ياقۇپ مۇھەممەتروزى

ياقۇپ مۇھەممەتروزى 1968-يىلى 6-ئايدا كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل -ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ئالىي مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى.

ئۇ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» (1 - 6)، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى»، «روزى سايىت ئەسەرلىرى» (1 - 2)، «باھادىرنامە» (3 - 4)، «ھىدايەت گۈلزارى» (1 – 2)، «تارىختىكى ئەرەبلەر» قاتارلىق يۈزدىن ئوشۇق كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. «ئىيوردانىيە پادىشاھى ھۈسەيىن»، «باياۋاندىكى ئۇسسۇلچى قىز»، «365 مەسەل» قاتارلىق ئەللىكتىن ئوشۇق كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان.

ئۇ ئاساسلىق زېھنىنى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىدا تونۇشتۇرۇش كەم بولۇۋاتقان ساھەلەر بويىچە تۈرلۈك كىتابلارنى پىلانلاش، نەشر قىلىش ئىشلىرىغا قارىتىپ، ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ.

مەنبە تەھرىرلەش

جوڭگو ئۇيغۇرچە رادئىو تورى https://web.archive.org/web/20170727092601/http://www.uycnr.com/lssc/xs/bj/201012/t20101207_69972.html