نىكاھتىن ئاجرىشىش - يېنىشىش

) نىكاھتىن ئاجرىشىش: تەھرىرلەش

نىكاھتىن ئاجرىشىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرخىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ . مۇھىملىرى: ①ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىق؛ ②ئەرنىڭ ئايالغا ياكى ئايالنىڭ ئەرگە كۆڭلى چۈشمەسلىك؛ ③ئەر - ئايالنىڭ مىجەزىدە تەدرىجىي پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ئارقىسىدا دەسلەپكى مۇھەببەت ئاساسىنىڭ بۇزۇلۇشى؛ ④ئۆز ئارا ساداقەتسىزلىك؛ ⑤ئۈچىنچى بىر تەرەپ ئارىلىشىش؛ ⑥ئايال تەرەپ ھەددىدىن زىيادە خورلۇققا ئۇچراش؛ ⑦ئادەتتىكى ئائىلە ماجرالىرى قاتارلىق. مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرەرى كۆرۈلگەندە، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ كېلىشتۈرۈشى، نەسىھەتلىرى ئۈنۈم بەرمىگەندە نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپى قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەر تەرەپ <قويدۇم> ياكى <تالاق> دەپ لەۋزى قىلسا، نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ئەر - ئايال بىرگە ئۆتۈشكە بولمايدۇ. بۇرۇن مۇنداق نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرا كەلگەندە باشقا قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئۆتەلمەيتتى، قولۇم - قوشنا ۋە مەھەللە جامائىتىنىڭ بىلىپ قېلىشى بىلەن كۇپايىلىنەتتى. ئۆي - مۈلكى ئوتتۇرىدا تەڭ بۆلۈنەتتى. (ئۆي مۈلكىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىدىغان ئەرلەر، ئاياللارمۇ ئۇچرايدۇ). ئەگەر ئوتتۇرىدا بالا بولغان تەقدىردە بالىنى ئىختىيار قىلغان تەرەپ ئېلىپ قالىدۇ ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بۆلۈشۈۋالاتتى. بالا ۋە مۈلۈك مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە دىنىي مەھكىمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس قىلىناتتى ۋە دىنىي مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىگە بويسۇناتتى.

نىكاھتىن ئاجراشقان ئايال ياتلىق بولماقچى بولسا، ئۈچ ئاي ئون كۈن ئىدەت تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ جەرياندا ئايالنىڭ ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىقى ئېنىقلانسا، تۇغۇلغان بالا، ئادەتتە ئەر تەرەپكە تەۋە بولىدۇ. بالىنىڭ راسخوتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئەر تەرەپ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلغۇسى بالىنىڭ دادىلىق ھوقۇقىدىن ئىختىيارىي ۋاز كېچىپ، ئايالنىڭ بولغۇسى ئېرىگە بېرىۋېتىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ.

) يېنىشىش: تەھرىرلەش

نىكاھتىن ئاجرىشىش شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يېنىشىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ①ئادەتتىكى ئائىلە ماجراسى ئۈستىدە ئەر تەرەپ بىر پەسلىك ئاچچىق ئارقىسىدا يېنىكلىك قىلىپ <قويدۇم> دەپ لەۋزى قىلىپ تاشلىغان بولسا، مەزىن ياكى نىكاھ ئوقۇشنى بىلىدىغان مەھەللىدىكى بىرەر كىشىگە قايتا نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ ②يۇقىرىقى بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاجراشقان ئىككى تەرەپ يېنىشىشنى ئىستىسە ياكى ئاتا - ئانا، جامائەت ئارىغا كىرىپ رايىلاشتۇرغان بولسا ئەر تەرەپ بىرەر قۇر تويلۇق ئېلىپ قايتىدىن ئاددىي يارىشىش تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ③يۇقىرىقى بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئەرنىڭ ئاغزىدىن ئۈچ قېتىم <قويدۇم> ياكى <تالاق> سۆزى چىقىپ كەتكەن بولسا، قايتا يېنىشىشقا مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى يېنىشىشقا توغرا كەلسە، ئەر تەرەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان رەسمىيەت ئۆتەشكە يەنى باشقا بىر ئەرگە ۋاقىتلىق ياتلىق بولۇپ ئاجراشقاندا يېنىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر شۇنداق رەسمىيەت ئۆتەلسە، ئاندىن يېنىشىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەر نۇقتىسىدىن ئالغاندا يەنە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرمۇ مەۋجۇت: ①ياتلىق قىلىنغان قىزلار يەنىلا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. ②قىزلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن مەيلى پەرزەنتلىك بولغان ياكى بولمىغان بولسۇن، ئەگەر ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئۆز ئۆيىگە كېتىش ياكى ياتلىق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ③ئايالى (ئېرى) ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۆيلەنمەكچى ياكى ياتلىق بولماقچى بولسا، بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن ياكى ئاز دېگەندە ئۆلگۈچىنىڭ يىلى توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىنىدۇ. (ياتلىق بولىدۇ). ئادەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئادەتكە رىئايە قىلىدۇ. ئەگەر بويتاق ياكى تۇل قالغۇچىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغان پەرزەنتلىرى بولغان تەقدىردە، ئۆيلەنمەكچى ياكى ياتلىق بولماقچى بولسا، ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ، جۈملىدىن قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنىڭ، ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆيلىنىدۇ (ياتلىق بولىدۇ). يۇقىرىقى ئادەت - قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەرلىك ھوقۇقى مۇقەددەس قارىلىپ كەلگەن. ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىرخىل ئەرمىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق ئىدى. بۇ ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن <ئايال جىنىس ئادەمنىڭ سول قوۋرىغىسىدىن ئاپىرىدە بولغان> شۇڭا <چېچى ئۇزۇن ئەقلى كالتە> ۋە <ئەر ئايالنىڭ كەت خۇداسى>، <ئەرنىڭ قولى> دېگەن فېئودال ئەدەب - قائىدىنىڭ قۇربانى قىلىپ كېلىنگەندە تىپىك ئىپادىلىنىدۇ.