مەھمۇت قەشقىرى مازىرى ۋە ئۇنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى

مەھمۇت قەشقىرى مازىرى ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە ئۆزىگە خاس بىناكارچىلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تارىخىي مەدىنى يادىكارلىق. «مەھمۇت قەشقىرى مازىرى» قەشقەر شەھرىنىڭ غەربىي 45 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوپال يېزىسىغا جايلاشقان. ئوپال – پامىر ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە باي مەدەنىيەت – سەنئەت ئەنئەنىسىگە ئىگە جاي بولۇپ، مەدىنى يادىكارلىق ۋە ئارخىولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە تاش قۇراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.[1] بۇ يەردە قەدىمقى ۋە ئوتتۇر ئەسىر بۇددا دىنىي مەدىنىيىتى،[2] ئىسلام مەدىنيىتىنى ئاساس قىلغان ئىلىم – مەرىپەت، ھۆنەر – سەنئەت راۋاج تاپقان. بولۇپمۇ، قاراخانىلار دەۋرىدە ئوپال يېزىسى خان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاساسلىق يېزىلاردىن بىرى بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەر بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەتتا پادىشاھلارنىڭ دەم ئالىدىغان «خان بېغى» («سۇلتان باغ»)، «تەگيەگاھ»،[3] «خان يايلىغى»، «موغ يولى»،[4] «سۇلتان قورغان»لىرى بولغان.

مەھمۇت قەشقىرى مازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىش شەكلى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ۋە نەقىش – بىزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۇيغۇر ئىسلام ئىمارىتى بولۇپ، ئۇ روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانا، مەسچىت ۋە قوش مۇنارلىق دەرۋازا قاتارلىق بىر يۈرۈش تۇتاشتۇرۇپ ياسالغان ئۆي ئىمارەتلەردىن ئىبارەت. روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىلار كىسەك – ياغاچ قۇرۇلما، ۋاساجۈپ، تۈز تۇرۇسلۇق بولۇپ، ئۇنى لىم (خا)جەگە، مارات، پەرمانلىرىغا خىلمۇ – خىل نەقىشلەر ئويۇلغان. روزى مەرىكىسىنىڭ ئالدى ۋە شىمالىي تەرەپتىكى تاملىرىغا پەنجىرىلىك دەرىزە قويۇلغان. ئارقىسىدىكى 5 ئېغىز كۆنەكخانىسى ۋە دەرۋازىلىرى، زالى گۈمبەز تۇرۇسلۇق قىلىپ ياسالغان. پەرمانىلاردىكى قارا سىيا بىلەن «خەتتى پارىسى»دا يېزىلغان بېغىشلىمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ مازارنى ھىجىرىيىنىڭ 1245 – يىلى (مىلادى 1829 – يىلى) ۋە 1315 – يىلى (مىلادى 1897 – يىلى) يەرلىك كىشىلەر ئىقتىسات توپلاپ، ئىككى قېتىم رېمۇنت قىلدۇرغان. روزى مەرىكىسىنىڭ شەرق تەرەپتىكى ئىككى پارچە پەرمانغا رېمۇنت قىلىنغان ۋاقتى ۋە رېمۇنتقا مەدەت قىلغۇچىلار نەزىم ئۇسۇلىدا خاتىرىلەنگەن.

ئوڭ تەرەپتىكى پەرمانغا:

«سالى شىرەست ھازارۇ دوسەت چىھلى پەنجەست،

بۇد تەئىمىرى مازارۇ مەدىدى سىددىقەست»

تەرجىمىسى: «يولۋاس يىلى 1245 (ھىجرى) مازارنى رېمۇنت قىلىشقا كۈچ چىقارغۇچى كىشى سىددۇقتۇر»

سول تەرەپتىكى پەرماننىڭ ئوڭ قويۇلىغىدا:

«شاھى سىددىق بەگ، ئەلىم بەگ بىر بىرىگە يار بولۇپ، قىلدى بۇزرۇكۋارى ئالىنى بىنا».

ئېتىكاپخانىسىغا كىرىدىغان ئىشىكىنىڭ سىرتقى تەرەپ ئۈستىدىكى پەرمانىغا:

«كى بىر مىڭ ئۈچيۈز ئونبەشتە قىلدى بۇ ئىمارەتنى،

نامازۇ – روزە ئەيلەپ قىلسا ھەركىمكى تىلاۋەتنى»دەپ يېزىلغان.

بىرىنچى قېتىم روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىسى، ئىككىنچى قېتىم پىشايۋانلىق مەسچىت قايتا رېمۇنت قىلىنغان. بۇ ئىككى قېتىملىق رېمۇنت قىلىش جەريانىدا، قەدىمدىن بار بولغان روزى مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىلارنىڭ ياسىلىش شەكلى ئۆزگەرتىلمىگەن. شۇنداقلا، ئەسلىدىن نەقىش ئويۇلغان لىم، جەگە، ھاراق، پەرمانلىرىنىڭ بۇزۇلمىغان قىسىملىرى يەڭگۈشلەنمەي، ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە ئاسراشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئارقىسىدىكى 4 ئېغىز ھوجرىسى، دەرۋازىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بىر قىسىم جەگىلىرى ئىگىلىپ، ياغاچ پەنجىرىلىرى بۇزۇلغان.

