ناسىرۇددىن ئالبانىي

مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىي (الشيخ مُحَمَّدُ ناصرُ الدين بنُ الحاج نوح بنِ نجاتي بنِ آدم الأشقودري الألباني الأرنؤوطي): شەيخ مۇھەممەد ئىبنى نۇھ ئىبنى نەجاتىي ئەلئىشقودرىي ئەلئالبانىي (ئەبۇ ئابدۇرراھمان). (ھ. 1332 – 1420 / م. 1914 – 1999) XX ئەسىردىكى مەشھۇر ھەدىس ئالىمى. ئالبانىيەدە تۇغۇلۇپ، سۈرىيە ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ياشىغان، ئىئوردانىيەدە ۋاپات تاپقان. 300 دىن كۆپرەك ئەسەر قالدۇرغان، بولۇپمۇ ھەدىس تەتقىقاتىدا مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىدى.