نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)

نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى OPEC))

نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقى


石油输出国组织


1960 - يىلى 9 - ئايدا ئىران ، ئىراق ، كۈۋەيت ، سەئۇدىي ئەرەبىستانى ۋە ۋېنسۇئىلا باغدادتا ، غەرپ نېفىت شېركەتلىرىگە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ ، نېفىت كىرىمىنى قوغداش توغرىسىدا يىغىن چاقىرغان . شۇ ئاينىڭ 14 - كۈنى بەش دۆلەت بىرلىشىپ « نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى » (Organization of Petroleum Exporting Countries——OPEC) نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، مەزكۇر تەشكىلات نۆۋەتتە ئاسىيا ، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەردىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق مۇھىم تەشكىلاتقا ئايلاندى . باش شىتابى ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيناغا تەسىس قىلىندى . مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق فونكىسىيسى - زۆرۈر بولمىغان باھا ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەپش ئارقىلىق خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنى كونترول قىلىپ ، ئەزا ئەللەرنىڭ نېفىت كىرىمىنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ، يېتەرلىك نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .