مەشغۇلات سىستېمىسى

ئېلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز كومپىيوتىردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغان ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تورغان كومپىيوتىر بىلەن، كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرغان سىزنىڭ ئارىڭىزدا قانداق ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقى توغرىسدا ئويلىنىپ كۆرگەنمۇ؟ گەرچە، كومپىيوتىر بىر فىزىكىلىق ئۈسكىنىلەردىن تۇزۇلگەن ماشىنا بولسمۇ، ئۇنىڭ ئاساسى خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئادەملەرگە بولغان تەدبىقلىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ. مەسلەن ئېيتايلۇق، ھەرقانداق ئادەم تەن بىلەن روھنىڭ بىرلەشمىسدىن تۇزۈلگەن بولىدۇ. ھەر بىر تەن مۇكەممەل روھنىڭ بىرلەشمىسى ئارقىلىقلا ئاندىن ئۆز ۋۇجۇدلىقىنى نامايان قىلالايدۇ. روھتىن ئايرىلغان تەننىڭ ھىچقانداق ئەمگەك ئىقتىدارى يوق بۇلۇپ بىز ئۇنى ئۈلۈك دەپ ئاتايمىز. بۇ قانۇنىيەتنى كومپىيوتىرغا تەدبىقلىساق، تەن --- كومپىيوترنىڭ قاتتىق دىتالى، روھ ئۇنىڭ يۇمشاق دىتال قىسمىدۇر.

يۇمشاق دىتال قاچىلانمىغان كومپىيوتىر خۇددى ئۈلۈككە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇمشاق دىتاللار كومپىيوتىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مىنىڭ تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغىنىم كومپىيوتىر يۇمشاق دىتاللىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسى ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان يۇمشاق دىتال----كومپىيوتىر مەشغۇلات سېستىمىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۇشەنچىلەردىن ئىبارەت.

.مەشغۇلات سېستىمىسى دىگەن نىمە؟ تەھرىرلەش

مەشغۇلات سېستىمىسى دىگىنمىز كومپىيوتىرنىڭ بارلىق قاتتىق ئۈسكىنىلىرى( مەسىلەن ئىكران، ئانا تاختا، توك مەنبەسى، پىرىنتىر، سىكەنىر.... قاتارلىقلار) ۋە يۇمشاق دىتاللىرى ( مەسىلەن ئەل كاتىپ، فوتوشوپ، ئېكسىل....قاتارلىقلار ) نى كونتىرول قىلىش ۋە باشقۇرۇش ۋەزىپسىنى ئارتقۇزۇپ، كومپىيوتىر ئىشلەتكۇچىسى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىدىغان، پىروگرامما ۋە سانلار قۇرۇلمىسنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلغاندا ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.

سېستىما چۈشەنچىسى بۇيىچە، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ كومپىيوتىر قاتتىق دىتاللىرى ئىچىدىكى يادرو بۇلۇپ، كومپىيوتىرنىڭ يۈرىكى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا، مەشغۇلات سېستىمىسى بولسا كومپىيوتىر يۇمشاق دىتاللىرى ئىچىدىكى يادرو، ئۇ چوڭ مىڭىگە باراۋەر بولۇپ كومپىيوتىر سېستىمىسىدىكى كونتىرول مەركىزى؛ ئەڭ ئاساسى، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مۇرەككەپ بولغان سېستىما يۇمشاق دىتالى.

كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلەتكۈچى ۋە كومپىيوتىر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش سۇپىسى. ئەگەر مەشغۇلات سېستىمىسى بولمىسا، ئىشلەتكۈچى مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق كومپىيوتىرنى پەقەتلا ئىشلىتەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭلاشقا كومپىيوتىرنى قولاي، جانلىق ۋە بىخەتەر ئىشلىتىشكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ياردىمى بۇلۇشى كېرەك. مەسلەن بىز پىرىنتىرد خەت بېسىپ چىقارماقچى بولغاندا، پەقەت ھۆججەتنى تەييارلاپ، مەشغۇلات سېستىمىسىغا "بېسىپ چىقىرىش" دىگەن بويرۇقنى بەرسەكلا، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئارلىقتىكى نۇرغۇن مۇرەككەپ جەرياندىن خالى ھالدا، پىرىنتىرنىڭ چىقىرىش ئېغىزىدىن نەتىجىگە ئېرىشمىز. ئەمىليەتتە، ئۇ خەتنى بېسىپ چىقىرىش كومپىيوتىرنىڭ ئىچكى قىسمىدا خېلىلا مۇرەككەپ بىر جەريان ئارقىلىق ئۇرۇندىلىدۇ؛ ئادەتتە، ئىشلەتكۈچى بىلەن كومپىيوتىر ئارىسدىكى ئالاقە شەكلى ئۈچ خىل بولىدۇ.

