بەشۋاق ناماز بايانى

بامدات: ناماز ۋاقتى سۈبھى يۈرىدىغاندىن تارتىپ، يەنى تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ، كۈن چىققىچە، 2 رەكئەت سۈننەت، 2 رەكئەت پەرز؛

پېشىن: ناماز ۋاقتى چۈشتە كۈن تىكلىشىپ سەل ئۆتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ، نەرسىلەرنىڭ سايىسى نەرسىلەر بىلەن تەڭ بولۇشتىن بۇرۇن. 4 رەكئەت سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز، 2 رەكئەت ئاخىرقى سۈننەت؛

ئەسىر: ناماز ۋاقتى سايە شەيئىلەرنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئىككى ھەسسىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا. 4 رەكئەت پەرز:

شام: ناماز ۋاقتى كۈن پېتىپ شەپەق غايىب بولغۇچە، 3 رەكئەت پەرز، 2 رەكئەت سۈننەت؛

خۈپتەن: ناماز ۋاقتى قاراڭغۇ چۈشكەندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە. 4 رەكئەت پەرز، 3 رەكئەت سالاتى ۋىتىر نامىزى ئوقۇلىدۇ. 3 رەكئەتتە دۇئايى قۇنۇت قوشۇپ ئوقۇلىدۇ.

خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپ قۇرۇق گەپ ساتماي، ئامال بار تېز ئۇخلاش لازىم.