نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

بىلىمخۇمار

بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەييارلاش، بىر قانچە يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە تەتىل قىلىپ باشقا جايلارغا بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن يېڭى ماقالە تەييارلاش ئىشلىرىم سەل ئاقساپ قالدى. مۇشۇ جەرياندا بىر قىسىم قېرىنداشلار ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن يېڭى ماقالە ئېلان قىلغان-قىلمىغانلىقىمنى سوراپ تۇردى. مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

2006-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا مەملىكەتلىك شان-شەرەپ جەمئىيىتىنىڭ ئوغلۇم دىلشات ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرىدىكى شۆبىسى بىر قېتىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە ئايالىم ئامانگۈل ئىككىمىز ئۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇق. پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان زالنىڭ بىر تېمىغا بىر چوڭ سىزىلغان رەسىم ئېسىقلىق بولۇپ، بۇ رەسىمدە بىر پۇتبولنىڭ بىر ۋارتاغا كىرىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى سىزىلغان ئىكەن. دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ نېمە مەنانى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدىم. يىغىن باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپ تەكلىپ قىلغان بىر مۇتەخەسسىس خانىم يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئىچىدە «نىشان تىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئىنگلىزچىدا پۇتبول ۋارتاسىنىڭ ئاتىلىشى بىلەن «نىشان» ئوخشاش بىر سۆز، يەنى «goal» دېگەن سۆز ئىشلىتىلەتتى. ئەنە شۇ چاغدا مەن تامدىكى رەسىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم: ئۇنىڭ مەنىسى ”نىشانغا يېتىش“ ئىكەن. بۇ پاالىيەتنىڭ بىر مەشىقى سۈپىتىدە، بىزگە لېكسىيە بەرگەن مۇتەخەسسىس خانىم يىغىنغا كەلگەن ھەر بىر كىشىدىن تامدىكى پۇتبول ۋارتاسى سىزىلغان چوڭ قەغەزنىڭ بوش ئورۇنلىرىغا ئۆزۈمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدىكى نىشانىمىزنى يېزىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن «تەتقىقاتىمدا كۆپلەپ يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، ھەر يىلى بىر پارچىدىن ئۈچ پارچىغىچە ئىلمىي ماقالە چىقىرىمەن» دەپ يازدىم. بۇ مېنىڭ ئاشۇ چاغدا تۇرغۇزغان كېيىنكى بەش يىلدىكى نىشانىم ئىدى.

مەن ئەنە ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، «نىشان تىكلەش» دېگەن تېما ئۈستىدە بىر ئىزدىنىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تېخى ئەمدى پۇرسەت تاپالىدىم. يېقىنقى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن توردىن «نىشان تىكلەش» كە ئائىت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى تېپىپ ئوقۇپ چىقتىم. ئۇشبۇ يازمامدا، مەن بۇ قېتىم ئىگىلىگەن بىلىملەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

غەرب ئەللىرىدە «نىشان تىكلەش» (ئىنگلىزچە – goal setting) بىر خىل پەن ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ پەن ھەققىدە ھازىر بىر مۇكەممەل نەزەرىيە مەۋجۇت. بۇ پەن ئايرىم-ئايرىم شەخسلەر ئۈچۈنمۇ، ھەمدە مەكتەپ، ئىدارە، كارخانا قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ئامېرىكىدا بۇ بىلىم ھەققىدىكى تەلىم-تەربىيىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان، ئوغلۇمنىڭ مەكتىۋىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت مانا مۇشۇنداق تېلىم-تەربىيىنىڭ بىر مىسالىدۇر. مەن ئۆز ئىدارەمدە ۋە رادىيو-تېلېۋىزورلاردا «نىشان تىكلەش» دېگەن سۆزنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمەن. غەرب ئەللىرىدە نىشان تىكلەشنىڭ قىممىتى چوڭقۇر تونۇپ يېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر بارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىر مۇھىم قىسمىغا ئايلانغان.

ئىنگلىزچىدا «motivate (پېئىل)، motivation (ئىسىم)» دېگەن بىر سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «بىر ئادەمنى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتىكى مەقسەت بىلەن تەمىنلەش، بىر ئادەمنى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا قوزغاش ياكى ھەرىكەتلەندۈرۈش» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ. يۇلغۇن لۇغىتىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى « رىغبەت، رىغبەتلەندۈرۈش» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سۆزلەر ئىنگلىزچىدىكى ئەسلى مەنىنى دېگەندەك تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەگەر بىز «motivation» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى « رىغبەتلەندۈرۈش» دەپ ئالساق، ھازىر نىشان تىكلەش توغرىسىدىكى پەن سانائەت ۋە تەشكىلات پىسخىلوگىيەسى، ئادەم باشقۇرۇش ئىلمى ۋە تەشكىلاتتىكى كىشىلىك ئىش-ھەركەتلەر (ئىنگلىزچە «organizational behavior») ئىلىملىرىدىكى ئەڭ كۈچكە ئىگە ۋە ئەڭ پايدىلىق «رىغبەتلەندۈرۈش نەزەرىيىسى» (ئىنگلىزچە «motivation theory») بولۇپ ھېسابلانماقتا.

مېنىڭ پەرىزىمچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوخشىمىغان ساندىكى نىشانلارنى تىكلەپ باققان بولۇپ، بەزىلەر تىكلىگەن نىشان ئۈنۈم بەرگەن. بەزىلەرنىڭكى بولسا ئانچە ئۈنۈم بەرمىگەن. بۇ پەرقنى نىشان تىكلەشتىكى ئىلمىي ئاساسلارنى بىلىش-بىلمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، مەيلى سىز بىر ئادەم توپىغا مەسئۇل رەھبەربولۇڭ ياكى بىر ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخس بولۇڭ، مۇشۇ يازمىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمەن. مېنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىشىمدە ئۆزۈمنىڭ توختىماي چوڭ-كىچىك نىشانلارنى تىكلەپ ماڭغانلىقىم، ھەمدە ئۇ نىشانلارنى توپلىغان تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن توختىماي تەڭشەپ تۇرغانلىقىم ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. مەن ئالدى بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۇ ئەمەلىيەتنىڭ نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنگەن بىر ئادەم ھېسابلىنىمەن. مېنىڭ ئاشۇنداق بولۇپ قېلىشىمنى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرت-شارائىت بەلگىلىگەن. ئەگەر ماڭىمۇ شارائىت بولغان بولسا، مەن ئۆز ھاياتىمغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ھەر خىل ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئاندىن ئەمەلىيەتكە ئۆتكەن بولسام، بۇرۇنقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشەلىگەن بولاتتىم. يولنىمۇ بۇرۇنقىدىن قىسقىراق ماڭغان بولاتتىم. مېنىڭ مۇشۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ماقالىلىرىمنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەن بۇرۇن ئېرىشەلمىگەن بەزى بىر شارائىتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1. نىشان تىكلەش ئۈنۈم بېرىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى تەھرىرلەش

سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىۋېلىپ، ئاشۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرسىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقىچىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىسىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە بۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن ئۆزۈمنىڭ «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق بىر ئابزاستنى يازغان ئىدىم:

«ئادەمنىڭ ئېڭى ئىككى خىل بولىدۇ: ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ (ئەسلى مەنبەدە «ئەس-ھوش، ھوش» دەپ بېرىلگەن). ئىنگلىزچىدا بۇلار «conscious and sub-conscious» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېڭىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، ”كۆڭۈلنى پروگراممىلاش“ دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. »

نىشان تۈزۈشنىڭ ئۈنۈمى ئەمەلىيەتتە كۆڭۈلنى پروگراممىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يەنى، ئادەم مېڭىسىدە بىر ”دىققەت مەركىزى“ (ئىنگلىزچە -attention center) بار بولۇپ، ئۇ پۈتۈن مېڭىنىڭ بىر قىسمىدىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. نۇرغۇن مۇتەخخەسىسلەر ئاشۇ دىققەت مەركىزىگە «ئادەمنى قۆزغۇتۇش مەركىزى» دەپ قارايدۇ. بۇ مەركەز بىزنىڭ نېمىگە دىققەت قىلىشىمىز، نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، زېھنىمىزنى نېمىگە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. باشقىچىراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەركەز تاشقىي دۇنيا بىلەن سىزنىڭ ئويلىرىڭىز ۋە ھېسسىياتلىرىڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى دۇنيارىڭىز بىر جايغا كېلىپ ئۇچرىشىدىغان مېڭىڭىزنىڭ بىر ئالاھىدە قىسمىدىن ئىبارەتدۇر.

ئادەتتە بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىز مېڭىمىزگە كىرگەن سان-ساناقسىز ئۇچۇرلارنى بىر ئەلگەكتە ئۇن تاسقىغاندەك تاسقاپ، «كېرەكسىز» دەپ قارىغانلىرىنى تاشلىۋېتىپ تۇرىدۇ. مېڭىمىزگە كىرىدىغان ئۇچۇرلار ھەددە-ھېساپسىز كۆپ بولغاچقا، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بېرىپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولۇپ، «مۇھىم ئەمەس» دەپ قارىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى «ئارقىسىغا قايتۇرۇۋېتىدۇ».

مەسىلەن، سىز بىر رېستۇراندا تاماق يەۋاتقاندا، ياكى پويىز بېكىتىدەك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ يىغىلغان بىر ئورۇندا تۇرغاندا، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقى، قانداق ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقى كاللىڭىزغا ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ. ھەمدە سىزگە قىلچە تەسىرمۇ قىلمايدۇ. لېكىن ئاشۇنداق بىر ئورۇندا بىرسى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ياكى سىز ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى چىقارسا، سىزنىڭ دىققىتىڭىز دەرھاللا سۆزلەۋاتقان ئاشۇ كىشىگە ياكى ئاشۇ ئاۋاز چىققان يۆنۈلۈشكە بۇرۇلىدۇ. يەنى، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز بۇ ئۇچۇرنى كاللىڭىزغا كىرگىلى قويىدۇ. مېڭىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزى بۇ ئىسىملارنى «مۇھىم ئۇچۇرلار» تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە سۇنىدۇ.

نىشان تىكلەش دېگىنىمىز، مېڭىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىگە سىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ، سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە سۇنۇش جەريانىدىن ئىبارەتتۇر. نىشان تىكلەش كۆڭۈلنى قايتىدىن پروگراممىلاش جەريانى بولۇپ، سىز بىر نىشان تىكلىگەندە، ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىز تىكلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر ۋە مۇھىم بولغان نەرسىلەرگە، كىشىلەرگە، پۇرسەتلەرگە ۋە ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى بىلدۈرۈپ قويىسىز. مېڭىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىگە نېمىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىز تىكلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر ياكى پايدىلىق بولغان ھەممە نەرسىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاپ، ئۆزىڭىز بىلىپ-بىلمەي سىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ بەزىدە بىر سېھرى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن بولۇۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر نىشان تىكلەڭ. ئاندىن ئۇ نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىڭىزنى تۈزۈپ چىقىڭ.

2. ئارزۇ، نىشان ۋە غايە تەھرىرلەش

ئارزۇ، نىشان ۋە غايە دېگەن سۆزلەرنى ھەممىمىز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن بۇ ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقنى ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇ قىسىمدا ئۇلارنىڭ پەرقى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمەن.

ئارزۇ: ئارزۇ دېگىنىمىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان، ئۆزىڭىز ئىستەيدىغان، ياكى بىر كۈنى ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئەمما ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھازىرچە ھەقىقىي تۈردە بەل باغلىمىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارزۇلارنى تېپىپ چىقىش بىر ئەركىن تەپەككۇر قىلىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا سىز ئۇلارنى قانداق ۋە قاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە قىلچە ئويلانمىسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ قانات چىقىرىپ ئۇچقۇم بار، مېنىڭ پالانى قىز بىلەن ياكى پۇكۇنى يىگىت بىلەن مۇھەببەت باغلىغىم بار، مېنىڭ 4 خىل چەت ئەل تىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولغۇم بار، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىڭ كىشىلىك بىر شىركەت قۇرغۇم بار، مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىللەت تەقدىرىنى تۈپتىن ياخشىلىغۇم بار، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئارزۇلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزىلىرىنى بولسا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى بىر قەغەزگە يېزىپ تىزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. سىز راستىنىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدىغان بىر ئارزۇنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ياكى نىشانىغا ئايلاندۇرسىڭىز بولىدۇ.

نىشان: نىشان مەلۇم مۇددەت ئىچىدە يەتمەكچى بولغان، بىۋاسىتە ئۆزىڭىزنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرىدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ زېھىن-كۈچىنى مەركەزلەشتۈرگەن، مەزمۇنى كونكرېت بولغان پەللىلەرنى كۆرسىتىدۇ. نىشاننى توغرا تىكلىگەندە، ئۇ چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىر كۈچلۈك قورالى بولالايدۇ. ئەمما ئۇنى توغرا تىكلىمىگەندە، چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشنى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىتىپمۇ قويىدۇ. يەنى، ئەگەر سىز كىچىك-كىچىك نىشانلار ئىچىگە چۆكۈپ كەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدىكى چوڭ رەسىملەرنى كۆرەلمەي، چوڭ يونۈلۈشنى مۇۋاپىق كونترول قىلالماي، ۋە ئاخىرقى پەللىنى توغرا تاللىيالماي قالىسىز. ئەڭ ئاخىرقى پەللە ياكى چوڭ نىشان بىلەن كىچىك-كىچىك نىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى غايىدىن ئىبارەتتۇر. مەن نىشان ھەققىدە ئۇشبۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە مەخسۇس توختۇلىمەن.

غايە: غايە دېگىنىمىزمۇ بىر خىل پەللە بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئاخىرقى ياكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىڭىز ياكى ئارزۇيىڭىزنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەللىدىن ئىبارەتتۇر. غايە نىشانغا ئوخشاش ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ چوڭ بولسىمۇ، ھەمدە دەسلەپتە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك بىلىنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ نىشاندەك مەركەزلەشكەن ۋە كونكرېت بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. بەزى غايىلەر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ھاياتىڭىز بىلەن باغلانغان بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا سىزنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرىڭىزگە سوزۇلغان بولىدۇ. غايە سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز، نىشان بولسا ئاشۇ مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سەپىرىڭىزنىڭ ئارىلىقتىكى توختاش نۇقتىلىرىدۇر. غايە سىز نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىڭىز ۋە ئۇنى نېمىشقا ئىستەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نىشانلار بولسا سىزنى ئاشۇ مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان پىلانلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