بۇيرۇق شەكلى تەھرىرلەش

ئىشلەتكۈچى كۈنۈپكا تاختىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپلا، كومپىيوتىرنىڭ ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بىر نەچچە يىل بۇرۇن كوپ ئىشلىتىلگەن DOS مەشغۇلات سېستىمىسى مۇشۇ خىل تىپقا تەۋە.

كىچىك پىروگراممىلار بىرلىكىنى يۆتكەپ قوللىنىش شەكلى تەھرىرلەش

بۇنىڭىدا ئىشلەتكۇچى باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دىتال مۇھىتىد تۇرۇپ، مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ ئىشلەتكۇچىگە تەمىنلىگەن مۇلازىمەت پىروگراممىلار توپى بىرلىكىنى ئىشلىتىپ، سېستىما مۇلازىمىتىگە ئېرىشدۇ.

كۆزنەك شەكلى تەھرىرلەش

ئىشلەتكۇچى مائۇسنى چىكىش، كۇنۇپكا بېسىش ۋە دىئالوگ رامكىسىغا جاۋاپ بىرىش قاتارلىق ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوخشاشلا كومپىيوتىردا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. مەسلەن بىز ھازىر كۆپ ئىشلىتىدىغانWINDOWS مەشغۇلات سېستىمىسى.

يۇمشاق دىتال چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا، مەشغۇلات سېستىمىسى قاتتىق دىتاللار بىلەن بىۋاستە ئالاقىدە بولىدىغان، بىرىنچى قاتلام يۇمشاق دىتال بۇلۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ناھايتى مۇرەككەپ پىروگراممىلار ۋە كۆپلىگەن سانلار قۇرۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن.

. مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاساسلىق فونكىسيىسى تەھرىرلەش

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(CPU) نى باشقۇرۇش تەھرىرلەش

CPU بولسا بىر پۈتۈن كومپىيوتىر سېستىمىسىدىكى ئەڭ يادرولۇق تەركىب. ئۇنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشى يامان بولىشى پۇتكۇل كومپىيوتىرنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە كىلىپ CPU نىڭ ئىشلەش سۇرئىتى باشقا بارلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ ئىشلەش سۇرئىتىدىن كۆپ تىز بۇلۇپ، كومپىيوتىردىكى باشقا تەركىبلەرنىڭ نورمال خىزمىتى ئوخشاشلا CPU دىن ئايرىلالمايدۇ. مەسلەن، بىز كومپىيوتىردا بىرلا ۋاقىتتا مۇزىكا قۇيۇش، خەت كىرگۇزۇش، پىرىنتىردا خەت بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايمىز. چۈنكى مۇزىكىنىڭ قۇيۇلۇشى، بىزنىڭ خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتىمىز، پىرىنتىرنىڭ خەت بېسىپ چىقىرىش سۈرئىتى CPU نىڭ سۈرئىتىدىن كۆپ ئاستا بولغاچقا، بىز كىرگۈزگەن خەت مەلۇم جۇغلانمىغا يەتكەندە، CPU خەتلەرنى قۇبۇل قىلىش ۋە بېسىپ چىقىرىش پىروگراممىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ۋە ئۇنى تۇگەتكەندىن كىيىن دەرھال مۇزىكا قۇيۇش پىروگراممىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىز تاپشۇرغان كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى تەڭ ئۇرۇنداپ ماڭىدۇ. بىراق خەت بېسىش پىروگراممىسنى ئۇزاق ئىجرا قىلىپ كەتسە، مۇزىكىنىڭ قۇيۇلىشىغ تەسىر يىتىپ، ئۇزۈك-ئۈزۈك ئاڭلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا كىم CPU نىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋەزىپە ئالماشتۇرۇپ، ھەر قايسى ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشنى كونتىرول قىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇنى ئىشلەتكۇچى ئورۇندىمايدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇندىيالىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ دەل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ CPU نى باشقۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش تەھرىرلەش

ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا كومپىيوتىر سېستىما قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى. CPU دا ئىجرا قىلىنىدىغان ھەر قانداق بىر پىروگرامما، ۋە بۇ پىروگراممىغا كېرەكلىك بولغان سان سىفىرلارنىڭ كۆپ قىسمى چۇقۇم ئىچكى ساقلىغۇچتا بۇلۇشى كېرەك. مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ ئاساسى پىروگراممىلىرىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچتا دائىملىق ساقلىندۇ.بىراق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى چەكلىك بۇلۇپ، بىز بىرل ۋاقىتتا كۆپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، ھەممىسى ئۈچۇن يىتەرلىك بوشلۇق ئاجرىتىپ بىرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئىچكى ساقىلغۇچنىڭ بۇ چەكلىمىسى تۇپەيلىدىن، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىق كېرەكمۇ؟ مەشغۇلات سېستىمىسى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ كىيىنكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىدا ئىشلىتىش ھاجىتى بولمىغان پىروگرامما ۋە سانلارنى دەرھال سىرتقى ساقلىغۇچقا يۆتكەيدۇ. ۋە كىيىنكى باسقۇچتا لازىملىق پىروگرامما ۋە سىفىرلارنى ئىچكى ساقلىغۇچىقا يۆتكەپ ئەكىرىپ، بىز كومپىيوتىرغا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ۋە ئەڭ تىز سۈرئەت بىلەن ئىشقا ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئەسۋاپ باشقۇرۇش تەھرىرلەش

كومپىيوتىر سېستىمىسغا تەۋە بولغان سىرتقى ئەسۋاپلارنىڭ تۇرى كۆپ. مەسىلەن، قاتتىق دىسكا، يۇمشاق دېسكا، نۇر دېسكا، ئىكران، پېرىنتىر، سىكەنىر ۋە ئارقىمۇ-ئارقىلىق، يانداش ئالاقە ئېغىزى....... قاتارلىقلار. بۇ ئەسۋاپلارنى كونتىرول قىلىش ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئەڭ ئاساسلىقى بۇلارنىڭ ئىشلەش سۇرئىتى CPU نىڭ سۇرئىتىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاستا. مەشغۇلات سېستىمىسى مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دىتاللارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئاستا سۇرئەتلىك سىرتقى ئەسۋاپلار بىلەن تىز سۇرئەتلىك CPU ئارىسدا ماسلاشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ. ۋە ھەرقايسى ئەسۋاپلارنىڭ بىر بىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا ئوخشاش ۋاقىتتا خىزمەت ئېلىپ بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. (4).ھۆججەت باشقۇرۇش.

ھۆججەت بولسا كومپىيوتىردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق ساقلىنىش شەكلى. شۇنداقلا ئىشلەتكۇچىنىڭ كومپىيوتىردا ساقلىغان ئەڭ قىممەتلىك ماتىرياللىرى. مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ ھۆججەت باشقۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى مۇشۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرتىپلىك، تەشكىللىك ھالدا ئۇزاق مەزگىل كومپىيوتىر ئىچىدە ساقلاش، ھەمدە ئىشلەتكۇچى ۋە مۇناسۋەتلىك پىروگراممىلارنىڭ ھۆججەت قۇرۇش، ئېچىش، ئىتىش، ۋە ئۈچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتىغا ئەڭ قولاي بولغان ئالاقە يۈزى ئورنىتىپ بىرىش.

. مەشغۇلات سېستىمىنىڭ تۈرلىرى. تەھرىرلەش

بۆلۈنمە ۋاقىتلىق سېستىما تەھرىرلەش

بۇ بىر ئاساسى ماشىنىنى كۆپ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە لايھىلەنگەن سېستىما بۇلۇپ، ئۆزلۈكسىز ۋاقىتنى بىر قانچە بۆلەككە بۈلۈپ، ھەر بىر ۋاقىت بۆلىكىدە ئاساسى ماشىنا پەقەت بىرلا ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چۇنكى ئاساسى ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ناھايتى تىز بولغاچقا، ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئۇنى خۇددى ئۆزى يالغۇز ئىشلىتۋاتقاندەك بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. بىر قەدەر داڭىلىق بولغان بۈلۈنمە ۋاقىتلىق سېستىمىدىن 1963- يىلى ئامرىكا ماسساچۇسسىس تېخنىكا ئىنىستىتوتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان CTSS مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە MULTICS مەشغۇلات سېستىمىسىلىرى بار.

تېز ئىنكاس مەشغۇلات سېستىمىسى تەھرىرلەش

بۇ سېستىما ئىنتايىن قىسقا بولغان چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇرلارنى تىز بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئىنكاس ۋاقتىغا بولغان تەلەپكە ئاساسەن بۇ خىل مەشغۇلات سېستىمىسى يەنە قاتتىق تىز ئىنكاس سېستىمىسى ۋە يۇمشاق تىز ئىنكاس سېستىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلىندۇ. قاتتىق تىز ئىنكاس سېستىمىسى ئاساسلىق سانەئەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كونتىرول قىلىش ئالەم تەتقىقاتىدىكى ئىز قوغلاش، ھەربى قوراللارنى يىراقتىن باشقۇرۇش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى قاتتىق تىز ئىنكاس سېستىمىسىغا بولغان سۈرئەت ۋە ئىشەنچىلىك دەرىجە تەلىپى ئىنتايىن يوقىرى. يۇمشاق تىز ئىنكاس سېستىمىسنىڭ ئىنكاس ۋاقتىغا قويۇلغان تەلەپ نىسبەتەن تۆۋەن بۇلۇپ، ئۇ ئاساسەن ماتىريال ئىزدەش، ئالدىن بېلەت ھاۋالە قىلىش، بانكا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق سېستىما ۋە ساھەلەردە قوللىنىلدۇ.

مىكرو كومپىيوتىر مەشغۇلات سېستىمىسى تەھرىرلەش

چۆڭ كۆلەملىك ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چۆڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يول تېخنىكىسنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەخىسلەر ئىشلىتىدىغان مىكرو تىپلىق كومپىيوتىرلار تەرەققىياتقا ئېرىشتى ۋە تەدرىجى ئۇمۇملۇشۇشقا قاراپ يۇزلەندى. CP/M سېستىمىسى ئەڭ دەسلەپتە مىكرو كومپىيوتىرلار ئۈچۈن ياسالغان مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ، ئۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ھۆججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. كىيىنكى يىللاردا MICROSOFT شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان MS-DOS مەشغۇلات سېستىمىسى CP/M نىڭ ئورنىنى ئالغان.


يېقىنقى يىللاردىن بىرى، مىكرو كومپىيوتىر كۆپ مىدىيەلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققى قىلغان بولۇپ، كۆپ مىدىيەلىك مەشغۇلات سېستىمىسدا يىزىق، رەسىم، سۆرەت، سىن، ئاۋاز قاتارلىق كۆپ خىل ئوچۇرلارنى پىرىسلاش، ساقلاش، ئۇزۇتۇش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇيۇش ئىقتىدارلىرى ھازىرلانغان. بۇ خىل كۆپ مىدىيە تېخنىكىسنى قوللايدىغان مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىقكى نىسبەتەن مۇرەككەپ. ئەمما كومپىيوتىر ئىشلەتكۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تېخىمۇ قولاي ۋە مەشغۇلات يۈزى تېخىمۇ چىرايلىق بۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى كومپىيوتىر قۇرۇلمىسى توغرىسدا ھىچقانداق چۇشەنچىگە ئىگە بولمىغان كىشلەرنىمۇ كومپىيوتىر ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى. دىمەك بۇ خىل كۆپ مىدىيەلىك مەشغۇلات سېستىمىسى كومپىيوتىرنىڭ مىڭلىغان ئائىلەرگە كىرىشىگە ئاساس يارىتىپ بەردى. بىزگە ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان WINDOWS مەشغۇلات سېستىمىسى دەل يوقىردا بايان قىلىنغان سېستىما تىپىغا تەۋە بۇلۇپ، بۇ MICROSOFT شىركىت تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر خىل يېڭى ئەۋلاد كۈرۈنمىلىك مەشغۇلات سېستىمىسىدۇر.