نۇزۇگۇم
مىللىتىئۇيغۇر

نۇزۇگۇم. ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى. ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تەخىمىنەن1806-،1807-يىللىرى تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چىچەن ھەم نازۈك قىز بولغاچقا باشقىلار ئۇنى«نازۈك» ياكى «نۇزۇگۇم» دەپ ئاتىۋالغان.نۇزۇگۇم 1825-يىلىدىكى قەشقەر خەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارشى قوزغىلىڭغا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئاھالىسىدىن ئون مىڭلىغان كىشنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. پالانغانلار قاتارىدا ئىلىغا كەلگەن نۇزۇگۇمنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمرانلىرى ئۇنى سۇلۇن ئەمەلدارىغا ستىۋىتىدۇ. ياتلارغا خوتۇن بولۇشنى خالىمىغان نۇزۇگۇم كىچىدە سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرۇپ قىچىپ كىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلۇپ قىلىپ 1827-يىلى دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ. بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەلىك روھ بىلەن تولغان شىئىر قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسدا كەڭ تارقالغان[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. گۆھەربان ئۆمەر، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر