كومپيۇتېردىكى ھەر بىر بەلگە ۋە بۇيرۇقلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى پروگرامما دەپ ئاتىلىدۇ. پروگراممىدىكى بەلگە ۋە بۇيرۇقلار مۇئەييەن تەرتىپتە ئالدىدىن لايىھىلەنگەن بولۇپ، مەلۇم ۋاقىتتا ئىجرا بولىدۇ. بۇنداق بىر گۇرۇپپا پروگراممىلارنىڭ يىغىندىسى يۇمشاق دېتال دەپ ئاتىلىدۇ. ناۋادا، كومپيۇتېرغا ھېچقانداق يۇمشاق دېتال قاچىلىمىغاندا، ئۇنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يۇمشاق دېتال ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بىز يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق كومپيۇتېردا كىتاب-ژۇرناللارنى كىرگۈزۈپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارالايمىز. لۇغەت يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ تەرجىمە ۋە ئىزاھاتلىرىنى ئاختۇرالايمىز. شۇڭا، كومپيۇتېرغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.