يېزىقسىز ۋاقىت كالېندارى

ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجىغان مۇۋاپىق ھالدا، تەبىئەتنىڭ سىرىنى بىلىش ئىستىكىنى ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى كوسمولوگىيىلىك ۋە مېترولوگىيىلىك چۈشەنچىلەرگە تەتبىقلىدى. ئۇلار كۈن بىلەن تۈننىڭ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ، كۈن، ئاي، پەسىللەرنىڭ دەۋرى ھالدا ئالمىشىپ، ئايلىنىپ تۇرۇش سەۋەبلىرىنى ئاسمان جىسىملىرى(قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، پلانېتىلار) دىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، غەربكە پېتىشى؛ ئاينىڭ تۇغۇلۇشى، تولۇشى ۋە ئاخىرىدا يوقىلىپ قايتىدىن يېڭىلىنىشى؛ پلانېتىلار ۋە ئاخىرىدا يوقىلىپ قايتىدىن يېڭىلىنىشى؛ پلانېتىلار ۋە سانسىزلىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ سىرلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۆزگىرىشلىرى، ئۇلارنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە تەكرار كۆزىتىپ، پلانېتلارنىڭ بۇرچلىق ۋاقىت (يىللىق ھەرىكەت دەۋرى) نى مەلۇم ئېنىقلىق بىلەن ھېسابلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. نەتىجىدە ئەڭ دەسلەپكى «يېزىقسىز ۋاقىت كالېندارى» (يۇلتۇز كالېندارىمۇ دېيىلىدۇ) پەيدا بولدى. دېھقانلار ۋە مال چارۋىچىلار مۇشۇ «كالېندار» بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىنى بەلگىلىدى ھەمدە كېيىنچە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاساسىدا تۈزۈلىگەن «شەمسىيە كالېندارى»، «قەمەرىيە كالېندارى» ۋە مۈچۈللىك كالېندارلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى.

خەلقىمىز مېترولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى سۈپەتلەيدىغان «يۇلتۇز كالېندارى» نى يارىتىش جەريانىدا ئاساسىي پلانېتىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپتىدائىي ھالدا بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن قۇياشنى مەركەز قىلغان پلانېتلارنىڭ سۈپەتلىرىنى پەرقلىق ھالىداتەرىپلىدى ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە خاس مىللىي ناملار بىلەن ئاتىدى. مەسىلەن، ئىگە بولغان ئۈكەر يۇلتۇزىنى «ukler» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭدىن كېچىسى يول يۈرگەندە نىشان كۆرسىتىپ بېرىدىغان «كومپاس» سۈپىتىدە پايدىلاندى. «يۇلتۇز كالېندارى» دىكى مەزگىل (پەسىل) ئۆزگىرىشلىرىنىمۇ ئەنە شۇ ئۈكەرگە قاراپ بەلگىلىدى. خەلقىمىز: «ئۈكەر يۇلتۇزىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھاۋا رايى ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر ئۈكەر ئايغا يېقىنلاشسا بوران چاپقۇن ئاز بولىدۇ. يەرگە يېقىنلاشسا، بۇ باھار (كۆكلەم) نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى؛ ئەگەر ئۈكەر سۇغا يېقىنلاشسا ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ؛ تاغقا يېقىنلاشسا پىژ - پىژ ئىسىق بولىدۇ» دەپ قارىدى. «ئۈكەر يانغان ئۆتسە يازغا تەۋە، قوماق گەدەنگە چۈشسە تازغا تەۋە» دېگەن تەمسىل خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇ ئۈكەر يۇلتۇزى ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن كېلىپ چىققان (كىشىلەر ئۈكەر يۇلتۇزى كۆرۈنمەيدىغان 6 - ئاينىڭ بېشىنى «ئۈكەر يانغا ئۆتتى» دەپ ھېسابلىغان).

