانى ياخشى كۆرۈشى« قاتارلىق مەسەللەر ئىنتايىن نادىر ئەسەرلەردۇر. كېيىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ليۇ زۇڭيۈەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ليۇ جى قاتارلىقلارمۇ »گۇيجۇ ئېشىكى«، »ئاپېلسىن ساتقۇچىنىڭ ۋەسىيىتى« قاتارلىق مەشھۇر مەسەللەرنى يازغان.

چەت ئەللەردە »ئىزوپ مەسەللىرى« مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرلەردە يۇناندا كەڭ تارالغان. ھازىر بىز كۆرۈپ يۈرگەن »ئىزوپ مەسەللىرى«نى كېيىنكىلەر توپلاپ كىتاب قىلغان. ئۇنىڭغا3 -4 يۈز مەسەل كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەم خەلقنىڭ ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەش تەجرىبىلىرى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.