نىيازى ( 1780 ~ 1865)

موللا مۇھەممەت نىياز بىننى ئابدۇلغەفۇر خوتەننىڭ چىرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچانلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەپ ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارنى ھازىرلاپ ، ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ، « قىسسەسۇل غەرايىب » « دىۋانى نىيازى » ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدۇر . ئۇ يەنە تەرجىمە ساھەسىدىمۇ خېلى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، « تارىخى رەشىدىي » نىڭ تەرجىمىسى بۇنىڭ تىپلىك مىسالى .