مەنپەت فۇنكىسيەسى

مەنپەت (Utility) ئىقتساد ئېلمىدە بىر خىل قىممەتتتۇر. مەنپەت ئادەتتە بىر شەخىسنىڭ مەلۇم بىر خىل ماددى ياكى مەنىۋى بۇيۇمنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن فىزىكىلىق ياكى ئىستېتىك زوقنىنىڭ رەقەم بىلەن ئىپادىلىنىشى. مەسلەن، بىر تال ئالما يېگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇنىڭدىن ئالغان مەنپەتىڭىز 5 بولغان بولسا ئۇنداقتا، ئالما ئىستىمال قىلىشنىڭ مەنپەتى دەل 5 بولىدۇ. شەخىسلەر ئادەتتە كۆپ خىل نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ،مەسلەن قەھۋە ۋە چاي، ماشىنا ۋە بالون، مۇز ۋە قەھۋە دېگەندەك. ئىستىمالچىلارنىڭ بۇيۇملارنى ئىسىتمال قىلغاندىن كېيىنكى مەنپەتنى مىقتىدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان فۇنكىسىيە مەنپەت فۇنكىسيەسى دەپ ئاتىلدۇ.

مەنپەپ فۇنكىسيەسى تەھرىرلەش

مەنپەت فۇنكىسيەسنى ئادەتتە U بىلەن ئىپادىلەيدۇ. U ياكى U(x,y) ياكى U(x1, x2, x3, x4,....)

ئەگەر ئىستىمالچى ئىككى خىل بۇيۇمنى ئىسىتمال قىلغان بولسا، مەسلەن، x ۋە y، ئۇنداقتا، سىزنىڭ مەنپەتىڭىزنى ئۆلچەيدىغان مەنپەت فۇنكىسيەسى U(x, y) بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئېكىس ياكى ئىگىرىك ھەرقانداق ماددا بولسا بولىۋىردۇ. مەنپەت فۇنكىسيەسنىڭ 2 تەكشىلىكتە سىزىلغان گىرافىنى مەنپەت فۇنكىسىيەسى گرافى دېيىلدۇ.

 
پەرىقسىزلىق ئەگرى سىزىقى (ئىسىتمالچىنىڭ ئىككى بۇيۇمنى تاللاشتا ھېچقانداق پەرقنى ھېس قىلمىغانلىغىنى چۈشەندۈردۇ). ئەگرى سىزىق دەل مەنپەت فۇنكىسيەسى ئەگرى سىزىقىدۇر. ئا نۇقتا ۋە ب نۇقتا ئىككىسىدە ئېرىشكەن مەنپەتنىڭ قىممىتى ئوخشاش. شۇڭا ئىستىمالچى ئا ۋە ب نۇقتا تاللاشتا پەرىقىسىز ھېس قىلىدۇ.