ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى(غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ھەمدە ھازىرقى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى.

ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ بايرىقى
ئۇيغۇرچە نامى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
باشقا نامى غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى
باش ئىشتاپى بريۇسسېل

ئېنگلىزچە: European Economic Community

خەنزۇچە  انمى 欧洲经济共同体
ئورنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

ھەققىدە تەھرىرلەش

 
ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەزا ئەللىرى (يېشىك رەڭ)

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى(غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەشكىلات. 1957-يىلى3-ئايدا فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسىمبورگ قاتارلىق دۆلەتلەر رىمدا «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان، 1958-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئەنگلىيە، دانىيە، ئىرېلاندىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلەرمۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتى، ھازىر ئەزا دۆلىتى 25 كە يەتتى(2004-يىلى).

ئەمەلى كۈچى تەھرىرلەش

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.22 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاشقى سودا ۋە ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

مەقسىتى تەھرىرلەش

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەقسىتى ئورتاق بازار بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىچكى قىسىمدا ئورتاق ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇش، تاموژنا بېجى قورغىنىنى بىكار قىلىش، بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈپ، ئورتاق گەۋدىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادنى تەڭپۇڭ ئاشۇرۇش؛ سىرتقا قارىتا بىردەك پوزىتسىيە قوللىنىش، باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بولغان رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئاساسى كۈچى تەھرىرلەش

ئورتاق گەۋدە قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1968-يىلى 7-ئايغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى قىسىمدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى، سىرتقا قارىتا ئورتاق تاموژنا بېجى نىسبىتى ۋە ئورتاق سودا سىياسىتىنى يولغا قويدى. 70-يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساسىدا، سىياسىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا «بىر تەلەپپۇزدا سۆزلەش» نى تەكىتلەپ كەلدى. 1992-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى «ماستىرخېت شەرتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى» نىڭ دۇنياغا

 
ياۋروپا 1988-يىلى سىياسى خەرىتىسى.

كەلگەنلىكى جاكارلاندى.

ئاپپاراتلىرى تەھرىرلەش

ئورتاق گەۋدىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتى ئاساسەن مىنىستىرلار كېڭەش مەجلىسى، كومىتېت، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى باشلىقلار يىغىنى قەرەللىك ئۆتكۈزىدۇ.

بۇ تەشكىلات1975-يىلى دۆلىتىمىز بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان، 1978-يىلى جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى سودا كېلىشىمى تۈزۈلدى، 1981-يىلى دۆلىتىمىزگە سودىدا ئەڭ ئېتىبار بېرىش ئىمتىيازى بېرىلدى.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى