نىكاھلىنىش دائىرىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھلىنىشى ئادەتتە ئۆز مىللەت قوۋمىسى بىلەن چەكلىنىپ، ئاساسلىقى يات ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىۋاستە قانداش تۇغقانلار ياكى دادىغا يا ئانىغا ئۆگەي، جۈملىدىن ئاسراندى پەرزەنتلەر ئارا نىكاھلىنىشقا پەقەت بولمايدۇ. ئەمما تۇغقانچىلىق قوغلىشىپ يېقىن تۇغقانلار ئارا نەۋرىلەرنى ئۆز ئارا چېتىش ئادەتلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، ئەۋلادنىڭ ھېينپناق تۇغۇلۇپ قېلىشى، ئەر - خوتۇن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي ئاجرىشىپ كېتىشى ئارقىسىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ، ھەتتا ياتلىشىپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە تۇتۇلىدۇ. مۇمكىن قەدەر نەۋرىلەرنى چېتىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى نىكاھلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ.

مۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردا يەنە دىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىسىدا غەيرىي مىللەت قوۋمى بىلەن، جۈملىدىن مۇھەببەت تۈپەيلىدىن غەيرىي دىندىكى غەيرىي مىللەت قوۋمى بىلەن نىكاھلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلاردا كېلىننىڭ كۆيۈسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن تەقدىردە ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشكە بولمايدۇ. ئەمما بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاكىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ يەڭگىسى تۇل قالغان (ئۇلار بۆلەك ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغان تەقدىردە) بولسا، ئاكىسىنىڭ مال - مۈلكى، پەرزەنتلىرىنى دەپ ئۇكىسى يەڭگىسىگە ئۆيلىنىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن. ئەمما جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلگەچكە ئۇنداق ئەھۋال كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى. ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ ئايالىغا ئۆيلىنىشكە پەقەت بولمايدۇ. ئايال ئۆلۈپ كەتسە ئەر ئايالنىڭ سىڭلىسىغا (تەڭ دىمەت بولسا ئاچىسىغا) ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، پەرزەنتلىرىنىڭڭ ياتسىراپ قالماسلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.