يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسىنى يوپۇرماقنىڭ فوتوسىنتېز رولى دېيىشكە بولىدۇ. كىچىككىنە بىر پارچە يوپۇرماق خۇددى بىر يېشىل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوخشاش، ئىنسانلارنى خىلمۇخىل مول مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالىملار فوتوسىنتېز رولى بولمىغان بولسا يەر شارىدا ھاياتلىق بولمىغان بولاتتى، دەپ جەزملەشتۈرگەن.

ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىدا ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى زىچ تىزىلغان. ئاستىنقى ئېپىدېرمىدا گازلار كىرىپ چىقىدىغان ئىشىكچىلەر، يەنى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئېپىدېرمىلار ئارىلىقىدا يوپۇرماق ئېتى (گۆشى) بولۇپ، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە زور مىقداردىكى خلوروپلاستلار بولىدۇ. يوپۇرماق ئېتىگە يوپۇرماق تومۇرلىرى تارقالغان بولۇپ، ئۇلار يوپۇرماقنىڭ ئىسكىلىت جازىسى، شۇنداقلا مۇھىم توشۇش سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەر (كاناللار) ۋە ئورگانىك ماددىلارنى توشۇپ چىقىرىدىغان غەلۋىرسىمان نەيچىلەر بولىدۇ. يوپۇرماق يىلتىز سۈمۈرگەن سۇ ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن ھاۋا تۆشۈكىدىن كىرگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى خام ئەشيا قىلىپ كراخمال ياسايدۇ، كېچىدە ئۇلارنى گلۇكوزىغا پارچىلاپ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە چېچەكلەپ مېۋىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ.

يەر شارىدىكى ئورگانىك ماددىلار ئاساسەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىن كېلىدۇ، يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يىلىغا تەخمىنەن400 مىليارد توننىدىن ئارتۇق ئورگانىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ. فوتوسىنتېز رولى قۇياش ئېنېرگىيىسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورگانىك ماددىلاردا زاپاس ساقلىنىدىغان خىمىيىۋى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ. يېشىل ئوزۇقلۇق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى ئوكسىگېن بولۇپ، يىلىغا فوتوسىنتېز ئارقىلىق زور مىقداردىكى ئەركىن ھالەتتىكى ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زور مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد سۈمۈرۈپ ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ. بۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.

يوپۇرماقنىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى خۇددى بىر پۇختا قورۇق تامغا ئوخشاش يېشىل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قوغداپ تۇرىدۇ. بەزى يوپۇرماقلارنىڭ ئېپىدېرمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت مۈڭگۈز ماددىلىق پەردە ياكى موم ماددىسى قاپلانغان بولۇپ، سۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ياكى ئاتموسفېرادىكى بۇلغىمىلار ۋە كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە بەزى يوپۇرماقلار ھەر خىل تۈكسىمان نەرسىلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇمۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

يوپۇرماقلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ. مەسىلەن، سېمىزئوتنىڭ يوپۇرمىقى قوشۇققا ئوخشايدۇ، لىپا دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى يۈرەككە ئوخشايدۇ، قارىغاينىڭ يوپۇرمىقى يىڭنىگە ئوخشايدۇ، بانان دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى بايراققا ئوخشايدۇ، پالما دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى يەلپۈگۈچكە ئوخشايدۇ، يەنە بەزى يوپۇرماقلار خۇددى ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىلمۇخىل شەكىل ئۆزگەرتكەن يوپۇرماقلار بار. مەسىلەن، سۇ ئوقياسىنىڭ ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلايدىغان يوپۇرماقلىرى، كۆكمارال ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ ساقلايدىغان يوپۇرماقلىرى، ئۈندىيوپۇرماق خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپەيگۈچى (بىخلانغۇچى) يوپۇرماقلىرى، ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاشارات تۇتقۇچى يوپۇرماقلىرى، كاكتۇسلارنىڭ يىڭنىسىمان يوپۇرماقلىرى، كۆك پۇرچاقنىڭ يوپۇرماق بۇرۇتچىلىرى قاتارلىقلار.

زور كۆپچىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى يېشىل بولىدۇ، لېكىن بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى باشقا رەڭلەردە بولىدۇ. مەسىلەن، تاغ - دالىلاردا ئۆسىدىغان گاسترودىيە ئوتى بىلەن تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان بىگونىيىلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى يىل بويى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ يوپۇرماق تەركىبىدە خلوروفىل بولغاندىن سىرت، يەنە كاروتېنوئىدلار ياكى فىكوئېرىتروبىلىن، فۇكوكسانتىن قاتارلىقلار بولىدۇ. سىئانىدىن (گۈل ھۆسن ماددىسى)لار يوپۇرماقنى قىزارتىدىغان بولۇپ، كۈز يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ئېرەن دەرىخى، زەرەڭ دەرىخى، ساپىئۇم دەرىخى، كوتىنۇس دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوتقاشتەك قىزىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۈز پەسلىدە يوپۇرماق تەركىبىدە گلۇكوزا زىيادە كۆپ جۇغلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سىئانىدىنلارغا ئۆزگىرىپ يېشىل يوپۇرماقلارنى قىزارتىۋېتىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن «قىرودىكى يوپۇرماقلار فېۋرالدىكى گۈللەردىنمۇ قىزىل» بولۇشتەك ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئىنسانلارغا يەنە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن، ياغاچچىلار ئۇستازى لۇبەن بارمىقىنى سىجاپ تىلىۋەتكەن بىر ھەرىچىشسىمان گىرۋەكلىك يوپۇرماقتىن ئىلھام ئېلىپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ھەرىنى كەشىپ قىلغان؛ كۆۋرۈك ياساش مۇتەخەسسىسلىرى كۆممىقوناق يوپۇرمىقىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ئىلھام ئېلىپ، كۆۋرۈك تۈۋرۈكى بولمىغان1200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تۇرۇبا شەكىللىك (كانايسىمان) كۆۋرۈكنى لايىھىلەپ چىققان؛ ئەنگلىيىلىك ئارخىتېكتور (بىناكارلىق ئۇستىسى) جونسىي ۋىكتورىيە گۈلى (ئامازونكا نېلۇپىرى)نىڭ يوپۇرماق تومۇرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ دۇنيا كۆرگەزمە يىغىلىشىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ زالنىڭ بوشلۇقى كەڭ، تىك تۈۋرۈكلىرى ئاز بولۇپ ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم يورۇق - ئازادە بولغاچقا، «خرۇستال ئوردا» دەپ نام ئالغان.