يارغۇل قەدىمكى شەھىرى

تۇرپاندىكى داڭلىق ساياھەت ، مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتىسى _ يارغۇل قەدىمكى شەھىرى تۇرپاندىكى يارغول قەدىمكى شەھىرى-تۇرپاندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ۋە مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر توپا قۇرۇلمىلىق شەھەر. دۆلەت ئىچى -سىرتىغا مەشھۇر، تارىخىي ئۇزۇن، تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى، قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە، ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭلىغان ساياھەتچىنى جەلىپ قىلىۋاتقان داڭلىق ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتىسى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، يارغول قەدىمكى شەھىرى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئۇچراشقان تۈگۈنى. بۇ شەھەردە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، بىر -بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. كۆپ مەنبەلىك، مول مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە بۇ خىل قەدىمىي ئىزلار جۇڭگو ھەتتا دۇنيا مەدەنىيتىدىمۇ كەمدىن -كەم ئۇچرايدۇ. يارغول قەدىمكى شەھىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولۇپ، شەرق بىلەن غەرب قاتنىشىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەمدە غەربىي رايونلارنىڭ تارىخى، دىنى، سەنئىتى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شەھەرنىڭ سېپىلى يوق، چۈنكى شەھەر يارنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان، ئۆي-ئىمارەتلەر سوقما تامدىن ياسالغان، نەچچە قەۋەتلىك ئىمارەتلەرمۇ ئىگىز يارلىقلارنى، توپىنى قېزىش، ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، بۇ خىل قۇرۇلۇش شەكلى دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ. ئۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى يار يېزىسىنىڭ يارغول كەنتى تەۋەسىگە جايلاشقان. 1961-يىلى گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلغان. يارغول- يىراق قەدىمكى زاماندا، كەلكۈننىڭ ئىككى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ ئاخىرىدا قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غول بولۇپ، بۇ غولنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدىكى تۈز كەتكەن تۈزلەڭلىك بار. تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1650 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر بولۇپ، قەدىمكى شەھەر موشۇ ئارالغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئەتراپىنى غول سۈيى ئايرىپ تۇرىدۇ. يار خۇددى كېسىپ چۈشكەندەك سىلىق بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىپ، تەبئىي مۇھاپىزەت توسىقى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، يەرلىك ئاھالىلار بۇ يەرنى "يارغول"يەنى يارداڭلىق، غول ئۈستىدىكى شەھەر دەپ ئاتىغان. يارغول قەدىمقى شەھىرى شىنجاڭ بويىچە تۇرپان ئويمانلىقىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى قەدىمقى شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى2-ئەسىردە بىنا قىلىنغان. شۇ زامانلاردا پۈتكۈل تۇرپان رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول-سانائەت ئىشلىرىدا ناھايتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. بۇ تەرەققىياتلار ئەينى زاماندىكى يارغول شەھىرىدە ئاۋات بازارلارنى، گۈللەنگەن شەھەر مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يارغول قەدىمكى شەھىرىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان يارغول قەدىمكى شەھىرى ئۇنىڭ راسا گۈللەنگەن ھالىتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۇزۇنلۇقى 350 مېتىر كېلىدىغان بىر تال چوڭ يول يارغول قەدىمكى شەھىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ. چوڭ يولنىڭ شىمال تەرىپىدە كۆلىمى ناھايتى چوڭ، ناھايتى ھەيۋەتلىك بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى بار، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك مۇنار بار، مۇنارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا تۆت ئەتراپىدا جەمئىي 28 بۇت تەكچىسى بار. بۇتخانىنىڭ ئۇدۇل جەنۇب تەرىپىدە پۈتكۈل يارغول قەدىمكى شەھىرىنى كۆزەتكىلى بولىدىغان ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك كۈزىتىش مۇنارى بار. شەھەرنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە قەدىمكى قەبرىلەر بولۇپ، پۈتۈنلەي قېزىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. قۇرۇلۇشلار شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى تەخمىنەن 1000 كۋادرات مېتىر دائىرە ئىچىگە مەركەزلەشكەن. شەھەرنىڭ شەرق، جەنۇب تەرىپىدە بىردىن قوۋۇق بار، قۇرۇلۇش شەكلى جەھەتتە شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سېپىل بولمىغاندىن سىرت، مۇتلەق كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلار، كەڭ كوچىلارنىڭ ھەممىسى يەرنى قېزىش ئارقىلىق ياسىلىشتەك روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان. گەمىلەر تۇپراقنى قېزىش ئارقىلىق ياسلىپلا قالماي، ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ تۇپراقنى قېزىش ئارقىلىق تۆت تامنى ياسىۋىلىپ، ئاندىن ياغاچ بىلەن يېپىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان. قېپقالغان تۈۋرۈكلۈك گەمىلەردىن قارىغاندا، كۆپ قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارمۇ خىلى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئاستىنقى قىسىمى توپا تام، ئۈستۈنكى قىسمى لايدا قوپۇرۇلغان غۇجا تام. يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىي ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، چوڭ-كىچىك كوچىلىرى، ھويلىلىرى ئېنىق، كۆپ ساندىكى قۇرۇلۇشلار ئىچىدىن قۇرۇلۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىشىك، دېرىزە ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىر بولۇپ، كۆپىنچىسى تۈۋرۈك شىپىلىق گەمىلەر قىپقالغان. قەدىمكى شەھەردە يەنە قەدىمكى دەۋرلەردىكى مەدەن ئېرىتىش، مېتال تاۋلاش، ساپالچىلىق، شاراب ئېچىتىشقا ئائىت قېزىلمىلار بايقالدى. دېمەك ئەجداتلىرىمىز يار ئۈستىدىكى مۇشۇنداق قۇلاي ھەم تەبئىي ئورۇنغا شەھەر بىنا قىلىپ، قېزىلما ئىمارەتلەرنى ياساپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن، ئىسسىق ھاۋادىن مۇداپىئەلەنگەن. يېزىق ئىجاد قىلىپ، ھەر خىل ئەسەرلەرنى يارىتىپ، تارىخىي خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان شەھەر مەدەنىيتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يارغول قەدىمكى شەھىرى 2000 يىلدىن ئارتۇق بوران -چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، شەھەر خارابىسى سۇ مەنبەسىدىن يىراق، بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئامال بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، شەھەر ئىچىدىكى ئەمەلدارلار تۇرىدىغان مەھكىملەر، ئىبادەتخانا، بۇددا مۇنارى، بىر -بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چوڭ -كىچىك كوچا قاتارلىق قۇرۇلۇش خارابىلىق ئىزلىرى تولۇق ساقلىنىپ قالغان. ھازىر ساياھەتچىلەر بۇ شەھەرگە كىرىپ، چوڭ -كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ ساراي-ئۆيلەرگە كىرەلەيدۇ.19- ئەسىردىن بۇيان ئاز بولمىغان چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى بۇ جايغا كېلىپ ئېكسىپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. جۇڭگو ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى كۆپ قېتىم بۇ جاينى تەكشۈردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئالىملار، مۇتەخەسىسىلەر يارغول قەدىمكى شەھىرىنى سىستېملىق تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك كەم ئۇچرايدىغان بۇ شەھەر خارابىسى -مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ ئىنتىلىدىغان داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ قالدى. يېقىندا ئالىملار يارغول قەدىمكى شەھىرىگە: "يارغول قەدىمكى شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان توپا قۇرۇلمىلىق شەھەر"، شۇنداقلا "ئېلىمىز بويىچە 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان مەركىزىي شەھەر خارابىسى" دېگەن باھالارنى بەردى. بۇ شەھەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەرنى ئويۇپ ياسالغان، ئۆڭكۈر قېزىلىپ ھۇجرا ياسالغان، ئاھالىلارنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن شەھەر كوچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈز يەرنى ئويۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. پۈتۈن شەھەر توپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، كوچىلارغا قارىغان ئىشىك -دېرىزىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. كوچا بىلەن دەرۋازىلىرى ئازادە ياسالغان. بۇ خىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا خاس ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇش دۇنيا شەھەر قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۆجىزە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئىنسانلار ئەقىل -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. يارغول قەدىمكى شەھىرى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدە قىممىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئېلىم -پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. نەتىجىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركىزى "يىپەك يولىنىڭ جۇڭگو بۆلىكى"دە تۈنجى بولۇپ، يارغول قەدىمي شەھىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا كۆرسەتتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز، بولۇپمۇ تۇرپان ۋىلايىتى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۈرسەت بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى