نىكاھ تۈزۈم - رەسمىيەتلىرى
ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قېئوداللىق ھۆددىگەرلىك ئاساسىدىكى بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئالاھىدىكلىرى:ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھوقۇق - ئىمتىيازى مۇقەددەس ئىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە گەرچە بىر ئەر بىر ئاياللىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەرلەر ئەرلىك ھوقۇق - ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئىككى، ھەتتا ئۈچ، تۆت خوتۇن ئالىدىغان ئەھۋالمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇنداق ئەھۋاللار سەۋەب بولغان:①ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىقى ياكى ئايالىنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى بولماسلىقى سەۋەبى بىلەن ئەر خوتۇن ئۈستىگە يەنە بىر خوتۇن ئالىدۇ. مۇنداق سەۋەب زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، ئەر خوتۇن رازىلىشىش ئاساسىدا ئىش كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئايال تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ لايىق تاللايدۇ ۋە توي ئىشىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇنداق بىر ئەرلىك ئىككى خوتۇن <چوڭ خوتۇن>، <كىچىك خوتۇن> دەپ ئاتىلىدۇ. كىچىك خوتۇن ئادەتتە <توقال> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ②تىجارەت بىلەن ياكى باشقا ئىشلار بىلەن سىرتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى بولغاندا، ئەر يەنە بىر خوتۇن ئېلىشقا بولىدۇ. بەزى ئەرلەر ئەرلىك ھوقۇق ئىمتىيازى، جەمئىيەتتىكى نوپۇز، بايلىق، ھوقۇق ئىمتىيازىغا تايىنىپ خاھىشىچە توقال ئالىدىغانلارمۇ بار. ئەمما بۇ خىلدىكى توقال ئالغۇچىلار بىر قەدەر ئاز بولغان، بولۇپمۇ ئۈچ، تۆت توقال ئېلىش ناھايىتى ئاز ساندىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدىلا مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ ئاز بولغان.
پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ ئىشى ئاساسەن ئاتا - ئانىنىڭ ھۆددىگەرلىكىدە بولۇپ كەلگەن. ئوغۇل - قىز ئۆز ئارا تېپىشىپ رايىلاشقاندىن كېيىن ئاتا - ئانىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ تويلىشىدىغان ئەھۋالمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئاتا - ئانىنىڭ پىكرى يەنىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايتتى.