يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى

«يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن بۇ ئەسەر ئابباسىلار سۇلالىسى (750- 1258- يىللار( دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن كاتتا تارىخىي- جۇغراپىيىلىك ئەسەر. ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئىبنى خۇردادبىخ ھىجرىيە 205- يىلى (مىلادىيە 820- يىلى) ياكى ھىجىيە211- يىلى (مىلادىيە 825- يىلى)تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 300- يىلى (مىلادىيە 912- يىلى) ۋاپات بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ دادىسى خەلىپە مەئمۇن (813- 833- يىللار) دەۋرىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى تابارسىتان رايونىنىڭ ۋالىيسى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ تەربىيىىدە باغدادتا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان.كېيىن دەسلەپتە ئىراننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى جەبىل ئۆلكىسىنىڭ ئۆتەڭ ۋە رابات ئەمەلدارى، كېيىنچە باغداد ۋە سامارا ئۆلكىسىنىڭ ئۆتەڭ- رابات ئەمەلدارى بولغان. خەلىپە مۇتامىد (870- 893- يىللار) دەۋرىدە ئۇنىڭ پىكىردىشى ھەم يېقن سۆھبەتدىشى بولۇپ قالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىبنى خۇردادبىخ ئۆمىرىدە توقۇزدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇ «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن ئەسىرىنى جەبىل ئۆلكىىدىكى چېغىدا يېزىشقا باشلاپ 846- يىلى پۈتتۈرگەن. 885- يىلى قايتا تولۇقلاپ تۈزىتىپ چىققان. ئۇ بۇ ئەسىرىنى ئابباسىلار خەلىپىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مول ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرى، ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشىغان ئەرەب سايياھلىرىنىڭ ساياھەتنامىلىرى ۋە ئۆزى ئىگىلىگەن ماتېرىياللار مەنبەسى بىر قەدەر كەڭ، قىممىتى يۇقىرى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆز دەۋرىدىلا يۇقىرى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، كېيىنكى دەۋرىلەردىمۇ ئەرەپ مۇسلمان ئاپتورلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋىلىق ئەسەرلىرىگە زور تەسر كۆرسىتىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە بۇ ئەسىرى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەرەبلەرنىڭ ھىرودۇتى دەپ نام ئالغان مەشھۇر ئالىم مەسئۇدى (956- يىلى ۋاپات بولغان) بۇ ئەسەرگە (ئالغانغا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتكەنگە خۇرىمايدىغان بايلىق، ئۇنىڭ بېشىدىن- ئاخىرىغىچە پايدا ۋە بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن. ئېلىمىز تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىلەي 10- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن پارس تىلىدا يېزىلغان دۇنياۋى كاتتا جۇغراپىيىۋى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» مۇ ئىبنى خۇردادبىخنىڭ ئەسرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا بىر قىسىم مەزمۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن ئەسەردىن ئېلىنغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

«يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋە 8- 9- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ (قارلۇق، قىرغىز، تۈركەش ۋە ئوغۇز قاتارلىقلار» تارىخ، جۇغراپىيىسىگە دائىر قىممەتلىك خاتىرىلەر بېرىلگەن. بۇ خاتىرىلەردىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم مۇھىم تارىخىي- جۇغراپىيىۋى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ.