ياڭ شياۋدۇ، ئەر، خەنزۇ، 1953- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەيدىن، 1970- يىلى 5- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973- يىلى 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.

  1970- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى تەيخې ناھىيەسى سۇڭجى گۇڭشېسىنىڭ گاۋمياۋ دادۈيىگە زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

  1973- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە شاڭخەي جۇڭگو تېبابىتى ئىنستىتۇتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغان.

  1976- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ ۋىلايەتلىك تېببىي دورا شىركىتىنىڭ بۆلۈمچە باشلىقى، مۇئاۋىن دىرېكتورى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1986- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1988- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1992- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چاڭدۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مالىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  (1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپى قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى كەسپىدە ئوقۇغان)

  2006- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە 2013- يىلى 11- ئايدىن 2014- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان(2017- يىلى 1- ئايدا) .

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.

  19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى. 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 2014- يىلى 1- ئايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ تولۇقلاپ سايلانغان، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى. 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى