مەۋھۇم رېئاللىق

مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى بولسا مەۋھۇم دۇنيا ھاسىل قىلغىلى ۋە ئۇنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ ھېس قىلىپ باققىلى بولىدىغان بىر خىل كومپيۇتېر تەقلىدىي سىستېمىسىدىن ئىبارەت. ئۇ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تەقلىدىي مۇھىت ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدا كۆپ مەنبەلىك ئۇچۇرلار ئۆزئارا بىرىكىپ، دىيالوگسىمان ئۈچ ئۆلچەملىك ھەرىكەتچان كۆرۈنۈش بىلەن ئەمەلىي ھەرىكەتلىك سىستېما تەقلىدىي ھالدا ئابۇنىتلارنى پۈتۈنلەي مۇشۇ مۇھىت ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ.

نۈل لاتېنسىيە مەۋھۇم رېئاللىق تەجىربىسى(لاس ۋىگاس)

نامى ئاتىلىشى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە: مەۋھۇم رېئاللىق

ئېنگلىزچە: Virtual Reality

خەنچە: 虚拟现实

ھەققىدە تەھرىرلەش

مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى بولسا تەقلىد قىلىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم بىر يۈنىلىشى بولۇپ، تەقلىد قىلىش تېخنىكىسى، كومپيۇتېر گىرافىك ئىلمى، ئادەم-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى، كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى، سېنزور تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپلىگەن تېخنىكىلارنىڭ توپلىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۇقىرى رىقابەتچانلىققا ئىگە گىرەلەشمە تېخنىكا بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ئاساسلىق تەقلىدىي مۇھىت، سەزگۈ، تەبئىي ئىقتىدار ۋە سېنزور ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقلىدىي مۇھىت كومپيۇتېر تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنىدۇ، رېئال ۋاقىتلىق ئۈچ ئۆلچەملىك ئىستېرېئولۇق كۆرۈنۈش ۋە ئەينەنلەشكەن تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ. سەزگۈ (ھسسىي بىلىش) بولسا غايىۋى ھالەتتىكى مەۋھۇم رېئاللىقنىڭ بارلىق كىشىلەر ئىگە بولۇشقا تېگىشىلىك سەزگۈگە ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

كومپيۇتېر گىرافىك تېخنىكىسى شەكىللەندۈرگەن كۆرۈش سەزگۈسىدىن باشقا، يەنە ئاڭلاش سەزگۈسى، تىگىشىش سەزگۈسى، كۈچ سېزىمى ۋە ھەرىكەت سېزىمى قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇراش سېزىمى ۋە تەم سېزىمى قاتارلىقلارمۇ بار. تەبئىي ئىقتىدار بولسا ئادەمنىڭ باش قىسمىنىڭ ھەرخىل ھەرىكىتى، كۆز، قول ئىشارىسى ياكى باشقا بەدەن ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ كومپيۇتېر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ھەمدە قاتناشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە ئابۇنىتنىڭ كىرگۈزۈش مەشغۇلاتىغا قارىتا رېئالنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئابۇنىتنىڭ بەش ئەزاسىغا قايتىما ئىنكاس بېرىدۇ. سېنزور ئەسلىھەسى دېگىنىمىز ئۈچ ئۆلچەملىك دىيالوگ ئەسلىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىخى تەھرىرلەش

 
مەۋھۇم رېئاللىق لوگوسى

مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇنداق بەش باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى، يەنى 1963-يىلدىن بۇرۇنقى ئاۋازلىق ۋە ھەرىكەتچان ھالەتلىك تەقلىد قىلىش مەۋھۇم رېئاللىق ئىدىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن باسقۇچ؛ ئىككىنچى، مەۋھۇم رېئاللىقنىڭ بىخ ئۇرۇش باسقۇچى (1963-1972) . ئۈچىنچى، مەۋھۇم رېئاللىق ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە نەزەرىيەۋى ئاساسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىش باسقۇچى(1973-1989) ؛ تۆتىنچى، مەۋھۇم رېئاللىق نەزەرىيەسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىش ۋە ئەمەلىيەتتە قوللىنىش باسقۇچى (1990-2004) ؛ بەشىنچى، مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ رەسمىي شەكىللىنىش ۋە گۈللىنىش باسقۇچى (2004- ھازىرغىچە.)

