مەشرەپ
‹‹ئۇيغۇر مەشرەپلىرى›› ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان، جانلىق بىر خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولۇپ، بۇ ئالاھىدە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق مەدەنىيىتى ۋە خەلق سەنئىتىنىڭ بارلىق تۈرى ۋە جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
تارىخى
تەھرىرلەش‹‹مەشرەپ›› ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ‹‹يىغىلىش، سورۇن›› دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئاممىۋى خاراكتېرلىك يىغىلىش، ئەل ئىچى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە مۇشۇ سورۇن پائالىيەتلىرىنى ‹‹مەشرەپ›› دېگەن سۆز بىلەن ئاتايدۇ. ‹‹مەشرەپ›› ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلق سەنئىتى جۇغلانغان، ئۆرپ–ئادەت، قائىدە–يوسۇن، ئەدەپ–ئەخلاق ئۆگىتىدىغان مۇھىم پائالىيەتتۇر. چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش– تەبرىكلەش پائالىيەلىرىنى ئۆتكۈزۈش، سورۇن تۈزۈپ ئەلنەغمە ئورۇنلاش، بايرام–باراۋەت قىلىش ئۇيغۇرلادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى. مەشرەپ گەرچە چوڭ جەھەتتىن تەشكىللىك–قائىدىلىك ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىختىيارىيلىقمۇ ساقلانغان بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى
تەھرىرلەش1.مەشرەپنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ — خەلق ئىچىدە نۆۋەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋ خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، مەلۇم شەخس ياكى كوللېكتىپ ئىختىيارىي ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شەخس ياكى كوللېكتىپ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچىلەر مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى شەرەپ دەپ بىلىپ ئىختىيارىي تالىشىدۇ. بەزىدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار كۆپ بولۇپ كەتسە، مەشرەپ جامائىتى ئادىل ھالدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچىنى ئىختىيارىي تاللايدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈش بايلىق–ئابرويغا قاراپ بېكىتىلمەيدۇ، كىمنىڭ قۇربى نەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە يار بەرسە، شۇ ئىختىيارىي مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى مەجبۇرىي ھالدا تاڭىدىغان ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپقىلىدىغان ئەھۋاللار بولمايدۇ.
2.مەشرەپ سورۇنىنى تاللاشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچى شارائىتىغا قاراپ مەشرەپ سورۇنىنى ئىختىيارىي بېكىتىدۇ. ئۆي ئىچى، ھويلا–ئارام، باغ، ياكى دالا–مەيدانلاردا ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ. سورۇن تاللاشتا مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچىنىڭ پىكرىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. مەيلى قەيەردە ئۆتكۈزۈلسۇن، مەشرەپ ئەھلىنى سۇغدۇرالىسا، بىخەتەر، قولايلىق بولسىلا مەشرەپ سورۇنى قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ. مەشرەپ پائالىيىتىدە كۆپىنچە كۆپرەك ئادەمنىڭ سىغىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەڭ جايلار، ھويلا–باغلار مەشرەپ سورۇنى قىلىپ تاللىنىدۇ.
3.مەشرەپ ۋاقتىدىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئالدىنقى قېتىملىق مەشرەپتە جاكارلىنىدۇ. مەشرەپ كۈندۈزلىرى ئۆتكۈزۈلسىمۇ، كەچقۇرۇنلىرى ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. مەشرەپ ۋاقتى كەڭ جامائەتچىلىككە قولايلىق بولۇش، كۆپرەك ئادەمنىڭ قاتنىشىشنى ئاساس قىلىپ، مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچىنىڭ پىكرى ئاساسىدا ئىختىيارىيلىق ئىچىدە بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە قىش كۈنلىرى ئۆي ئىچىدە، ياز كۈنلىرى سىرتلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ماتەملىك كۈنلەردىن باشقا دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتىلىرى، ھاۋا تازا ياخشى كۈنلەر، ھېيت–بايرام كۈنلىرى، توي–تۆكۈنلەر ۋە ئالاھىدە خەيرلىك كۈنلەر مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئوبدان پەيتى ھېسابلىنىدۇ. مەشرەپ ۋاقتىنى ئىختىيارىيلىق ئىچىدە تاللاشقا بولىدۇ. مەشرەپ ۋاقتى جاكارلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، مەشرەپ ۋاقتى خالىغانچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى مەشرەپ ئەھلى بەلگىلەنگەن جايغا ئىختىيارىي يىغىلىدۇ.
4.مەشرەپكە قاتنىشىشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپكە قاتنىشى ئىختىيارىيلىق ئىچىدە بولىدۇ. قاتنىشىدىغانلارغا ئالاھىدە چەك قويۇلمايدۇ. بۇ مەشرەپنىڭ ئاممىۋىلىقىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەشرەپكە ئىشتىياق باغلىغانلىكى كىشىلەر مەشرەپكە قاتنىشىشقا بولىدۇ. مەشرەپ كۆلىمىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكىگە قاراپ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەشرەپ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە كىمنىڭ ئۆتكۈزگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر مەشرەپكە قاتنىشىشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ. ئالاھىدە ئۆزرىسى بولمىسىلا، ئۆز قەرەلىدە مەشرەپكە داخىل بولىدۇ. چوڭلار ياشلار ۋە بالىلارنى مەشرەپ سورۇنىدىن ئەدەپ–قائىدە، ئادەم بوۇش يوللىرىنى ئۆگەنسۇن دەپ، مەشرەپكە ئالاھىدە قاتناشتۇرىدۇ.
5.مەشرەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى بەلگىلەشتىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ ئۆتكۈزگۈچى مەشرەپنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدۇ. مەشرەپتە ئادەتتە مەشرەپ مەيدانىدىكى تەشكىللەشنى ئۈستىگە ئالغۇچى — ‹‹يىگىت بېشى›› ئەل ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەخلاقلىق، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەردىن تاللىنىدۇ. مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋە ئەلنەغمىچىلەرنى تونۇشتۇرغۇچى — ‹‹مىرشاپ›› نەشرەپ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قاپىيەلىك–قىزىقارلىق بېيت–قوشاقلارنى توقۇيدۇ. سورۇننىڭ يېمەك–ئىچمەك، ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپ سورۇنىنىڭ قائىدە–تەرتىپىگە مەسئۇل بولغۇچى — ‹‹قازىبەگ›› مەشرەپ ئەھلى ۋە يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەشرەپ سورۇنىدا ئەدەپسىزلىك قىلغانلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق جازالارنى بېرىدۇ. ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىپ، جازانى يولغا قويغۇچى — مىرشاپ ھەرخىل قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن مەشرەپ سورۇنىدا كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. كىمنىڭ نېمە ئىشقا مەسئۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەشرەپنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.
6.مەشرەپ مەزمۇنىدىكى ئىختىيارىيلىق. مەشرەپ بىر خىل ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، مەشرەپ سورۇنىدا ناخشا–ئۇسسۇل، ساز–مۇزىكا، قىزىقارلىق ئېيتىشىش، مەدداھلىق، لەتىپە–چاقچاق چە ھەرخىل تىياتىرلىق ئويۇنلار ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. قايسىنى ئاۋال، قايسىنى كەينىدە، قانچىلىك، قانداق ئورۇنلاشنىڭ مۇنتىزىم قېلىپى يوق. مەشرەپتە ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا نومۇر ئورۇنلايدۇ. ئادەتتە، ئون ئىككى مۇقام، خەلق ناخشا–ئۇسسۇللىرى، ئەلنەغمىلەردىن ئارىيە ئوقۇيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ياكى ئۆزلەشتۈرگەن نومۇرلار بولسىمۇ بولىدۇ. مەزمۇنى ساغلام ، مەشرەپ ئەھلىگە شادلىق بېغىشلىيالايدىغان نومۇرلار بولسىلا، مەشرەپ سورۇنىدا ئورۇنلاشقا چەك قويۇلمايدۇ. بەزىدە مەشرەپ سورۇنىدىكى سەنئەتكارلار نومۇر ئورۇنلاش جەريانىدا نەق مەيداندا ئۆزئىجادىيىتىنى قوشۇۋېتىدىغان ئاھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
باشقىلار
تەھرىرلەشرىھىم بابا مەشرەپ 1657 - يىلى تۇغۇلغان .ئۇ سەبى ۋاقىتلىرىدا قەشقەردىكى يىرىك ئىشان ئاپپاق خوجىغا چاكار بولۇپ 7 يىل تۇرغان . ئاپپاق خوجا مەشرەپنىڭ شىئېرلىرىدىن ۋە پىكىر قابىلىيىتىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلاتتى ۋە جاھىل مۇرت - سوپىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان تەقىبىنى كۆچەيتىدۇ . كېيىن بەشرەپنىڭ ئاپپاق خوجىنىڭ ھەرىمىدىكى بىر قىزغا كۆڭلى چۇشۇپ قالىدۇ ، بۇ ھال ياش ئەركىن پىكىرلىك شائىرنىڭ جىسمانى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ، سەرگاندارلىق دالاسىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەشرەپ قەلەندەر - دەرۋىشلەر تونىنى كىيىپ يۇرتمۇ - يۇرت يۇرىدۇ . ئۇ دەسلەپ يەركەن ، خوتەن ئاندىن غالدان ھۆكۇمرانلىغىدىكى ئىلىدا بىرقانچە يىل تۇرىدۇ . ئىلىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەشرەپ قەشقەردە بىرقانچە ۋاقىت تۇرۇپ ئاندىن پىيادا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرىقتىكى كەڭ رايۇنلارنى ئايلىنىپ چىقىدۇ . ئۇ بۇ رايۇنلاردا فىيۇدانلىق تۇزۇمنىڭ ئېغىر دەھشىتىنى ، ناھەقلىق ۋە زوراۋانلىقنى ، ھەرقايسۇ خانلىقلاردىكى چىرىكلىك ۋە ماجرالارنى كۆرىدۇ . بۇ جەرياندا مەشرەپ تۇۋەن قاتلامدىكى خەلىق بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن يىقىن تونىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر ھىسلىرىنى كۇيلەيدۇ .