ئۇيغۇرلار يەنە ئورنىدىن مىدىرلىمايدىغان قۇتۇپ يۇلتۇزىنى «تۆمۈر قوزۇق» دەپ ئاتاپ، دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنى ئۇنىڭغا قاراپ بەلگىلىدى. «تۆمۈر قوزۇق» نىڭ يېنىدىكى ئىككى يۇلتۇز تۈركىمىنى «بېلىق» (بالىق) يۇلتۇز ۋە «قوزى يۇلتۇز» دەپ ئاتاپ، «بېلىق» - قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى، «قوزى» - باھارنىڭ باشلانغۇچ ئېيى (يىل بېشى) دەپ چۈشەندۈردى. ئۆزىنىڭ رەڭگى بىلەن بىر تامچە قانغا ئوخشىشىدىغان قىزغۇچ مارس تۈركىمىگە «يەتىكەن» (يەتتە قاراقچى، قاراقۇش) دەپ نام بېرىپ، ئۇنى بالايىئاپەتكە سمۋول قىلدى. خەلق ئارىسىدا «يەتىكەن» يۇلتۇزى تۈركۈمىنىڭ يەنە «چۆمۈچ يۇلتۇزى»، «چوڭ ئېيىق يۇلتۇزى» دېگەن ناملىرىمۇ بار.

ھەممىدىن روشەن ھەم چىرايلىق ۋېنېرا يۇلتۇزىنى «چولپان» دەپ ئاتاپ، ئۇنى خۇشاللىق، بەخت خاراكتېرىستىكىسى بىلەن گەۋدىلەندۈردى. ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغان زۈھەل «ساتۇرن» يۇلتۇز تۈركۈمىنى «ئاقار يۇلتۇز»، «تارازا يۇلتۇز» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا باشقىچە ئەھمىيەت بەردى. «چىللە» (ئىيۇل) نىڭ ئاخىرى «تارازا يۇلتۇز» نىڭ كۆرۈنۈش مەزگىلى بولۇپ، ئۇ تومۇزنىڭ قايتىشىغا باشلىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، دېيىشتى ھەمدە «تارازا تۇغسا تاڭ سالقىن، بۇغداي، ئاراپا پىشىدۇ» دەپ قاراشتى.

ئاتارۇت (مېركۇرىي) يۇلتۇز تۈركۈمىنى «سۇنبۇلە» (بۇغداي بېشى) دەپ ئاتاپ، «سۇنبۇلە» تۇغقاندىن كېيىن ياز ئاياغلىشىدۇ، دەپ قارىدى. خەلق ئارىسىدىكى «سۇنبۇلە يېمى - قىشنىڭ مىزاندا تېرىمىساڭ قوي نېرى» دېگەنگە ئوخشاش ماقال - تەمسىللەرنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ ئەنە شۇ يۇلتۇزنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

خەلقىمىز يەنە مۇشتىرى «يۇپىتېر» يۇلتۇز تۈركۈمىنى «ئوت يۇلتۇز» (مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئەرەن تۈز» دەپ ئاتىغا) دەپ ئاتاپ، ئۇنى ياخشىلىق ۋە بەخت - سائادەتكە سمۋول قىلدى. مېرىخ يۇلتۇز تۈركۈمىنى «شامال يۇلتۇز» (باقىر سوقىم) دەپ ئاتاپ، ئۇنى پالاكەت ۋە مالامەتكە سمۋول قىلدى. زۈھەل يۇلتۇز تۈركىمىنى «تۇپراق يۇلتۇز» دەپ ئاتاپ، ئۇنى نىسپىي ياخشىلىق ۋە نىسپىي خۇشاللىققا سىمۋول قىلدى ۋە باشقىلار.

ئۇيغۇرلار «ئاسمان گۈمبىزى» دە جىمىرلاپ تۇرغان ئەنە شۇنداق يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئون شۇنداق يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئايرىم - ئايرىم مىللىي ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇنى بىر يىل ئىچىدىكى ئون ئىككى ئاينىڭ نامى بىلەن ئاتاپ، ئۇنى بىر يىل ئىچىدىكى ئون ئىككى ئاينىڭ نامى قىلىپ قوللانغان. خەلقىمىز ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە «قوزى» نى يىل بېشى (يېڭى يىل) قىلغان ھالدا، ئود (ئۇي)، ئاراندېز (جەۋزا)، قوچىق (سەرتان)، ئارسلان (ئەسەد)، سۇنبۇلە (بۇغداي بېشى)، ئۇلكۇ (تارازا، مىزان)، چازان (چايان، ئەقرەب)، ياي (ئوقيا، قەۋىس). ئوغلاق (جەددى)، كۇنەك (دەلۋە، سوغا)، بالىق (بېلىق ھۇت) دەپ ئاتاپ، ئون ئىككى ئاينى رەتكە تۇرغۇزغان. ھەر ئۈچ ئاينى بىر توقسان (بىر پەسىل) غا بۆلۈپ، نورۇز (يېڭى ئاي) ئوغلاق ئاي، ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي، ئۇلۇغ ئاي دەپ تۆت پەسىلنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتىغان. يەنە بىر ئاينى ئىككى مەۋسۈمگە، بىر كېچە - كۈندۈزنى ئون ئىككى چاغ، يىگىرمە تۆت ۋاقىت (سائەت) قا، ئون ئىككى يىلنى بىر مۈچەلگە، بەش مۈچەلنى بىر دەۋرگە بۆلگەن.

خەلقىمىزنىڭ قەدىمىكى «يېزىقسىز ۋاقىت كالېندارى» دا يەنە يەتتە كۈننى زۇھەل (سەكەنتىر ياكى ساتۇرن)، مۇشتىرى (ئوڭاي ياكى يۇپىتېر)، مېرىخ (كورۇد ياكى مارس)، شەمىس (يەشىق ياكى قۇياش)، زۆھرە (سەۋت ياكى چولپان)، ئاتارۇت (ئارزۇ ياكى مېركۇرىي)، قەمەر (ئاي ياكى يالچىق) قاتارلىق كۆكتىكى يەتتە سەييارە يۇلتۇزغا تەقلىد قىلىپ ئاتىغان. ھازىرقى «ھەپتە» ۋە كۈن ناملىرى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن.

«شەمسىيە كالېندارى» بۇيىچە ھەرقايسى ئايلارنى ھەمەل (1 - ئاي)، سەۋر(2 - ئاي)، جەۋزا(3 - ئاي)، سەرەتان (4 - ئاي)، ئەسەد (5 - ئاي)، سۇنبۇلە (6 - ئاي)، مىزان (7 - ئاي)، ئەقرەپ (8 - ئاي)، قەۋس (9 - ئاي)، جەددى (10 - ئاي)، دەلۋە (11 - ئاي)، ھۇت (12 - ئاي)، شۇنداقلا ئەرەب «قەمەرىيە كالېندارى» بويىچە مۇھەررەم، سەپەر، رەببىيەلئەۋۋەل، رەببىيەلئاخىر، جامادىيەلئەۋەل، جامادىيەلئاخىر، رەجەپ، شەئبان، رامىزان، شەۋۋال، زۇلقەئدە، زۇلھەججە دەپ ئاتاشمۇ شىنجاڭغا ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىنكى ئىشلاردۇر.

دېمەك، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى «يېزىقىسىز ۋاقىت كالېندارى» دا «يەر مەركەز» لىك چۈشەنچىسى ئالغا سۈرۈلگەن بولۇپ، ئاسماندىكى بارلىق پلانېتىلار ئوخشىشاشمىغان ئوربىتىلارنى بويلاپ يەرنى ئەگىپ ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى، قۇياش بارلىق پلانېتلار ئىچىدە ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقىرىدىغان ئىسىقلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى، بۇ مەنبە بولمىغاندا ھاياتلىقنىڭ بولمايدىغانلىقى، ئاي قۇياشتىن يورۇقلۇق ئالغۇچى «يەرنىڭ ھەمراھى» ئىكەنلىكى... قاتارلىق كۆز قاراشلار ئەكس ئېتىلگەن. (ئا)

مەنبەلەر

تەھرىرلەش