قوللۇنۇشى تەھرىرلەش

مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى كۆپ سەزگۈلۈك بىلىشچانلىق، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى، ئۆزئارالىق ياكى دىيالوگلىشىشچانلىق، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشچانلىق قاتارلىق بىر قانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى كۆپ خىل تېخنىكىلارنىڭ ئومۇمىي بىرىكمىسى بولۇپ، رېئال ۋاقىتلىق ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيۇتېر گىرافىك تېخنىكىسى، كەڭ بۇلۇڭلۇق (كەڭ كۆرۈش دائىرىسى) ئىستېرېئولۇق كۆرسىتىش تېخنىكىسى، كۈزەتكۈچىنىڭ بېشى، كۆزى ۋە قولىغا قارىتا ئىز قوغلاش ئېلىپ بېرىش تېخنىكىسى، تېگىشىش سىزىمى (كۈچ سىزىمى)نى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئىستېرېئولۇق ئاۋاز، توردا يەتكۈزۈش، ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى كۈچەيتىلگەن رېئاللىق تېخنىكىسى (AR) ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى (AI) قاتارلىق تېخنىكىلار بىلەن زىچ بىرىكىپ ۋە بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ جەمىيەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرى ئۈچۈن مۇھىم فۇنكىسىيەسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

باشقا ساھەلەر تەھرىرلەش

مېدىتسىنا، كۆڭۈل ئېچىش، ھەربىي ئىشلار ئاۋىئاتسىيەسى، ئۆي ئىچى لايىھەلەش، ئۆي-مۈلۈك ئېچىش، سانائەت لايىھەسى ۋە تەقلىش قىلىش، نېفىت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈرچىلىك؛ شەھەر باشقۇرۇش، قاتناش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش مانىۋېرى؛ سانائەت ماشىنا ئادىمى، مەۋھۇم ياسىمىچىلىق، لايىھەلەش ۋە قۇراشتۇرۇش؛ تەقلىدىي شوپۇرلۇق، مەشىقلەندۈرۈش، ئۇيۇن قويۇش، ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش؛ ھەربىي ئىشلار مانىۋېرى، قوماندانلىق قىلىش، مەۋھۇم ئۇرۇش مەيدانى، ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىق كۆرسىتىش؛ يەر شەكلى ئەھۋالى، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى؛ بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇش، مەۋھۇم تېببىي ئىلىم قۇرۇلۇشى؛ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، شەھەر پىلانلاش، كانچىلىق، ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كومپيۇتېر ۋە يانفۇن ئۇيۇنى،Web3D ، يول ۋە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش، گىدروگېئولوگىيە، رېمونتچىلىق، مائارىپ، كېمىسازلىق، ئاپتۇموبېل ياسىمىچىلىقى، رېلىسلىق قاتناش، ئېنېرگىيە ساھەسى، بىيومېخانىكىسى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشقى، رەقەملىك يەرشارى قاتارلىقلار.

مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى سانلىق مەلۇمات پەلىيى، رەقەملىك دۇبۇلغا، ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىنى تۇتۇش ئۈسكۈنىسى، باش قىسمىنى ئىز قوغلاش ئەسۋابى، يەنى دۇبۇلغا كۆرسەتكۈچى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق سېنزورى قاتارلىق ئىلغارئۈسكۈنلەردىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىدۇ. ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىنى تۇتۇش دېتاللىرىدىن TSS-MOCAP- TSS-STRAP-MOCA, BUNDLE ۋە OpenCV قاتارلىقلار بار.

قيىنچىلىقلار تەھرىرلەش

1.  ھازىرغىچە ھەقىقىي ھالدا مەۋھۇم دۇنياغا كىرىدىغان ئۇسۇل يوق.

2. نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى قانداق كىرگۈزۈشمۇ بىر چوڭ قىيىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ

3. بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆلچەم يوق

4. ئاسانلا كىشىنى ھاردۇرۇپ چارچىتىپ قويىدۇ

5. ئۈسكۈنىلەر قارىماققا يەنىلا نىسبەتەن قوپال. نۆۋەتتە بۇ ۋاقىتلىق تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلار مەزكۇر كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئازراق چەكلەپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم ھەل بولىدىغان مەسىلىلەردۇر.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئالىپ تورى https://aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=56340