مەۋلىد قاندىلى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ) (ئەرەبچە: لیلة مواليد, Mevlid [مولد], Mevlid en-Nebi [مولد النبي] ) ھەر رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12 - كۈنىدە ( شىئەلەر مەزھىپىدە رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 17 - كۈنىدە) ئۆتكۈزۈلىدىغان  ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم كۈن ۋە كېچىلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ.

مەۋلىد قاندىلى ، لاھور پاكىستان
مەۋلىد قاندىلى ، لاھور پاكىستان

لۇغەتتە «تۇغۇلغان يېرى ۋە ۋاقتى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «مەۋلىد» ئىسلام كۈلتۈرىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارنى شۇنداقلا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىپادىلەيدۇ.