ياڭ زېڭشىن (خەنچە: 杨增新؛1864-03-06—1928-07-07) خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى قوللانغان مۇستەبىت ھۆكۈمدار.

ياڭ زېڭشىن

ياڭ زېڭشىن 1864 - يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭزى ناھىيىسىدە بيۇكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1889 - يىلى يىگىرمە ئالتە يېشىدا بېيجىڭدا دۆلەتلىك كېجۈي ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، جىنشى ئۇنۋانىنى ئېلىپ ئەمەلدار بولغان ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭۋېي ناھىيىسىدە ئامبال، خېجۇ ۋىلايىتىدە ۋالىي، گەنسۇ ھەربىي مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.

ئۇ 1907 - يىلى 44 يېشىدا، شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى باش مۇپەتتىشى ليەن كۈينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭغا چىقىپ،شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالغان ياڭ زېڭشىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش،يەرلىك خەلقنى قۇل قىلىش،تالان-تاراج قىلىش ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شۇملۇقلارنى قىلغان.

ياڭ زېڭشىن ئۆلكە ئىچىدە ئىشىكنى ئېتىۋىۋېلىپ خەلقنى نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئۇ ئۆزى يېزىپ مەھكىمىسىنىڭ زالىغا ئېسىپ قويغان مەسنەۋىسىدە شۇنداق دېگەنىدى:

جۇمھۇرىيەت تۇنجى رەت قىلدى ئىزھار مەرىپەت،

ئ‍ۇيات ئەمدى بەش خاقان، يەتتە بەگدەك دەۋرىمەك.

جوڭيۈەندىكى غۇۋغاغا پەرۋا قىلماق نە كېرەك،

چېگرا دىيار بەئەينى باغى ئېرەم ھۆسنىدەك.

مۇسۇلماننى جەنۇبتىن شىمالغىچە بەند قىلساڭ،

ئىپتىدائىي پۇقرالار ئاڭقاۋ بولسا ئەۋزەلرەك.[1]

ياڭ زېڭشىن 1928 - يىلى7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۆلكىلىك رۇسچە قانۇن مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا فەن ياۋنەن ئەۋەتكەن سولچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاسسىغلانما

تەھرىرلەش
  1. رېن يىفېي، ياسىن ھوشۇر، «ئۇيغۇرلار»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 2014، 146 - بەت.