رەھىم مەشرەپ ئۆزىنىڭ پۇتۇن سەرگاندار ھاياتىدا نۇرغۇن شىئېرلارنى ئىجات قىلغان . بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ساز بىلەن ناخشا قىلىپ ئېيتقان ، بەزىلىرىنى جامائەت تۇپلانغان جايلاردا ئوقىغان ھەتتا بازىلىرىنى ياغاچلارغا ۋە دەرەىلەرگە يىزىپ قويغان . مەشرەپ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بولۇپمۇ ناۋايى ، ھاپىز شىرازى ، ئابدۇراخمان جامى ۋە جالالدىن رومىلارنىڭ تۇركى ۋە فارىس شىئېرلىرىنى پۇختا ئۇگەنگەن . ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن شائىرلارغا قارىغاندا تىخىمۇ راۋان ، خەلىق تىلىغا يېقىن ، جاراڭلىق ۋە جۇشقۇن شىئېرى ئۇسلۇپنى ئىلگىرى سۇرگەنلىگى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ . << دىۋان مەشرەپ >> دىگەن كىتاپتا ئىيتىلىشىچە ئۇ خوتەندە بىر شىئېرى دىۋانىنى ئوتقا تاشلىغانلىغى مەلۇم .بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ << مەبدەئې نۇر >> دىگەن ئەسىرى بىزگە يىتىپ كەلگەن .
مەشرەپ شىئېرلىرى فىيۇدانلىق تۇزۇمگە ۋە بەگ سۇلتانلارغا قارىتا كۇچلۇك شىكايەت بىلەن تولغان . ئۇ ھاكىملارنى بىر تىيىنچىلىك كۆزگە ئېلمىغان . سوپى - ئىشان ، كالانلارنى مەسخىرە قىلىپ خەلىقنى ئەزىزلىگەن . ئۇ ئۆزىنى مەنسۇر ھەللاجىنىڭ مەسلەكدىشى دەپ جاكارلىغان ، مەشرەپ بۇ جەھەتتە مەنسۇر ھەللاجىدىنمۇ ئىزچىل ھالدا ئىسلام تىلوگىيىسىگىلا ئەمەس ، بارلىق روھانلىققا قارشى ئىسلام تۇغىنى ئېگىز كۆتەرگەن .
شۇنىڭ بىلەن مەشرەپكە قارشى ھۆكۇمرانلار بىرلاشمە قەسىت پىلانلاشقان ۋە ئۇنىڭ نامىغا بوھتانلارنى ئويدۇرۇشقان . ئاخىرى 1711 - يىلى ئەشتەرخانلار سۇلالىسىنىڭ زالىمى ، مەلىخ شەھىرىنىڭ ھۆكۇمرانى مەخمۇت قۇتۇغان مەشرەپنى دەھرىلىك بەدنامى بىلەن دارغا ئاستۇرغان .
رىھىم مەشرەپ 54 يىللا ياشىغان . ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسمى تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۆتكەن . مەشرەپنى ئېزىلگەن مىسكىنلەر ياخشى كۆرەتتى ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شىئېرلىرى باشقىلار تەرىپىدىن يىزىۋىلىنغان ۋە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۇپ داستان قىلىنغان ئۇنىڭ بىرمۇنچە غەزەللىرى خەلىق مەشرەپلىرىگە ، مۇقام تېكىستلىرىگە تەسىر قىلغان .