نەغەزگۈل
نەغەزگۈل پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نەغەزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تونۇشتۇرۇلىشى
تەھرىرلەشنەغەزگۈل پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نەغەزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كۆپ، شەكلى ئۇرچۇققا ئوخشايدۇ، غولى يالغۇز، سىلىق ۋە قاتتىق؛ يوپۇرمىقى كۆپىنچە توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى يىپسىمان بولۇپ، دۇغسىمان ئېگىلىپ تۇرىدۇ؛ گۈل رېتى چەكلىك كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولىدۇ.
دورىلىق قىسمى
تەھرىرلەشدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
تەھرىرلەشبۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، غولىنىڭ قالدۇقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلدۇ.
ئۆسۈش ئورنى
تەھرىرلەششىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەبىئىتى
تەھرىرلەشقۇرۇق سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى
تەھرىرلەشئىسسىق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى
تەھرىرلەشئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ
رېتسىپلار
تەھرىرلەشنەغەزگۈل يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەغەزگۈل يىلتىزى ۋە قارىغاي يىلتىزدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوغۇم سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نەغەزگۈل يىلتىزى ۋە ھۆل پاقىيوپۇرمىقىدىن 70 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشمەيدىغان جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نەغەزگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نەغەزگۈلنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق، سۆزنەك، بۇرۇن قاناش، قان قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.