نىشان بىلەن غايە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ پەقەت غايىڭىزلا بولۇپ، ئۇنىڭغا يار-يۆلەكتە بولۇدۇغان نىشانلىرىڭىز بولمايدىكەن، غايىڭىزگە يېتىشنىڭ بەك تەس ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلىپ قالىسىز. سىزنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نىشانلىرىڭىز سىزنى يەتكىلى بولىدىغان ئارىلىقتىكى پەللىلەر ياكى بالداقلار بىلەن تەمىنلەپ، سىزنىڭ ئاخىرقى غايىڭىزغا يېتىشتىكى پەلەمپەيلىك رولىنى ئوينايدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ پەقەت نىشانلىرىڭىزلا بار بولۇپ غايىڭىز بولمايدىكەن، سىز ئاسانلا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ئارىلىقتىكى پەلەمپەيگىلا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىزنى كۆرەلمەيدىغان تويۇق يولغا كىرىپ قالىسىز. سىز بۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى نېمە ئۈچۈن باشلىغانلىقىڭىزنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. كونكرېت ياكى ئېنىق بولغان قىسقا مۇددەتلىك نىشانلارنىڭ ئۆزىلا ئادەمنى بىر كۈچلۈك ھەركەتلەندۇرگۇچى كۈچ بىلەنمۇ تەمىنلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق نىشانلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئەمەلىيەتتە سىزنى داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قىزىقتۇرۇپ تۇرىدىغان، ئاشۇ نىشانلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان بىر چوڭ ياكى ئۇلۇغ غايىدىن كېلىدۇ.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق زېھنىي كۈچىنى پەقەت كېيىنكى قەدەمگىلا مەركەزلەشتۈرسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى كېيىنكى بىر قانچە قەدەمنى بىراقلا بېسىپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىر قىسىم پۇرسەتلەرنى كۆرەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. غايە سىزنى ئاشۇنداق ئالتۇندەك پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. بۇ پۇرسەتلەرنىڭ بەزىلىرى سىزنىڭ ھازىرقى نىشانلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زور دەرىجىدە پايدىلىق بولىدۇ.

غايە سىزنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيىڭىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغان نىشانلىرىڭىزنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقان-بەرمەيۋاتقانلىقىنى باھالاپ تۇرىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق. سىز نىشانلىرىڭىزنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماڭالىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئەگەر سىزنىڭ بىر غايىڭىز بولمايدىكەن، سىز نىشانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيسىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ زېھنىي كۈچىنى بىر قەدەمدىن يەنە بىر قەدەمگە ئىلگىرىلەشكىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە قاراپ باقمايدىكەنسىز، بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ بىر چەمبەرسىمان يولدا كېتىۋاتقانلىقىڭىزنىمۇ سەزمەي قالىسىز.

غايە بىلەن نىشاننى پىلانلاش جەريانلىرى ئۆز-ئارا ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە نىشان غايىدىن ئېنىقراق ياكى كونكرېتراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداقلا نىشانلار مەلۇم ئالاھىدە ۋە مەركەزلەشتۈرۈلگەن پەللىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىر غايىگە ئوخشاش يىراقنى كۆرەرلىكنى تەلەپ قىلمايدۇ.

3. نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار تەھرىرلەش

ئەگەر سىز ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان نىشان تىكلەشكە ئائىت ھەر قانداق ماتېرىيالغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە «SMART goals» دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقايسىز. بۇ سۆزلۈكنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «ئاقىلانە نىشانلار» دېگەنگە توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى «SMART» دېگەن سۆز نىشان تىكلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان بەش تۈرلۈك كۆرسەتمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەش دانە ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ باش ھەرپىدىن تەشكىل تاپقان. يەنى، نىشان تىكلەش نەزىرىسىيىدە مۇنداق بەش تۈرلۈك كۆرسەتمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

تىكلىگەن نىشانلار

1) ئېنىق ياكى كونكرېت بولۇش (Specific)

2) ئۆلچىگىلى بولىدۇغان بولۇش (Measurable)

3) ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولۇش (Attainable)

4) غايە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىتىگە توغرىلانغان بولۇش (Relevant)

5) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولۇش (Time-bound)

نىشان تىكلەشتە بۇ بەش تۈرلۈك كۆرسەتمىنىڭ ھەممىسىلا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە سەل قارايدىكەنسىز، سىز ئەمەلگە ئاشۇرغان نىشاننىڭ دەرىجىسى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھېسسە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، خۇددى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، سىزنى بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىتتىرىپ ماڭىدىغان ياكى سىزنى ئارقىغا تارتىپ تۇرىدىغان كۈچ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىن كېلىدۇ. يوقۇرىدىكى بەش تۈرلۈك كۆرسەتمە سىز تىكلىگەن نىشاننى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا سىز ئۈچۈن ئىشلىشىدىكى زۆرۈر ئۆلچەمدىن تۈزۈلگەن. ئەگەر سىزنىڭ نىشانىڭىز مۇشۇ 5 تۈرلۈك ئۆلچەم بويىچە تىكلەنمەيدىكەن، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى «راھەت رايونى» ئىچىدە ۋە كونا ئادىتىڭىز بويىچە ساقلاشقا قاتتىق تىرىشىدۇ. تۆۋەندە مەن يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ئۆلچەم ئۈستىدە قىسقىچە، ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن.

