يوست گىپپېرت ئەپەندى 1956 يىلى 12 مارتتا ۋىنىتس نىدېرۋېنىگېرندە (Winz-Niederwenigern) تۇغۇلغان. ھازىر بۇ شەھەر ھاتتىڭگىن دەپ ئاتىلىدۇ. گىپپېرت ئەپەندى گېرمانىيىلىك تىلشۇناس، يازغۇچى، كاۋكازشۇناس، شۇنداقلا فرانكفۇرت يوھان ۋولفگاڭ گيۇتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلىيى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ پروفېسسورى. [1]

يوست گىپپېرت


كەسپى ھاياتى تەھرىرلەش

 
Bernard Outtier, Jost Gippert, Winfried Boeder

گىپپېرت ئەپەندى 1972 -يىلى گېرمانىيە ئېسسىن ئۆلكىسىنىڭ لايبنىس گىمنازىيۇمىنى (Leibniz Gymnasium, Essen) پۈتتۈرۈپ، 1972 -يىلىدىن 1977 -يىلغىچە ماربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرلىن ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا (Freie Universität, Berlin)[2] سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق، ئىندولوگىيە، ياپۇنشۇناسلىق ۋە خەنزۇشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 1977 -يىلى ھىندى ياۋروپا تىللىرىدىكى ئىنفىنىتىۋ شەكلىنىڭ سىنتاكسىسى توغرىسىدىكى ئەمگىگى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا نائىل بولغان.1977 -يىلدىن 1990 -يىلغىچە بېرلىن، ۋىنا ۋە زالتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1991 -يىلى بامبۇرگ ئۇنېۋېرسىتېتىدا ئەرمەن ۋە گىرۇزىيە تىللىرىدىكى كىرمە سۆزلەر ناملىق دېسسىرتاتسىيە ئەمگىگى بىلەن خەبىلىتاتسىيونلۇقنى) ياۋروپا، مەركىزى ئاسىيا، مىسىر ۋە كاۋكاز قاتارلىق رايۇنلاردا تەتقىقاتچىلارغا بېرىلىدىغان، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئاكادىمىك ئۇنۋان( قازانغان. 1994 -يىلدىن بۇيان، گىپپېرت ئەپەندى فرانكفۇرت گيۇتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق دەرسلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1996 -يىلى گىرۇزىيەدىكى گالاتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تاللانغان. ئۇنىڭدىن باشقا 2007 -يىلدىن ئېتىبارەن ھازىرغا قەدەر بېرلىن براندېنبۇرگ پەن تەتقىقات ئاكادېمىيىسى تىل مەركىزىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.

1997 -يىلى ئۇ گروزىيە تىبىلىسى سۇلخان سابا ئوربېلىيانى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Sulkhan Saba Orbeliani-University, Tbilissi) پەخرى پروفېسسولۇقىغا تەيىنلەنگەن. 2009 -يىلى تىبىلىسى ئىۋان جاۋاخىشۋىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Ivane Javakhishvili-University) ۋە باتۇمى شوتا رۇستاۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Shota Rustaveli-University) پەخرى دوكتۇرلۇقىغا نائىل بولغان.

گىپپېرت ئەپەندىنىڭ 1994 -يىلى گېرمانىيە فرانكفۇرت يوھان ۋولفگاڭ گيۇتى ئۇنىۋېرسىتېتى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە پروفېسسور بولغاندىكى كېيىنكى كۆپ قىسىم تەتقىقاتلىرى ھىندى گىرمان تىللىرى ۋە تارىخى، ئۇنىۋېرسال تپولوگىيە تەتقىقاتى، تارىخىي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق، ئېلىترونلۇق ئۇچۇر ئامبىرى، تىلنى كۆپ مېدىيالىق خاتىرىلەش، قوليازمىلارنى ئېلىكترونلۇق ئانالىز قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياش چاغلىرىدىن باشلاپ كۆپ خىل خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرلىرىدە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان كاۋكاز تىللىرىغا مەركەزلەشكەن.

 
Jost Gippert, University of Batumi, 2013

گۇمانتار پەنلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەھرىرلەش

 
Palimpsest research on Mount Sinai

TITUS, ARMAZI, GNC and LOEWE تەھرىرلەش

گىپپېرت ئەپەندى (TITUS) تىتۇس تەتقىقات تۈرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە يېتەكچىسى. تىتۇس ”ھىندى گېرمان تىلى تېكىستلىرى ۋە جانلىق تىلى قامۇسى“ نىڭ قىسقاتىلمىسى. 1987 -يىلى باشلانغان بۇ تەتقىقاتنىڭ نىشانى بولسا ھېندى ياۋروپا تىللىرى ۋە خوشنا تىللارنىڭ تېكىستلىرى خاتىرىلەنگەن ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش.[3]

1999 -يىلدىن بېرى، گىپپېرت ئەپەندى گروزىيە دۆلەتلىك تىل ئامبىرى تەتقىقات تۈرى ئارمازى پروگراممىسىنى، يەنى كاۋكاز تىللىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئېلىكترونلۇق خاتىرىلەش تەتقىقات تۈرىنى باشلىغان. بۇ تۈر كاۋكاز تىلى ماتېرىياللىرىنى كەڭ كۆلەملىك توپلاشتىنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا گروزىيە دۆلەتلىك تىل ئامبىرىنى روياپقا چىقارغان.[4]

2010 -يىلدىن مابەينىدە، گىپپېرت ئەپەندى ھېسسىن رايۇنىدىكى فرانكفۇرت گيۇتى ئۇنىۋېرسىتېتى، دارمشىتات تېخنىك ئۇنىۋېرسېتىتى شۇنداقلا فرانكفۇرت گيۇتى مۇزىسىنىڭ ھەمكارلىغىدىكى ئۇچۇرلاشقان گۇمانتار پەنلەر مەركىزىنىڭ باشلىقلىغىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەركەز پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادى ئەۋزەللىكىگە يۈرۈش قىلىش رامكىسى ئاستىدا تېكىست ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارماقتا.

قوليازمىلارنىڭ ئېلىكترونلۇق ئانالىزى تەھرىرلەش

1990 -يىلى گىپپېرت ئەپەندى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىغا دېققىتنى ئاغدۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى، مەسىلەن، بېرلىندا ساقلانغان تۇرپان ۋەسىقىلىرىدىكى توخارچە قوليازمىلار ۋە سىنايدىكى كاۋكازچە - ئالبانىيىچە ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈكلەرنىڭ) Palimsest: ئەسلى ھايۋانات تېرىسى ياكى باشقا ماتېرىياللارغا يېزىلغان خەتلەرنى سۈركۈپ ئۆچۈرىۋېتىپ، ئۈستىگە باشقىدىن يېزىشنى كۆرسىتىدۇ (ئېلىكترونلۇق ئامبىرىنى قۇرۇپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى نىشان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە سىناي تېغىدىن تېپىلغان كاۋكاز، ئالبانىيە تىللىرىدىكى ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللارنى تەھرىرلەپ چىقتى. 2009 -يىلى بامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا”قوليازما مەدەنىيىتى“ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ زىيارەتچى تەتقاتچىسى بولغاندىن كېيىن، 2013 -يىلى يازدا ئۇ پېترا كاپپېرت تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە بامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىتنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ”ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى قوليازما مەدەنىيەت ئىنىسكىلوپېدىيىسى“ ۋە سېلىشتۇرما شەرقشۇناسلىق قوليازما تەتقىقاتى قوللانمىسىنىڭ تۈزۈلىشىگە ئىشتىراك قىلدى.

ئىش - پائالىيەتلىرى تەھرىرلەش

تاللانغان تەتقىقات تۈرلىرى تەھرىرلەش

  • 1995-1998 (DFG, EUR 390,400): گېرمانىيە تەتقىقات فوندى: ئاۋىستا ۋە رىگۋىدا: ئېلىكترونلۇق ئانالىز
  • 1995-1999 (INTAS): گروزىيە تىلى پېئىل سېستىمىسى
  • 1999-2002: (Volkswagen Foundation, EUR 117,900) كاۋكاز تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى: ئېلكترونلۇق ھۆججەتلەشتۈرۈش
  • 2000- يىلدىن ئېتىبارەن (DFG)، ئاسپىرانتلار مەكتىپى: بېقىندى جۈملىلەرنىڭ تۈرلىرى: ۋارىيانتلىرى ۋە چۈشەندۈرلىشى
  • 2002-2006 (Volkswagen Foundation): گروزىيەدىكى خەتەر ئىچىدىكى تىللار
  • 2003 (Volkswagen Foundation, EUR 167,800): گروزىيەدىكى خەتەر ئىچىدىكى كاۋكاز تىللىرى
  • 2003-2007 (Volkswagen Foundation): گروزىيە رايۇنىدىكى ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈك
  • 2005-2009 (INTAS :گروزچە ئىنجىل)
  • 2005-2007 (Volkswagen Foundation, EUR 189,000) : گروزىيەدىكى نۆۋەتتىكى تىل ئەھۋالى
  • 2008-2014 (DFG, EUR 240,000) : قەدىمكى گېرمان تىلىنىڭ قوللانما ئامبىرى
  • 2008 -يىلدىن بېرى (BMBF): گېرمان تىلى بايلىقى ئاساسلىق قۇرۇلمىسى
  • 2009 (Volkswagen Foundation, EUR 400,000): Aché تىلىنى خاتىرىلەش پروگراممىسى
  • 2009 -يىلدىن بېرى RELISH تەتقىقات تۈرى (DFG/NEH, EUR 96,000) خەتەر ئىچىدىكى تىللارنىڭ لېكسىكىسىنىڭ ئۆزئارا قوللاشچانلىقىنى بىرلىككە كەلگەن تەڭشەش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈش
  • 2009 يىلدىن بېرى (Volkswagen Foundation) : گروزىيەدىكى ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈكلەر (Google Inc., US$ 49,600): 2010 كاۋكاز تەتقىقاتى ئامبىرى
  • 2011 -يىلدىن بېرى (HMWK, EUR 3,792,000): LOEWE تەتقىقات تۈرى بولغان گۇمانتارپەنلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش - تېكىست ئامبىرى ئاساسىدىكى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش تەتقىقاتى
  • 2011 - يىلدىن بېرى (Volkswagen Foundation, EUR 299,600): خىنالۇگ تىلىنى خاتىرىلەش تەتقىقات تۈرى
  • 2011 -يىلدىن بېرى (DFG): ئېنىقلىغۇچى بېقىندى جۈملىنىڭ تپولوگىيىلىك تەتقىقاتى
  • 2012 - يىلدىن بېرى (Volkswagen Foundation, EUR 390,400): گروزىيە تىلى ئامبىرى

تاللانغان ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

  • 1977: ھېندى ياۋروپا تىللىرىدا ئىنفىنىتىۋ شەكىللىرىنىڭ سىنتاكسىسى ((Europäische Hochschulschriften, 21/3), 360 pp) فرانكفۇرت، بېرن، لاس ۋېگاس: لاڭ 1978. دېسسىرتاتسىيە
  • 1990: Iranica Armeno-Iberica. ئەرمىنىيە ۋە گىئورگىيە تىللىرىدىكى ئىرانچە كىرمە سۆزلەر. 451 + 389 pp.; Vienna: Austrian Academy of Sciences 1993. Inaugural dissertation.، دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيىسى
  • 2007: قەدىمكى گروزىيە تىلىدىكى ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈكلەرGippert, Jost / Sarjveladze, Zurab / Kajaia, Lamara: The Old Georgian Palimpsest Codex Vindobonensis georgicus 2, edited by Jost Gippert in co-operation with Zurab Sarjveladze and Lamara Kajaia, 368 pp.; Turnhout: Brepols
  • 2009: سىناي تېغىدىن تېپىلغان كاۋكاز ئالبانىيە تىلىدىكى ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈكلەر. 2 - تومGippert, Jost / Schulze, Wolfgang / Aleksidze, Zaza / Mahé, Jean-Pierre: The Caucasian Albanian Palimpsests of Mount Sinai, 2 vols., XXIV + 530 pp.; Turnhout: Brepols.
  • 2010: سىناي تېغىدىن تېپىلغان كاۋكاز ئالبانىيە تىلىدىكى ئۈستىلەپ كۆچۈرۈلگەن پۈتۈكلەر. 3 - توم
  • 2010:Gippert, Jost / Schulze, Wolfgang / Aleksidze, Zaza / Mahé, Jean-Pierre: The Caucasian Albanian Palimpsests of Mount Sinai. Vol. III: The Armenian Layer, edited by Jost Gippert., 220 pp.; Turnhout: Brepols 2010.

پايدىلانغان ماتېرىياللار تەھرىرلەش

قوشۇمچە ئۇلىنىش تەھرىرلەش

قېلىپ:يوست گىپپېرت ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى

  1. "Lectures held by Gippert at the University of Frankfurt" Retrieved 2 March 2016
  2. "Lebenslauf von Jost Gippert" Zuletzt besucht am 2. März 2016
  3. "Das TITUS-Projekt" Zuletzt besucht am 2. März 2016
  4. "Das ARMAZI-Projekt" Zuletzt besucht am 2. März 2016