نىكولا تېسلا 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كرودىيە دىكى سىمۋەن كەنتىدىكى سەربەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن تېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلۇق ئادەمنىڭ مېھمانخانىسىدا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى.

تېسلا سارونوي
ئۇيغۇرچە ئىسمى نىكولا تېسلا
باشقا نامى تېسلا، نىكو تېسلا
مىللىتى سېربلار
تۇغۇلغان ۋاقتى 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى
كەسپى كەشپىياتچى، مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى
سېرىبچە Никола Тесла
ئېتىقادى سېربىيە پراۋوسلاۋىيە دىنى
ۋەكىللىك ئەسىرى 《My Inventions》《The Dynamic Theory of Gravity》
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尼古拉·特斯拉
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى (كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن)
يۇرتى كرودىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى گرازدا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەمەلىيەتتە مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن)
ئېنگلىزچە Nikola Tesla
ئاساسلىق نەتىجىلىرى ئۆزگىرىشچان توك سىستېمىسى، سىمسىز تېلېگراف سېستىمىسى، سىمسىز ئېنېرگىيە يوللاش، رادار، چوڭايتىش ئاپپاراتى
ئىزاھات سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىم

ھەققىدە تەھرىرلەش

نىكولا تېسلا (سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىم) 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كرودىيە دىكى سىمۋەن كەنتىدىكى سېربان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن تېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلۇق ئادەمنىڭ مېھمانخانىسىدا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى، مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى.

ئاتا-ئانىسى سېربلار بولۇپ، ئۇ بەش بالا ئىچىدىكى تۆتىنجىسى، 1862-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى گوسپىچقا كۆچۈپ كەلگەن، كېيىنچە ئېدىسون تېسلانى ياللاپ ئىشلەتكەن، ئۇنى ئېدىسوننىڭ ماشىنسازلىق شىركىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. تېسلا ئېدىسون شىركىتىنىڭ تۇراقلىق توكلۇق ئېلېكتر ماشىنىسىنى قايتا لايىھىلەشكە تولۇق مەسئۇل بولغان.

ئۇ توكنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ھەمدە ھازىرقى زامان ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپ قىلغان ئادەم. ئۇ نۇرغۇن ئالاقىدار پاتنېتى، شۇنداقلا ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى نەزەرىيىسى تەتقىقات خىزمىتى ھازىرقى زامان سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز تېلېگرافنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ.

تېسلا سەككىز خىل تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ: چېخ تىلى، ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، گېرمان تىلى، ۋېنگىرىيە تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە ئۆزىنىڭ ئانا تىلى سېرب تىلى.

تۆھپىسى تەھرىرلەش

تېسلا ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپ قىلغاندا ئەگەر ئۇ پاتېنت ھەققى يىغىشنى قارار قىلغان بولسا، ھەربىر ئات كۈچى ئۆزگىرىشچان ئىشلەتكەندە چوقۇم ئۇنىڭغا 2.5 دوللار پاتېنت ھەققى تۆلەش كېرەك ئىدى. بۇنداق بولسا ئۇ ناھايىتى تېزلا روكفېللېردىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىناتتى.

بىراق ئۇ ئۆزگىرىشچان توكنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ھۆججىتىنى يىرتىۋېتىپ، بۇ توكنى كىشىلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغان.

تېسلا 100 نەچچە يىل بۇرۇن قۇرغان توك تارقىتىش ئىستانسىسى تا ھازىرغىچە نورمال خىزمەت قىلماقتا.

رېنتىگېن نۇرىنىمۇ تېسلا ئاۋۋال بايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قولىنى رېنتىگىن نۇرى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ رېنتىگىنگە ئەۋەتىپ بەرگەن، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل بايقىشىنى سىرتقا جاكارلىمىغان.

1892-يىلى تېسلا سىمسىز رادىئو تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققان.

1899-يىلى چاقماق ھاسىل قىلغان.

تېسلانىڭ ئەڭ قالتىس كەشپىياتى بولسا دۇنيا سىگنال سىستېمىسى. بۇ نەرسە سىمسىز تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھەرقانداق تىپتىكى سىگنال، ئۇچۇر، يېزىق قاتارلىقلارنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر بۇرجىكىگە يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تېلېگرامما، تېلېفون ۋە باشقا سىگنال پونكىتلىرى ئارىسىدا ئۆزارا تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ سېستىما ئارقىلىق بىر تېلېفون ئابۇنتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى تېلېفون ئابۇنتىنى چاقىرالايدۇ، بۇ ھەتتا ھازىرقى ئەشيا تورىدىنمۇ ئىلغار. ئەپسۇس بۇ سىستېما ۋاردېنكىلىف مۇنارى تۈرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى بىلەن تاماملانمىغان.

ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئالاقىدار پاتېنتى ۋە ئېلېكتر ماگنىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرقى زامان سىمسىز تېلېگراف ساھەسىنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ.

ئاجىرقى كۈنلىرى تەھرىرلەش

ئۇ جەمئىي 86 يىل ياشىغان بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم پەنگە بېغىشلىغان، بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تېسلا ئۇيقۇ ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. 1000دىن ئارتۇق كەشپىياتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە بۇ ئالىم ۋاپات بولۇش ئالدىدا ناھايىتى نامرات ئىدى.

ئۇنىڭ جەسەت كۈلى 1957-يىلى سېربىيە بېلگرادتىك نىكولا تېسلا مۇزېيىغا قويۇلغان.

2003-يىلى تېسلانىڭ دۇنيانىڭ ئېلېكترلىشىشى ۋە كەلگۈسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ مۇزېي دۇنياۋىي ئەسلىمە مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

باھا تەھرىرلەش

ئەگەر قەدىمكى زاماندىن ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا ئەۋلىيالارغا يېقىنلىشىدىغان ئىككى ئادەم بار دېيىلسە، ئۇلارنىڭ بىرى داۋىنچى، يەنە بىرى دەل بۇ ئادەم تېسلا. ئەگەر سىز ئېينىشتىيىننىڭ پاراسەت قىممىتىنىڭ 200دىن ئاشىدىغانلىقىدىن ئەجەبلەنسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۇنى چۈشەنمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېدىسوننىڭ ناھايىتى تىرىشچان تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق تېسلا بولسا ئۆزىنىڭ ئىلھامىغا تايانغان تالانت ئىگىسى.

تېسلا يالغۇزلۇق ئىچىدە ياشىدى، لېكىن ئۇ يەككە-يېگانە ئەمەس، كەشپىيات ئۇنىڭ ھەمراھى، تەتقىقات ئۇنىڭ سىرداش دوستى، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ياشاپ، پۈتكۈل سىرتقى دۇنيانى ئۆزگەرتتى.

ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك كەشپىياتى ھازىرقى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى، مەسىلەن ئىنتېرنېت تورى، يانفون قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەتقىقات ئاساسىدا پەيدا بولغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تېسلا دۇنيا تەرەققىياتىنى 100 يىل ئىلگىرى سۈرگەن.

باشقا ئۇچۇرلار تەھرىرلەش

سېربىيە دېگەن بۇ دۆلەت دەل مۇشۇ بىر ئالىمنى تەربىيلەپ چىققانلىقى ئۈچۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ھۆرمەتلەنگەن.

ئۇلار يەنە بۇ ئالىمنى ئۆزىنىڭ 100 يۈەنلىك قەغەز پۇلىغا باستى ھەمدە پۈتكۈل سېربىيىلىكلەرنى ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىشكە چاقىردى. بىراق بۇ كىشى ھايات ۋاقتىدا سېربىيە ئۈچۈن ھېچقانداق بىۋاسىتە تۆھپە قوشمىغان ئىدى.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى