نىياز ھېكىم بەگ

تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ

پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ،مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ،نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر.نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى،ھېچ بولمىسا «چەنتو»لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ،«ئۆز پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىلىق قىلىدۇ ،ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان.شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە ،ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان .شۇنداق قىلىپ 25كۈن بولدى دىگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ،زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ،بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان . ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن