يېڭىيەر يېزىسى

ئومۇمى ئەھۋالى تەھرىرلەش

قاراقاش مىلىكاۋات خارابىلىكى

يېڭىيەر يېزىسى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ㏎12 كىلىدۇ، شەرقى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ، جەنۇبى تۈۋەت يېزىسى بىلەن، شىمالى كاۋاك يېزىسى بىلەن، غەربى قوچى يېزىسى ۋە 47-تۈۋەننىڭ 1-،2-لىيەنى بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومۇمى كۆلىمى 74كۆۋادىرات كېلومېتىر ، تېرىلغۇ كۈلۈمى 21مىڭ 217مو، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇكۈلەم 1.95مو. يېڭىيەر (ئۇيغۇرچە يېڭىدىن ئېچىلغان يەر دىگەن مەنىدە) يېزىسى 1919-1937-يىللىرى بارامسۈيى، بۇخۇا بەگىلىكىگە تەۋە بولغان. 1944-يىلى ناھىيىمىزنىڭ 2-رايۇنىدىكى ئەسكى، يېڭىيەر رايۇنىنى ئۆزئىچىگە ئالغان. 1956-يىلىدىن كىيىن ناھىيىمىزنىڭ 13-رايۇنىدىكى ئەسكى، يېڭىيەر،سۇقۇلۇق كەنىتلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش مەزگىلىگىچە 11-رايۇن بولغان. كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش مەزگىلىگىچە تىنىچلىق خەلق كوپىراتسىيىسى قۇرۇلغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ياۋا، شەرىق قىزاردى گۇڭشىلىرى ۋە ناھىيىلىك ياڭاقچىلىق مەيدانىغا تەۋە بولغان. 1984- يىلى يېڭىيەر يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

2006- يىلى 16 يېزىغا بىيۋاستە قاراشلىق ئورۇن،12 مەمۇرىي كەنت، 41 مەھەللە،2675 ئائىلە(85 ئائىلە غەيرى يېزا نوپۇس)، 11مىڭ 418 نوپۇس بار(ئۇيغۇرلار 11مىڭ387نەپەر، ئايال5مىڭ691نەپەر).

2006- يىلى يېزىدىكى دىھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1296.54يۈەنگە، ئاشلىق تېرىلغۇسى 17مىڭ موغا، بۇنىڭدىن: بۇغداي 8مىڭ500 مو، قۇناق3مىڭ 700مو، شال 1200مو، كىۋەز 650مو، چارۋىنىڭ قوتان قالدۇقى 38مىڭ741توياققا يەتتى.

ئۆزگىچە كەسىپلىرىدىن يەنە ئورگانىك كۆكتات، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار.