ياسىر قازى بىلەن تونىي بلايېرنىڭ مۇنازىرىسى

ياسىر قازى بىلەن تونىي بلايېرنىڭ مۇنازىرىسى


2014-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى


مەن ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋە ئىنتايىن قايىل بولغان ئىككى مۇسۇلمان زىيالىي بار. ئۇنىڭ بىرى مەھدى ھەسەن (Mehdi Hasan ) [1]. يەنە بىرى ياسىر قازى. تورداشلار ياسىر قازى بىلەن خېلى ياخشى تونۇشۇپ بولدى، دەپ ئويلايمەن [2]. ئەگەر ئۇنى تېخىچە بىلىپ بولالمىغان ئوقۇرمەنلەر بولسا، تۆۋەندىكى 2-نومۇرلۇق مەنبەگە قاراپ باقسا بولىدۇ. مەھدى ھەسەن ئەنگلىيىنىڭ «Huffington Post UK» گېزىتىنىڭ سىياسىي دىرېكتورى، ۋە ئال جازېرا ئىنگلىزچە تېلېۋىزورىنىڭ رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. مەن ئۇنى 2013-يىلى ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق «ئىسلام بىر تىچلىقپەرۋەر دىنمۇ-ئەمەسمۇ؟» دېگەن مۇنازىرە ئارقىلىق تونۇغان [3]. بۇ مۇنازىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى سىن ھۆججىتى تۆۋەندىكى 3-نومۇرلۇق ئۇلانمىدا بار. ھازىر ئىنگلىزچىنى ۋە ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىۋاتقان، ھەمدە ئىمكانىيىتى بار (بۇ يۇتيۇب ئۇلانمىسى ۋەتەندە ئېچىلماسلىقى مۇمكىن) ئۇكىلار ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلغان باشقىلارنىڭ مۇنازىرىسىنى بىر قېتىم ئاڭلاپ باقساڭلار، سىلەر ئۈچۈن بىر ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. 4-نومۇرلۇق مەنبەدىكى رادىئو سۆھبىتى ياسىر قازىنىڭ مۇنازىرىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا خېلى پايدىلىق. قىزىقىدىغان ۋە ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار ئۇنى ئاڭلاپ باقسا بولىدۇ [4].

ياسىر قازى 2008-يىلى ئامېرىكىنىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا، ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تونىي بلايېر (Tony Blair) ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ، بىر مەۋسۇم بىر دەرس ئۆتكەن. ناھايىتى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە تاللاش جەريانىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ياسىر قازى بۇ دەرسكە تاللانغان، ھەمدە پۈتۈن بىر مەۋسۇملۇق دەرس جەريانىدا سوئال سوراش ۋە مۇنازىرىلىشىش جەھەتتە سىنىپتىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچى بولۇش رولىنى ئالغان. 2009-يىلى 4-فېۋرال كۈنى ئۇ ئاشۇ دەرستىن ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن ئۇ دەرستە بولۇپ ئۆتكەن بىر قىسىم ئىشلارنى يېزىپ چىقىپ، توردا ئېلان قىلىپتۇ [5]. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقارتىپ تونۇشتۇرىمەن.

بۇ تېما ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما مەن بىر مۇسۇلمان زىيالىينىڭ ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم سوئالدا تۇتىۋالغان مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدىم. ئۇنىڭدىن خوش بولماي تۇرالمىدىم. شۇڭلاشقا مەن ۋەتەندىكى ياشلارنى بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى تەييارلىدىم.

مەن بۇ ماقالىدا پەقەت ياسىر قازىنىڭ ماقالىسىدىكى مەزمۇننىلا تونۇشتۇرىمەن. ئەگەر ئۆز پىكىرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن. ئەگەر «ئاخىرقى سۆز» قىسمىدىن باشقا يەرلەردە «ئىلاۋە» بىلەن باشلانغان ئابزاسنى ئۇچراتمىسىڭىز، مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ياسىر قازىنىڭ ماقالىسىدىن كېلىپتۇ، دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

ياسىر قازى ماقالىسىدا ئۆزىنى 1-شەخس سۈپىتىدە «مەن» دەپ ئالغان بولۇپ، مەن تەييارلىغان مەزمۇننىڭ چۈشىنىشلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنمۇ ياسىر قازىنى «مەن» دەپ ئالىمەن. يەنى، تۆۋەندىكى «ئاخىرقى سۆز» دىن باشقا قىسىملاردا «مەن» دېگەن سۆز «ياسىر قازى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.


1. تونى بلايېرنىڭ دەرسى ھەققىدە

بۇ دەرسنىڭ ئىسمى «ئېتىقاد ۋە دۇنياۋىلىشىش» بولۇپ، ئۇنىڭغا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 250 تەك كىشى ئىلتىماس قىلىپتۇ. تاللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان فاكۇلتېت ۋە ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچى كاتېگورىيىسىگە مەلۇم نىسبەتتە تەقسىم قىلىنىپتۇ. مەسىلەن، قانۇن كەسپىدىن 6 ئوقۇغۇچى، ئىلاھشۇناسلىق كەسپىدىن 6 ئوقۇغۇچى، ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدىن 6 ئوقۇغۇچى، تولۇق كۇرۇستىن 5 ئوقۇغۇچى، ئاسپرانتلاردىن 2 ئوقۇغۇچى، دېگەنگە ئوخشاش. مەن بۇ دەرسكە قوبۇل قىلىنغان 2 نەپەر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپتىمەن. مەن ئۇ چاغدا دوكتۇرلۇقنىڭ 4-يىلىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئاكادېمىك سالاھىيىتى جەھەتتىن مەن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپتىمەن.

بۇ دەرس مەن ئۆزەمنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى 17 يىللىق ھاياتىمدا ئاڭلاپ باققان دەرسلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ باشقىچە بىر دەرس بولدى. بىزگە بىر تەييارلىق دەرسى ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇشۇ دەرس ئۈچۈنلا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى چۈشەندۈرۈلدى. مەسىلەن، بومبا تاپىدىغان ئىت، سىنىپقا كىرىشتىن بۇرۇن كىملىك تەكشۈرۈش ۋە مېتال تاپىدىغان ئۈسكۈنىدىن ئۆتۈش، مۇخبىرلارغا سۆز بېرىش، ۋە قانداق كىيىنىش قاتارلىقلار.

بلايېر ئەپەندى 1-قېتىملىق دەرسكە ئۆزى بىۋاستە قاتناشماي، يىراقتىن بىزگە ئېكران ئارقىلىق سالام بەردى. تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى باشقىچە بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان كاندىداتلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چوڭ-چوڭ ئىشلارنى باشلاپ بولغانلارمۇ بار ئىكەن.

بلايېر ئەپەندى 3-قېتىملىق دەرسكە كەلدى. ئۇ سىنىپنى ئايلىنىپ، ھەممىمىز بىلەن بىر-بىرلەپ قول-ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئىسمىمىزنى سوراپ چىقتى. مەن بۇ دەرستكە ئۆگەنگەن بىر نەرسە ئاممىۋىي سورۇندا سۆزلەش سەنئىتى بولدى. يەنى، بلايېر ھازىرقى دەۋردىكى كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان سىياسەتچى ۋە باياناتچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

2. ئېتىقادقا بولغان ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتىنىگە بولغان ساداقەتمەنلىك

بىرىنچى قېتىملىق دەرسىنى ئۆتۈپ بولۇپلا، بلايېر «سوئالىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن دەرھاللا قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرسەم، بلايېر سوئال سوراشقا مېنى تاللىدى. بۇ دەرسنىڭ بىر مەزمۇنى بىر دۆلەتنىڭ بارلىق گراژدانلىرىغا باپ-باراۋەر ھالدا ئوخشاش ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ھەمدە ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن گراژدانلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە ئايرىشقا ئۇرۇشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىدى. مەن قانداق قىلغاندا بىر ئادەمنىڭ ئۆز دىنىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر سوئال سورۇدۇم. بلايېر ھەر قانداق دۆلەتنى بىر ئىنتايىن گۈزەل نەرسىگە ئوخشىتىپ، ئاشۇنداق ئىدېئال كۆڭۈلدىكى ئەڭ گۈزەل جەمئىيەت بولۇپ، ئۇ بىر "ئۆلچەم" سۈپىتىدە قوللىنىلىدىكەن، ئاشۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىش قىلغانلار بولۇپ قارىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىن يەنە قاتتىق دىنىي ئېتىقاد بىلەن بىر غايىۋى گراژدان ھەققىدىكى چۈشەنچىنى قانداق قىلىپ بىر يەرگە ئەكەلگىلى بولىدىغانلىقىنى سورۇدۇم. مەن يەنە مۇنداق دېدىم: «خرىستىئان، مۇسۇلمان، ياكى باشقا بىر دىنچى ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىدىن باشقىسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. مۇشۇنداق بىر ئادەمدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ باشقا گراجدانلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلامسەن؟» (ئەسكەرتىش: مەن بۇ يەردە بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى ئۇلار ئۇنداق ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە بۇرۇن ماقالىمۇ يازغان بولۇپ، مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغۇنۇم، دۆلەتنىڭ ئۆز گراژدانلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ئۆز خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك ساداقەتمەنلىك يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانداق رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. بىر دۆلەت بىر دىننىڭ ئورنىنى، رولىنى ۋە فۇنكىسىيىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالسا بولمايدۇ.)

بلايېر ماڭا بىر قېتىم سوئال مەنىسىدە قارىۋېتىپ، مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ بىر ناھايىتى ياخشى سوئال بولدى. ئەمما مەندە ھازىر ئۇنىڭغا جاۋاب يوق. ئەگەر مەن بىر جاۋاب تاپالىسام، ساڭا كېيىنچە جاۋاب بېرىمەن.» بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. بۇ بىر مەۋسۇملۇق دەرسنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بلايېر بىلەن يەنە بىر پروفېسسور مېنىڭ بۇ سوئالىمنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.

شۇنداق قىلىپ دەرس مانا مۇشۇنداق باشلىنىپ كەتتى. ھەر قېتىم بلايېر دەرسكە كىرگەندە، مەن قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپلا تۇرىدىغان بولدۇم. ھەمدە تۈپ-تۈز ۋە ئادەمنى راھەتسىزلەندۈرۈدىغان سوئاللارنى سوراپ تۇردۇم.


3. دىننىڭ باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىمەسلىكى

بىر قېتىملىق دەرستە بلايېر ئەركىنلىك ھەققىدە سۆزلەپ، ھەر بىر دىندىكىلەر ئۆز دىنىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قارىتا مۇنداق دەپ جەڭ ئېلان قىلدىم: بۇ بىر ئىككى يۆنىلىشكە ماڭىدىغان كوچا. دىنسىز دېموكراتىيەمۇ ئۆزلىرى ماقۇل كۆرمىگەن دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىسە بولمايدۇ. ئۇ «بىز ئۇنداق قىلمايمىز» دەپ ئىنكاس قايتۇرغاندا، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھىزبۇل تەھرىر (Hizb ul-Tahreer) گە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورۇدۇم. بۇ تەشكىلاتقا مەن تېئولوگىيە جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلمايمەن، ھەمدە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىغا قەتئىي قوشۇلمايمەن. مەن ئۇنىڭ ئېسىگە مۇنداق بىر ئىشنى سېلىپ قويدۇم: بۇ تەشكىلات ھەرگىزمۇ تېرورچىلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بلايېرنىڭ ئۆزى بۇرۇن بۇ تەشكىلاتنى چەكلىمەكچى بولغان. بلايېر مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ئۇلارنىڭ تېررورلوق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقى راس، ئەمما ئۇلار باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بايانلارنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئىش-ھەرىكەت تېررورلوققا ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: ئەگەر مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە قارىساق، بلايېر ئاسىيالىقلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان «ئەنگلىيە مىللىي پارتىيىسى» (British National Party, BNP) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مىللەتچى گۇرۇھلارنىمۇ چەكلىشى كېرەك. ئەمما ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى.

يەنە بىر قېتىملىق دەرستە، بلايېر سىنىپقا كىرىپ، سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئۇ ماڭا ئەڭ ئاخىرىدا قاراپ، ماڭا كەلگەندە توختىدى، ھەمدە مەندىن، «ياسىر، بۈگۈنمۇ سوئالىڭنى تەييارلاپ قويدۇڭمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن «ھازىرچە تەييارلاپ بولالمىدىم. ئەمما دەرس تۈگەپ بولغىچە تەييار بولۇپ بولىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردىم.

4. چۈمبەل تاقاش ۋەقەسى

مەن ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقى ئۈچۈن 2006-يىلى ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن بىر چۈمبەل تاقاش ۋەقەسىنى تېما قىلىپ تاللىدىم. ئۇ ۋەقەدە ئەنگلىيىدىكى بىر مۇسۇلمان ئوقۇتقۇچى چۈمبەل تارتىۋالغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ھەيدەلدى. ئىككى كۈن ئۆتۈپ، بۇ ئىش سوتقا چىقىشنىڭ ئالدىدا، بلايېر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مەكتەپنىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن دەرستە پىكىر بايان قىلىپ، مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان سۆزلەرنىڭ يامان تەسىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ھەمدە سىياسەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەنگلىيىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر ناھايىتى يالغۇز قالغان ۋە ئىنتايىن خاپىچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق گۇرۇھقا قارشى كۆپ سانلىق خەلق بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشى، ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدىم. سىياسەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى كېلىشتۈرۈش، ھەرگىزمۇ بىر كىشىلەر توپى تەرەپتە تۇرۇۋېلىش ئەمەس، دېدىم. مەن 2006-يىلى بىر توپ كىشىلەرگە سۆزلىگەن ۋاقتىمدىمۇ بلايېرنىڭ بۇ ئىشىنى تەنقىت قىلغان ئىدىم. بۇ قېتىم، يەنى 2008-يىلى ئۇنى يۈز-تۇرانە تەنقىت قىلدىم.


5. ئىراق ئۇرۇشى

پۈتۈن بىر مەۋسۇملۇق دەرس جەريانىدا بىر چوڭ پىل (elephant) سىرتتا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنى سىنىپقا ئەكىرىشكە ھېچ كىم پېتىنالمىدى. ئۇ بولسىمۇ ئىراق ئۇرۇشىدىن ئىبارەت. ئىراق ئۇرۇشى بۇ دەرسنىڭ پىلانىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، بۇ تېمىنى زادىلا مۇزاكىرە قىلمىدۇق. ئىراق مەسىلىسى زادىلا تىلغا ئېلىنمىغان بولغاچقا، ھېچ كىم بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقالمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ دەرس، ۋە بۇ مەۋسۇم ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بۇرۇنقى بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا بىر قېتىم چىقىرىش مېنىڭ ئەخلاقى بۇرچۇم، دەپ ئويلىدىم. مەن بۇرۇنقى ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن. ئەمما مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، ۋە ئۆزەمنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇش ئىستىگىدە بولدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ چۈشۈنىۋالماقچى بولدۇم:

(1)بلايېر ئۆزى قىلغان ئىراققا كىرىش قارارى ئۈچۈن پۇشايمان قىلامدۇ-يوق،

(2) ئۆز خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، بلايېر ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەنگلىيىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. بۇ قىلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن دېموكراتىيىنىڭ كۆرۈنىشتە بىر خىل، ئەمەلىيەتتە يەنە بىر خىل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بلايېر بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلىدىمۇ-يوق،

(3) بلايېرنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىدىكى ئوبرازى «ئۇرۇشقا ئامراق ئادەم» بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن «تىنچلىق ئەلچىسى» بولۇشقا لاياقەتسىز قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بلايېر چۈشىنەمدۇ-يوق؟ بلايېر يېقىندا پەلەستىن كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر 4 تەرەپلىمە ئۆمەكنىڭ «ئالاھىدە ۋەكىلى» بولدى. ئەمما ئاشۇ رايوندىكى ھەممە كىشىلەر بۇ ئىشقا نىسبەتەن «بىر چوڭ ئەمەلىي چاقچاق» (a big practical joke) دەپ قارىماقتا.

بۇ تېمىنى ئوتتۇرا ئېلىپ چىقىش ئادەمنى ئىنتايىن راھەتسىزلەندۈرىدىغان بولسىمۇ، مەن باشقا بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە، بۇ مەسىلىنى ئەڭ ئاخىرقى دەرستە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتىم. مەن قەتئىي ۋە ئېغىربېسىق بولۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. مەن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ، مېنىڭ توڭ تېگىشىم ئۇنى خېلىلا ھودۇقتۇردى (بۇنىڭغا مېنىڭ دوستلىرىم گۇۋا). بىز 10 مىنۇتتەك مۇنازىرلەشتۇق. شۇ ئارقىلىق مۇنداق ئەھۋال ئېنىق بولدى: بلايېر ئۆزى ئالغان قارارغا پۇشايمان قىلمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇ بولدىكى، بىز بىر قەبىھ دىكتاتورچىنى يوقاتتۇق.» ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى «دېموكراتىيىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئەگەر خەلق ئۇنىڭ تۇتقان يولىغا قوشۇلمىغان بولسا، ئۇلار ئۆزىنى سايلامدا سايلىمىغان بولاتتى»، دەپ ئويلايدىكەن. خەلقلەر كېيىن ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى سايلىمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوبرازىنى ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس، دەپ ئويلايدىكەن. سەۋەبى، ئۇ ئىراقنىڭ قەيېرىگە بارسا، ئۇ يەردىكى خەلقلەر ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ. مەن بۇنىڭغا قارىتا ئۇنىڭغا «سەن يالغۇز مەخسۇس تاللانغان باياناتچىلار بىلەنلا كۆرۈشمەي، كوچىلاردىكى كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ باققان بولساڭ بولاتتى»، دېدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن بېكىتكەن ئالاھىدە ئەلچىسى» بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىگە ئىنتايىن قاتتىق ئىشىنىدىكەن.


6. خۇلاسە

مېنىڭ بۇ دەرسنى تاللىغىنىم بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئەمما، مەن قاتناشتۇرغان پىكىرلەرگە باشقىلار ناھايىتى زور دەرىجىدە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ھەمدە پىكىرلىرىمنى باشقىلار ناھايىتى قەدىرلىدى. بىر قىسىم پروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ بۇ دەرستە بولغۇنۇم بۇ دەرستە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان تەرىقىدە ئويلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ دەرسكە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ھەققىدە قارار ئېلىش مەن ئۈچۈن بىر ناھايىتى قىيىن تاللاش بولغانىدى. ئەمما مەن بۇ دەرسكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىلەردىن ناھايىتى رازى بولدۇم. مەن كەلگۈسىدە بۇنىڭدىن بىر قىسىم ياخشى ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇشۇ زېمىندا ھازىرقىدەك ياشاۋاتقان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەمئىيەتتىكى ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئارىلىشىپ بېقىشنى تولىمۇ پايدىلىق ۋە زۆرۈر ئىش، دەپ ئويلايمەن. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىز بىلەن قەتئىي بىر پىكىردە بولمىغان سىياسەتچىلەرمۇ بار. بىز پەقەت كاللىمىزنى بىر قۇملۇقنىڭ ئىچىگە پاتۇرىۋېلىش، باشقىلارغا قەھرى غەزىپىمىزنى بىلدۈرۈش، ياكى ئۇلارغا لەنەت ئوقۇش ئارقىلىقلا ھېچ ئىشنى ھەل قىلالمايمىز. بىز باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا بىر قىسىم ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆزىمىزنىڭ قانداق تونۇشتا ئىكەنلىكىمىزنى، ۋە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئويلايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش ئارقىلىق، بۇرۇن مۇمكىن بولمىغان نۇرغۇن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

مېنىڭ بىلىشىمچە، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار «باشقىلار» بىلەن ئارىلىشىشقا نىسبەتەن رادىكال پۇزىتسىيە تۇتىدۇ. باشقا بارلىق رادىكاللىقلارغا ئوخشاشلا، بۇ ئىشتىمۇ ئىككى تەرەپ بار. بەزىلەر سىياسىيغا ئارىلىشىش، ۋە مېدىئاغا ئاۋاز بېرىش ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى، دەپ ئويلايدۇ. تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە كىرىش بىزنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈپ، ئۈممەتلەر ئارىسىدا ۋە ئۈممەتلەر ئۈچۈن تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي يولى، دەپ قارايدۇ. بۇنداق مۇسۇلمانلار پەقەت ماددىي ۋاستىلارنىلا تەشەببۇس قىلىپ، روھىي ياكى دىنىي ۋاستىلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشقا مايىل كېلىدۇ.

يەنە بىر قۇتۇپتىكى مۇسۇلمانلار بولسا ئىنتايىن قاتتىق بېكىنمىچىلىك قىلىپ، سىياسەت ۋە مېدىئا ئىچىگە كىرمەكچى بولغانلارغا «خائىنلار» دېگەن قالپاقنى كەيدۈرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىدىن پەس كۆرىدىغان كىشىلەردە خورلۇقتىن باشقا نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمەيدۇ.

بۇرۇنقىدەكلا، ئوتتۇرا يول ئەڭ ياخشى يولدۇر. ئۆزىدە دىنغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ئېسىل خاراكتېرلارنى يېتىلدۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن قالسا، «باشقىلار» بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشمۇ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئەمەس بولۇپ، ئۇ پەقەت بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى، ۋە كېيىنكى دۇنيادىكى، ھاياتىمىزنى مەنىلىكرەك قىلىشتىكى مۇھىم ۋە زۆرۈر قەدەملەردۇر. بىز پەقەت باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىقلا ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايمىز. بىز پەقەت دىنى ئېتىقادىمىزنى ساقلىغان ھالدا باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىقلا، بىزنىڭ ماددىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىمىزنى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلەيمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىزنى بىر تەرەپتىن ئاللاھغا ئىشىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۆگىلىرىمىزنى باغلاپ قويۇشقا بۇيرىغان. مېنىڭ قارىشىمچە، بىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشىمىز تۆگىنى باغلاپ قويۇشنىڭ بىر قىسمى، ئەمما بىز ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاللاھغا بولغان ئىشەنچىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.


ئاخىرقى سۆز

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازىنىڭ سۆزلىرى ئەمەس. ئۆزەمنىڭ سۆزلىرى.

مەن ھازىرغىچە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش، ئىچكىي توقۇنۇش، ساپانىڭ تۆۋەن بولىشى، ۋە تەرەققىياتنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بىز باشقىلاردىن كۆپ ياخشى، دەپ ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ، مەن سۆيىدىغان مىللىتىمنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ بىر كۆرۈنىشىنى يېڭىدىن بىلگەندەك بولدۇم. ئېھتىمال باشقا زىيالىيلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلغاندۇ. ياكى ئۇلار بۇنداق ئەھۋالنى بۇرۇندىن تارتىپلا بىلىدىغان بولۇپ، شۇڭا ھازىرقىدەك يول تۇتىدىغان بولۇپ قالغاندۇ.

بىر قىسىم قېرىنداشلار بۇ قېتىممۇ مەندىن بۇرۇنقىدەكلا ئەنسىرىدى. ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بولدى. مەن ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مىللەت ئۈچۈن ئەز قاتمىغان ئىناۋەتنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق. خەلقىمىزگە پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ئابروينىڭ ماڭا ھېچ بىر كېرىكى يوق. مەن خاتا قىلدىم، دەپ ئويلىمايمەن. مەن يۈزۈم تۆكۈلدى، دەپمۇ ئويلىمايمەن. شۇڭا ماڭا كۆيۈنىدىغان قېرىنداشلارنىڭ مەندىن خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بىر ئۆمۈر قاتتىق تىرىشتىم. ھازىرمۇ ھەم شۇنداق. بەزى ساھەلەردە ياخشى قىلالىدىم. ئەمما بەزى ساھەلەرگە يېتىشەلمىدىم. يېتىشەلمىگەن ساھەدە خەلقىمگە بېرەي دېسەم بىلىمىم ئانچە يوق. ھازىرقى ئەھۋالغا قاراپ، ئۆزەمنىڭ كەسپىي ئەمەس ساھەدە بىر ئاز ئىش كۆرمىسە بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر خىل تەقەززالىق مېنى داۋاملىق قىستاۋاتىدۇ. شۇڭا تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىمنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا، ئۇنداق قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرىمەن.

بۇنىڭدىن 5 – 10 يىل ئىلگىرى، بىر دۇنياغا داڭلىق جۇڭگولۇق ئەرباپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «جۇڭگو بىنا ياساشتا غەربلىكلەرگە ئاسانلا يېتىشىۋالالايدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇنداق قىلىش ھازىرقى تۈزۈلمە ئاستىدا مۇمكىن ئەمەس. نەچچە يۈز يىل غەربلىكلەرگە مۇستەملىكە بولۇپ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئېڭى ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېڭىدىمۇ ئاشۇنچىلىك يۈكسىلىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو كەم دېگەندە بىرەر يۈز يىل غەربلىكلەرگە مۇستەملىكە بولىشى كېرەك.» (بۇ نەقىل ئەمەس، مەن پەقەت ئېسىمدە قالغىنىنى يېزىپ قويدۇم) ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۆزلىرى جۇڭگو دائىرلىرى ۋە بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ قاتتىق ئېيىپلىشىغا ئۇچرىدى.

ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىر يېقىن دوستى، بىر ئوتتۇرا شەرقلىق تونۇلغان دىنى ئالىم تەكلىپ بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ، بىر ئىسلام مەركىزىدە 6 يىل ئىماملىق قىلىپتۇ. شۇ 6 يىلنىڭ ئىچىدىكى ئاخىرقى 4 يىل ئىچىدە، ئۇ دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە چىقارغان پەتىۋالىرىنى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرى بولۇپتۇ. بۇ سۆزلەر تۆۋەندىكى 4-نومۇرلۇق مەنبەدە بار.

مەن بۇ قېتىم كۆرۈلگەن ئەھۋالنىڭ ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئويغىتىش پۈشتىكى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بۇ قېتىم بىزگە شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەر ئىككىسىدە تەربىيە كۆرگەن مەھدى ھەسەن بىلەن ياسىر قازىدەك زىيالىيلارنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزۈۋاتقان بارلىق ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭمۇ بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن 80-يىللارنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر بوشلۇق ۋە ئەڭ مۇھىم كەسىپ ياسىر قازى ھازىر قىلىۋاتقان كەسىپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ھەمدە شۇ چاغدا كەسپىمنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كېلىپ، مەن فاكۇلتېتنىڭ بىر باشلىقىغا كەسپىمنى ئېلېكتىر كەسپىدىن بىر ئىجتىمائىي-پەن كەسپىگە ئۆزگەرتىش ئىلتىماسىمنى ئېيتىپ باققان ئىدىم. ئەمما مەن سۆزلەشكەن رەھبەر مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تەبىئىي-پەن كەسپى بىلەن «ئۇيغۇر ۋەكىلى» بولۇپ قالغانلىقىمنى تەكىتلەپ، ئۇنداق قىلىشىمنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە شۇ ئاساستا مېنىڭ ئىلتىماسىمنى رەت قىلغانىدى. مەن 90-يىللارنىڭ بېشىدا چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ مىللەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇشنىڭ بىر يولى ئەنە شۇ ياسىر قازى يولى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەمما مەن ئۇ چاغدا ياپوندىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئامېرىكىدىكى يېڭى ئوقۇشنى باشلاپ، تەبىئىي-پەنگە خېلى چوڭقۇرلاپ كىرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، كەسىپ ئۆزگەرتىش يولىنى تۇتمىغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ يەردە بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، بىز ھازىر ياسىر قازىدەك ئادەملەرگە تولىمۇ مۇھتاج بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنداق ئادەملەرگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىمىز. شۇڭا ھازىر ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش باسقۇچىدا كېتىۋاتقان ئىنى-سىڭىللارنىڭ بۇ ئىشنى ناھايىتى ئوبدان ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبېسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتەرىياللىرى:

[1] <https://www.facebook.com/MrMehdiHasan?ref=br_tf>

[2] بىلىمخۇمار، « دىن ۋە زامانىۋىلىشىش»، 2014-3-14

[3] Mehdi Hasan: Islam is a peaceful religion-Oxfor Union https://www.youtube.com/watch?v=Jy9tNyp03M0 <https://mail.google.com/mail/?ui=2&shva=1>

[4] Ex-Salafi Shaikh Yasir Qazi `s Repentence from Salafism & Wahhabism <https://www.youtube.com/watch?v=NW8jxMu0wTs>

[5] To Blair or Not to Blair, That is The Question (Tony Blair, Yasir Qadhi & a Classroom in Yale) <http://muslimmatters.org/2009/02 ... at-is-the-question/>