يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى

يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى ھازىرقى زامان ئامېرىكا بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى.ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس روبىنسون بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان.ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى—"يېڭى تارىخشۇناسلىق"تا بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشىنى شەرھىيلىگەن(1) تارىخنىڭ دائىرىسىنى جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگىچە كېڭەيتىش؛(2)تارىخي پاكىتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىئىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش؛(3)تارىخي ئۆزگىرىشنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرى بىلەن كۆزىتىپ،ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۈزۈلمەيدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى دەپ قاراش؛(4)تارىخشۇناسلىقنىڭ رولى ئۇنىڭ بىزنىڭ ھازىرقىنى چۈشىنىشىمىز ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىدا؛(5)تارىخي بىلىمدىن پايدىنلىنىپ،جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت.روبېنسون كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ،تەسىرى بار ئىلمىي ئېقىمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى بېرىد،شودۋېل،خايېس(1882-1964)،موئون(1892-1936)،بارنېس(1889-1968)،سارىندىكى(1882-1965) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەزكور ئىلمىي ئېقىم ئامېرىكىنڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئالغان . 新史学派 جامېس ھارۋېي روبىنسون(James Harvey Robinson,1863.6.29-1936.2.16)