مەھمۇت قەشقرى مازىرىنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياسىلىش شەكلى ۋە نەقىش – بىزەكلىرى جەھەتتە ئېنىق يازما ماتىرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن مازارنىڭ ھازىرقى شەكلىدىن قاراپ، ئىمارەتچىلىك تارىخىنىڭ تەرەققىيات قانۇنى بۇيىچە ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مازارنىڭ بۇرۇنقى شەكلى، سەنئەت ئالاھىدىلىكى ۋە كېيىنكى بىر نەچچە يۈز يىل جەريانىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا نىسبەتەن توغرىراق ئىلمىي يەكۈنگە ئىگە بولالايمىز. بۇ خىل بىناكارچىلىقنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا مەلۇم تارىخىي ئاساسى بولۇپ، ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىغا بىر مۇنچە ئۆزگىرىشلەر كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئىمارەتچىلىك سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىي ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈش تەرەققى قىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدە ئىسلام ئەنئەنىس بۇيىچە، مەسچىت، مەدرىسلەرگە پەشتاق، قۇببى – گۈمبەز ياساش، ئىشىك – دەرىزە، مىھراپلىرىغا ئەگمە شەكىل ئىشلىتىشتىن، ئاساسى قۇرۇلمىسى بولغان تۈۋرۈك، لىم، جەگىلىرىگە گۈل – نەقىش چېكىش، ھوجرا تورۇسلىرىنى ۋاسا جۈپ قىلىپ ياساش ئۇسۇللىرى ئومۇملاشقان. شۇنىڭدەك، پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە مەشھۇر زاتلارنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە تۈۋرۈك، لىملار بىلەن ۋاسا جۈپ تۈز تۇرۇسلۇق پىشايۋانلارنى ياساپ، پەنجىرە ئورنىتىش ياكى قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رىشاتكا قويۇش، كىسەك ياكى خىش بىلەن قەۋرە قاتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغ ياكى ئەلەم قاداش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلغان. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلاردا، تۈۋرۈك – لىملارنى چېتىشتۇرۇش، كىسەك ياكى تال چىۋىقلارنى توقۇپ ئارىلىقنى توساپ، كاكىل لاي بىلەن سۇۋاش ئارقىلىق، قۇشام ئۆيلەرنى ياساش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. بۇ ئۆي – ئىمارەتلەردىكى نەقىش – بىزەكلەر ئاساسىي جەھەتتىن، ياغاچ ئويما نەقىش، گەز قاتۇرما نەقىش، تاش رەڭ سىزما نەقىش، قاشتېشى ئويما نەقىش، گۈللۈك نەقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىد ياغاچ ئويما نەقىش ئالاھىدە تەرەققى قىلغان. قاراخانىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىناكارچىلىق تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تام ئۈستىگە لىم، جەگىلەرنى بىۋاستە قويۇش ياكى لىم، جەگە ئىشلەتمەستىن، خىش ياكى كىسەك بىلەن ئەگمە چىقىرىپ يېپىش ئۇسۇلى كەڭ قوللىنىشقا باشلىغان. مەھمۇت قەشقەرى مازىرىدىكى تۈز تۇرۇسلۇق ۋە ئەگمە گۈمبەز تورۇسلۇق ئىككى خىل ياسالغان ئىمارەتلەر ئەمىليەتتە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئىمارەتچىلىك سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مازارنىڭ نەقىش – بىزەكلىرى كۈچلۈك دەۋرى خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، بىناكارچىلىقتا دەسلەپكى ئۇسۇل ياغاچ ئويما نەقىش ئىشلىتىلگەن. ياغاچ ئويما، سىزىقچە ئويما، تەكشى يۈز ئويما، كۆپتۈرمە ئويما قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

مەھمۇت قەشقىرى مازىرىدىكى نەقىشلەر ئىچىدە سۇخەر، غۇنچە، چىچەك، ياپراق، ئۈزۈم، بادام، يازا، كۆرگۈل شەددە ۋە ھەرخىل گۈل – ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ھاسىل بولغان ئون نەچچە خىل نۇسخە بار. بۇلار كېيىنكى دەۋرلەردە ياسالغان ئىسلام ئىمارەتلىرىدە كۆپرەك قوللىنىلغان.

مەھمۇت قەشقىرى مازىرى 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىمارەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنىي ئىمارەتچىلىك سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققى قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە تارىخىي مەدىنى مىراستۇر.

بۇ تارىخىي يادىكارلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى نوقتىلىق ئاسرىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلگەندىن كېيىن قايتىدىن رېمۇنت قىلىندى.

مەنبە تەھرىرلەش

ھەسەن ئابدۇرېھىم نىڭ شۇ ناملىق ماقالىسى؛

  1. ئوپال تەۋەسىدىكى ئوپالىئارىست، سۇلتان باغ، غۇجى قونار، ئاق دالا قاتارلىق قەدىمقى مەدىنىيەت ئىزلىرىدىن باشلانغۇچ جەمئىيەت دەۋرىگە ئائىت تاش قۇراللار تېپىلدى.
  2. ھەزرىتى موللام تېغى باغرىدا «توققۇز قازناق» دەپ ئاتالغان بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى بار.
  3. خانلارنىڭ چەتئەل ئەلچىلىرىنى كۈتىدىغان مەخسۇس مېھمانخانىسى.
  4. شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇلۇغ كارۋان يۇلى»نىڭ بۇ تارىخى پامىردىكى موغ قەلئەسى بىلەن ئۆتىدىغان يول.