(1) ئېنىق بولۇش

بىۋاسىتە تۇيغۇغا تايىنىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر تەپەككۇرنىڭ رىئاللىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنداق قانۇنىيەتلەرنى ئىلمىي ئاساستا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى كىتابلار خېلى كۆپ. كائىنات سىز تىلىگەن، سىز ئىستىگەن نەرسىلەرنى سىزگە بېرىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە سىزنىڭ نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىڭىزنىڭ ناھايىتى ئېنىق بولۇشى. ئېنىق چۈشىنىلگەن ئىستەك ئادەمنى تۈگىمەس كۈچ ۋە جاسارەتكە ئېلىپ بارىدۇ. نىشان ئېنىق بولسا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ھەمدە سىز يەتمەكچى بولغان پەللىگە نىسبەتەن ئېنىق ئۆلچەم تۇرغۇزالايسىز. نىشاننى ئېنىق قىلىشتىكى بىر مۇھىم ئامىل، ئۇنى بىر قەغەزگە يېزىپ چىقىش. بۇ نۇقتا نىشان تىكلەش كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە قاتتىق تەكىتلىنىدۇ.

نىشانىڭىز قانچە ئېنىق بولسا، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزمۇ رىئاللىققا شۇنچە ئۇيغۇن بولىدۇ، ھەمدە ئاشۇ نىشانغا يېتىش يولىڭىزمۇ شۇنچە قىسقا بولىدۇ.

نىشانىڭىزنى ئېنىق ۋە كونكرېت قىلىش جەريانىدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىشلەشكە پروگرامىلايسىز. شۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ۋە ئىدىيىڭىز سىزگە ھەر خىل توسالغۇ ياكى باھانىلارنى كۆرسىتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىنى ئېنىق قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «SMART» نىشان تىكلەشنىڭ قالغان تەركىۋىي قىسىملىرىنىمۇ تەييارلاپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

(2) ئۆلچىگىلى بولىدىغان بولۇش

ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى كونترول نەزەرىيىسى بويىچە ئېيتقاندا، بىر نەرسىنى ئۆلچىگىلى بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى باشقىچىراق بايان قىلساق، ئۆلچىگىلى بولمايدىغان نەرسىنى كونترول قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بىر نىشاننى ئۆلچىگىلى بولىدىغان قىلىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، سىزگە ھاسىل قىلغان ئىلگىرىلەشلەرنى باھالايدىغان ئۇسۇل ۋە سىز قاچان توختىسىڭىز بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدىغان ئېنىق ئۆلچەم لازىم بولىدۇ. سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشقا داۋاملىق قىزىقىپ ۋە قاتتىق كۈچەپ تۇرۇشىڭىز، ھەمدە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىن ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇشىڭىز ئۈچۈن، سىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ھېس قىلالىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

(3) ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولۇش

سىز بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماڭىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولنى ئېنىق كۆرەلىگەندىلا، بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان بولالايدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ پەللىنى قانچە تۆۋەنلەتسىڭىز، سىز شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىسىز، دېگەنلىك ئەمەس. ھازىرغىچە بولغان ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەلگىلىك دەرىجىدىكى قىيىن ئۆتكەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانلار ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇنداق نىشانلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇمكىنچىلىكنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يوقۇرىسى، ئەمما يەنىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بولىدۇ. نىشانلار پەقەت ئاشۇنداق بولغاندىلا، ئۇلار سىزنى توختىماي تىرىشىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. ھەمدە سىزگە ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىك تۇيغۇسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

(4) غايە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىتىگە توغرىلانغان بولۇش

سىزنىڭ نىشانىڭىز سىزنىڭ ئائىلە، تۇرمۇش ۋە كەسىپ قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەردىكى ئارزۇلىرىڭىز، ۋە 5-10 يىللىق ھەتتا ئۆمۈرلۈك غايىلىرىڭىز بىلەن باغلانغان بولىشى، غايىلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە توغرىلانغان بولۇشى لازىم. سىزنىڭ مەلۇم بىر نىشانغا نېمە ئۈچۈن يەتمەكچى ئىكەنلىكىڭىز ئېنىق بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ نىشاننىڭ قىممىتى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ نىشاننىڭ سىزنىڭ ئۆز نىشانىڭىز بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئىمكانقەدەر ھەر بىر نىشاننىڭ سەۋەبلىرى ۋە قىممەتلىرىنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ چىقىڭ. سىزدە ئاشۇ نىشان ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغان روھىي ھالەت ۋە ھېسسىياتلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. مۇشۇ ئارقىلىق سىز ئاشۇ نىشاننى قوغلىشىشنىڭ قىممىتى بار-يوقلۇقىنى كۆرىۋالالايسىز. ھەر قېتىم قىزغىنلىقىڭىز ئاجىزلاپ، ئىرادىڭىز بوشىشىپ قالغاندا، ئاشۇ يېزىپ قويغان سەۋەب ۋە قىممەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىڭ. بۇ قىيىن ۋاقىتلارغا توغرا تاقابىل تۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە تولۇق ئىستاپلانغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئەمىلى ئۇسۇلدۇر.

(5) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولۇش

«SMART» نىشان تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسىنىڭ 5-تەلىپى سىزنىڭ نىشانىڭىزنىڭ بىر ئېنىق ۋاقىت چەكلىمىسى بولۇش. بۇ نۇقتا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ۋاقىت – سىز بىر نىشانغا يېتىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان پايدا ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەل بولۇپ، سىز بىر ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق، مەلۇم بىر نىشان ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق بەدەل تۆلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. بۇ ئۆزىڭىزنى ئىشنى ئارقىغا سوزۇۋېتىش ياكى ھەددىدىن ئارتۇق مۇكەممەللەشتۈرىۋېتىشتىن ساقلاشنىڭمۇ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

مەن بۇ قېتىم ئىزدىنىش جەريانىدا، «SMART» دېگەن سۆز ۋەكىللىك قىلغان ئىنگلىزچە بەش سۆزنىڭ باشقا تۈرلىرىمۇ بارلىقىنى بايقىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ «SMART» نىشان چۈشەنچىسىدىن تولۇق مەلۇماتلىق بولىۋېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇلاسىلەپ چىقىمەن:

1) Specific، Significan (چوڭ، مۇھىم)

2) Meaningful، Measurable ( ئەرزىيدىغان، مەنىلىك)

3) Attainable، Achievable (ئېرىشكىلى بولىدىغان)، Agreeable (ھەر ئىككى تەرەپ ماقۇل كۆرىدىغان)

4) Relevant، Rewarding (ئەرزىيدىغان)، Realistic (رېاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان)، Results-oriented (نەتىجىنى ئاساس قىلغان)

5) Timely (ۋاقىت چەكلىمىسى بار)، time-bound، trackable (تەكشۈرگىلى بولىدىغان)

نىشان تىكلەشنى ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن، ياكى بولمىسا بىر باشلىق ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. يۇقىرىدا مەن پەقەت كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان نىشان تىكلەش جەريانى ئۈستىدىلا توختالدىم. يوقۇرىدىكى 3-ئۆلچەمنىڭ ئىچىدىكى «Agreeable» دېگەن سۆز بىر باشلىق ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرگە نىشان تىكلەپ بېرىدىغان ئەھۋالغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، قالغان سۆزلەر بولسا بىر-بىرسىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ. لېكىن، مېنىڭچە «ئېرىشكىلى بولىدىغان (Attainable)» دېگەن سۆز بىلەن ”رېاللىققا ئۇيغۇن (Realistic)“ دېگەن سۆز ئوخشاش مەنىدىكى سۆزلەر بولۇپ، مەن ”Realistic“ دېگەن سۆزنىڭ 4-ئۆلچەمگە كىرگۈزۈلۈشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن.

4. ئاخىرقى سۆز تەھرىرلەش

سىز مەيلى بىر رەھبەر بولۇڭ ياكى بىر ئادەتتىكى ئادەم بولۇڭ، قىلغان ئىشىڭىزدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىشىڭىز شەرت: بىرسى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ چىقىپ، ئەڭ موھىملىرىنى ئالدىدا قىلىش. يەنە بىرسى بولسا، ۋاقتىڭىزنى ۋە زېھنىي كۈچىڭىزنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش. ئەگەر سىز پەقەت ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى بىلىپ، ۋاقتىڭىز بىلەن زېھنىي كۈچىڭىزنى ئۇ مۇھىم ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرەلمىسىز، سىز نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغان، ئەمما ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان بىر ئادەم بولۇپ قالسىز. ئەگەر سىز ۋاقتىڭىز بىلەن زېھنىي كۈچىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشنى بىلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ چىقمىغان بولسىڭىز، سىز بىر ئالغا باسالمايغان مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇپلا قالىسىز. ئەگەر سىزدە مۇشۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھەر ئىككىسى بولىدىكەن، سىز خېلى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايسىز.

مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان غايىلەرنى تىكلەپ كەلدىم. مەسىلەن، مەن ئاقسۇ شەھىرىدە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا (يەنى 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا)، ئوقۇشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش، ئىقتىسادىي تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش، ۋە بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ غايىسى قىلىپ تۇرغۇزغان ئىدىم. بۇ غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاجايىپ قىيىن مۇساپىلارنى باستىم. مەن ئۈچۈن ئۆزۈم قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر تەجرىبىخانىدا ئېلىپ بارىدىغان تەجرىبىلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر ئىشنى قىلىشتا بۇرۇن ئۆزۈمگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارنىڭ قىلىپ باققان-باقمىغانلىقىغا قارىماي، ھەممە ئىشلارغا خۇددى بىر يېڭى تەجرىبىدەك مۇئامىلە قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئىشنى قىلىشتا ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق، ئۆزۈمگە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ ماڭدىم. گەرچە يېقىنغىچە نىشان تىكلەش ساھەسىدىكى بىرەر ئىلمىي نەزەرىيىنى ئۆگىنىپ باقمىغان بولساممۇ (مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئۇنداق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تېپىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى)، ئۆزۈم ئۈچۈن نۇرغۇن چوڭ-كىچىك نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى موھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ چىقىپ، بىردىن-بىردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ماڭدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم چوڭ غايىلىرىمدە ئۆزۈم رازى بولغۇدەك پەللىگە يەتتىم. ئەگەر سىز مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمگە قىزىقسىڭىز، ھەمدە بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ تەرجىمالىم ھەمدە Biliwal. com تور بېتى مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تور بەت ئادرېسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىغا يېزىپ قويدۇم.

