نىجاتنىڭ دۇنياسى

نەشىريات تەھرىرلەش

شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتى

ئاپتۇرى تەھرىرلەش

ئاساسلىق مەزمۇنى تەھرىرلەش

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، ئەل ئوغلى نىجاد ۋەلى ياقۇپنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشى، ئۇتۇقلىرى ھەم ئۇ ھەققىدىكى باھالار يېزىلغان

كىتابتا نىجاتنىڭ ئېكرانلاردىن نېمىشقا يوقاپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى كىچىك پېئىل، كەمتەرلىكى، ئۇنىڭ دۇنياسى، تەرجىمىھالى، ھاياتى قاتارلىقلار يېزىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ «نىجاد ھەققىدىكى باھالار» بۆلىكىگە داڭلىق كىشىلىرىمىزدىن مىجىت ناسىر، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ئابدۇقادىر ھاشىم، دىلدار مۇھەممەترېھىم، چىمەنگۈل ئاۋۇت، گۈلچېھرە چوڭئەلەم ئەزىز، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئادىلە ئابلىز، شەمسىيە ئەبەيدۇللا، گۈلشەن مۇھەممەتتۇرسۇن، گۈلمىرە مۇھەممەت قاتارلىق 29 كىشى باھا سۆزى يازدى.

كىتابنىڭ كەينى مۇقاۋىسىغا داڭلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ نىجاد ۋەلى ياقۇپقا بېغىشلىغان تۆۋەندىكى ئۈچ كۇپلېت شېئىرى بېسىلدى:

سەن ھاياتنى سۆيگەندەك نىجاد،

ھايات سېنى سۆيىدۇ خىرامان.

شۇنچە چوڭقۇر ئاۋازىڭ بىلەن،

يۈرەكلەردە بولىسەن مېھمان.

ئۈزۈلىدۇ گۈللەر سېنى دەپ،

قۇشلار ھەتتا ئۇچىدۇ پەسلەپ.

قانىتىغا قوللۇرۇڭنى سوز،

سېنى ئېلىپ كەتسۇن ئۇ ئۆرلەپ.

چىدىمايسەن لېكىن جان ئۇكام،

دەسسەپ تۇرغۇڭ كېلەر تۇپراققا.

ئەقلىڭ پاكىز، مېھرىڭدۇر قوقاس،

باش قويىسەن ھامان ئەل-يۇرتقا.

مەنبە تەھرىرلەش

نۇر تورى [1]