يۈك : ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى باشقا شەكىلدىكى ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلما يۈك دەپ ئاتىلىدۇ . ئىلىكتىرماتور ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى مىخانىك ئىنىرگىيەسىگە ، قارشىلىق ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى ئىسسىغلىق ئىنىرگىيەسىگە ، چىراغ ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى يورۇقلۇق ئىنىرگىيەسىگە ، ئاۋاز ياڭراتقۇ ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى ئاۋاز ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ . ئىلىكتىرماتور ، قارشىلىق ، چىراغ ، ئاۋاز ياڭراتقۇلارنىڭ ھەممىسى يۈك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىمۇ ئىلدىنقى بوغۇمدىكى سىگىنال مەنبەسىگە نىسبەتەن يۈك دەپ قاراشقا بولىدۇ .