مەن تىكلىگەن غايىلەردىن ئەمەلگە ئاشمىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، مەن ھەممە ئوقۇشلىرىمنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، يەنى 1996-يىلىدىن باشلاپ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بىر يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆزۈمنىڭ بىر چوڭ غايىسى قىلدىم. گەرچە ئاشۇ ئىشقا ئۈچ قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ (يەنى شىركەت قۇرۇش ئىشىدىن ئۈچىگە قاتنىشىپ باققان بولساممۇ)، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى (شۇ چاغدا قۇرغان بىر شىركەت ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، مەن ھازىرمۇ ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرسى. ئۇنى ھازىر پەقەت بىر قانچە ئادەم ئەسلىدە چىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مەھسۇلات بىلەن ماڭدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ شىركەتنىڭ تور بەت ئادرېسى http://www. telelase. com). مەن ھازىرغىچە ئەگەر ئامېرىكىغا 30 ياشقا كىرگەندە ئەمەس، بەلكى 20 ياشلاردا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق كەلگەن بولسام، بۇ غايىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىشىم مۇمكىن ئىدى، دەپ ئويلايمەن. بىر ئادەم قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن بىر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بولۇپ، ئۆز كونتروللىقى ئاستىدا بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، گەرچە مەن شىركەت قۇرۇش غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ يولدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم ۋە شۇ ئارقىلىق ئۈگۈنۈۋالغان بىلىملەردىن ئىنتايىن رازىمەن.

ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇش، بىر ياكى بىر قانچە چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، بىر مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئارزۇ ۋە غايىلىرى بار ياشلار ئىنتايىن كۆپ. ماڭا ئاشۇنداق ياشلاردىن پات-پات خەت كېلىپ تۇرىدۇ. مەن ھەر قېتىم يۇرتقا بارغاندىمۇ، بارغان يەرلىرىمنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇنداق ياشلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ تۇردۇم. مېنىڭ ئاشۇنداق ياشلارغا دەيدىغىنىم، تىرىشچانلىق توغرا ئۇسۇل بىلەن بىرلەشمىسە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. مېنىڭ ئۇشبۇ يازمىدا تونۇشتۇرغىنىم، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، نىشان ۋە غايە تۇرغۇزۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنداق بولغاچقا، مەن غايىلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەممىسىڭ ئۇشبۇ ئۇسۇلنى مۇكەممەل ئىگىلەپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن تولۇق خىزمەت قىلدۇرۇشىنى، ئۇنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئۇشبۇ ماقالەمنى ستېفېن كوۋېي (Stephen Covey) ئەپەندىنىڭ «سەككىزىنچى ئادەت» دېگەن كىتاۋىدىن تاللاپ ئالغان تۆۋەندىكى مەزمۇن بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندىلا بىر قىسىم سوغات (ئىنگلىزچە- gift) لار بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ. بۇ سوغاتلار تالانت، ئىقتىدار، ئىمتىياز، ئەقىل ۋە پۇرسەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەگەر ئۆزىڭىز ئۇلارنى ئېچىشنى قارار قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز، ئۇلار ئىچىڭىزدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. بۇ تۇغما سوغاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈچ خىلى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

(1) ئۆز يولىڭىزنى ئۆزىڭىز تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئۆزىڭىز تاللاش ھوقۇقى.

(2) تەبىى قانۇنىيەتلەر ياكى پرىنسىپلار بولۇپ، ئۇلار دۇنياۋى ياكى ئۇنىۋېرسال بولىدۇ، ھەمدە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.

(3) سىزنىڭ تۆت تۈرلۈك ئەقىل-ئىقتىدارىڭىز: ماددىي-ئىقتىسادىي، ھېسسىي-ئىجتىماىي، مەنىۋى، ۋە روھىي ئەقىل-ئىقتىدارلىرىڭىز.

ئەگەر سىز غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ئادەملەر، يەنى باشقىلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن، ناھايىتى زور تۆھپە ياراتقان، ھەمدە باشلىغان ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالىغان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. ئۇ بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرغان تىرىشچانلىقى ۋە ئىچكى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى) كۈرەشلىرى ئارقىلىق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلارغا خاس تۆت تۈرلۈك ئەقلىنى ياكى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. بۇ تۆت تۈرلۈك ئىقتىدار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: مەنىۋى (mental) جەھەتتە يىراقنى كۆرەلەيدىغان دانالىق (vision)، ماددىي جەھەتتە ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن چىقارغان تۈزۈم (discipline)، ھېسسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزغىنلىق (passion)، ۋە روھىي جەھەتتە ئاڭلىقلىق (conscience). بۇ تۆت تۈرلۈك نامايەندىلەر سىزنىڭ ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋاستىڭىزغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. يىراقنى كۆرەلەيدىغان دانالىق، ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن چىقارغان تۈزۈم، يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزغىنلىق ۋە ئاڭلىقلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ تۆت سۆز ھازىرغىچە باشقىلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان باشقا نۇرغۇن خاراكتېر ۋە خۇسۇسىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

باشقۇرۇش ئىلمى پەيلاسوپى پىتېر كوستېنبوم (Peter Koestenbaum) مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ ياخشى رەھبەرلەر مۇنداق تۆت ئۆلچەم ئىچىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ: يىراقنى كۆرەلەيدىغان دانالىق، رېاللىق، ئەخلاق، ۋە جۈرئەت. بۇلار تۆت خىل ئەقىل، سىزىمنىڭ تۆت خىل شەكلى، ھەمدە مەنىلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان خەۋەرلىشىشنىڭ تىلىدىن ئىبارەتتۇر. يىراقنى كۆرەلەيدىغان رەھبەرلەر چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئويلايدۇ، يېڭى-يېڭى ئىشلارنى ئويلايدۇ، ئالدىن ئويلايدۇ، ھەمدە، ھەممىدىن مۇھىمى، ئىنسانلارنىڭ ئېڭى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجادچانلىققا تولغان يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنگەن بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيا قارىشىنى، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئەرزىيدىغانلىقىڭىز ۋە قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدىكى ئىشەنچىڭىزنى باشقۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايدىغان بىر ھالغا كېلىۋېلىڭ. مانا بۇ تۈپ ئۆزگىرىشنىڭ، ئارتۇقچىلىقنىڭ ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ بەلۋېغىدۇر، ھەمدە جۈرئەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر.

كوۋېي ئەپەندىنىڭ كىتاۋىدىكى مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. يوقۇرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىكى مەزمۇن رەھبەرلەرگە قارىتىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولغاچقا، بەزى ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ ئۇنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقىمنى چۈشىنەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىر ئادەم باشقىلارغا رەھبەر بولالايدىغان بىر ھالەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە رەھبەر بولالايدىغان بىر پەللىگە يېتىشى شەرت. باشقىلارغا رەھبەر بولالىغان ئادەم ئۆز-ئۆزىگىمۇ رەھبەر بولالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا يوقۇرىدىكى بىر ئابزاس مەزمۇن بىر توپ ئادەمگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلارغىلا ئەمەس ئادەتتىكى ئادەملەرگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. مۇمكىن بولسا، سىز بىر رەھبەر بولمىسىڭىزمۇ بارلىق رەھبەرلىك ئىقتىدارلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى تولۇق يېتىشتۈرىۋېلىڭ. شۇنداق قىلىشنىڭ سىز ئۈچۈن پەقەت پايدىسىلا بار. ھەرگىزمۇ زىيىنى يوق.

5. قوشۇمچە

ئاخىرىدا مەن يوقۇرىدىكى يازما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئىش ئۈستىدە قىسقىچە توختۇلىمەن. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار سودا ۋە تىجارەتچىلىكتە ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەردىن خېلى ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر مىللەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە تاكى يېقىنقى دەۋرگىچە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، يېقىنقى 50 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان سودا-تىجارەتنىڭ كۆپىنچىسى سىرتنىڭ مېلىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە سېتىش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە بولسا، ئۇيغۇر خەلقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇپ، ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ھەمدە شۇنداق مەھسۇلاتلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىغا يۆتكەپ ساتىدىغان سودا ئىشلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا كۆپىيىپ ماڭدى. ھازىر بولسا چەت ئەل بىلەن سودا قىلىشنى كۆزلەيدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. يېقىندا ئاشۇنداق ياشلاردىن بىر قانچىسى مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇش ئىشىدا ياردەم قىلىشىمنى سورىدى. بۇنداق ئىشلارنىڭ بەزىلىرىنى ھازىر يېقىندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۈچىمىز ھازىر ئىنتايىن ئاجىز. شۇنداق بولغاچقا، چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان، ھەمدە مۇشۇنداق ئىشلاردا ياردەم قىلالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. ئەگەر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئادەم كۈچى يېتەرلىك بولسا، «دۇنيا ئۇيغۇر سودا بىرلەشمىسى» دېگەنگە ئوخشاش بىرەر تەشكىلاتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي شىركەت-كارخانىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ. چەت ئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن. مەيلى قانداق شەكىلدە بولمىسۇن، بۇ يەردىكى مۇھىم ئىش چەت ئەلدە تۇرۇپ ۋەتەندىكى تىرىشچان ياشلارنىڭ قولىنى تارتىش. رەھمەت.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى‏