يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيتى
يېڭى تاش قورال دەۋرى — ئىنسانىيەت تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر دەۋر . بۇ دەۋردە ، تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بارلىققا كەلگەن . بولۇپمۇ دېھقانچىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى ، ئىنسانلارنىڭ كونا تاش قورال دەۋرى ۋە ئۇششاق قوراللارنى ئىشلەتكەن مەزگىلىدە ، پەقەت تەبىئەتكىلا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈشنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدلىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ، سۈركەپ ياسالغان تاش قوراللار ، ساپال قاچىلار ۋە توقۇمىچىلىق بارلىققا كەلگەن . ئوقيانىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىقنىڭ سەۋىيىسى ۋە تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن . ئوقيا بىلەن ئوۋ ئوۋلاش ئوۋچىلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ، ئوبىيكتىنىمۇ كۆپەيتكەن . ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدا يارىلانغان ھايۋانلار بىلەن بەزى ھايۋان بالىلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايغا ئېلىپ بېرىپ بېقىپ ، زۆرۈر بولغاندا ئۆلتۈرۈپ يېسە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى بېقىپ كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن . قىسقىسى ، چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىدە بېقىلىشى ۋە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بارلىققا كەلگەن .
يېڭى تاش قوراللار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6000 ~ 4000 يىللار ئىلگىرىكى شەكلى ئۇششاق ھەم كىچىك بولغان سوقۇپ ياسالغان تاش قوراللاردۇر . بۇنىڭ تىپىكلىرى ۋاستىلىك سوقۇپ ياساش ۋە قىرقىپ يونۇش قاتارلىق ئالاھىدە تېخنىكلار ئارقىلىق ياسالغان ئوۋ ئوۋلاش ۋە كېسىش ئەسۋاپلىرىدۇر . بۇ بېلىق تۇتۇش ، يىغمىچىلىق ئىگىلىكى تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدۇ . شىنجاڭدا ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق خارابىلەردىن 50 كە يېقىنى بايقالغان بولۇپ ، ئۇلار ھەممە جايلارغا تارقالغان . بىر قەدەر مۇھىملىرىدىن قۇمۇل شەھىرىدىكى تارانچى ، يەتتە قۇدۇق ، پىچان ناھىيىسىدىكى دىغار ، يانقىر ، تۇرپان شەھىرىدىكى ئاستانە ، يارغول ، توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئويمان بۇلاق ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساي گەمە ، مورى ناھىيىسىدىكى چىچېڭزى ، سىداۋگو ، فۇكاڭ شەھىرىدىكى فۇبېي دېھقانچىلىق مەيدانى ، شىخەنزە شەھىرىدىكى 105 – تۈەن مەيدانى ، ئالتاي شەھىرىدىكى شەمىرشەك ، قابا ناھىيىسىدىكى جېدى قارىن ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى ئوپال ، گۇما ناھىيىسىدىكى كىلياڭ ، كېرىيە ناھىيىسىدىكى كىچىك پۇلۇ ، باش كەڭسۇلا ۋە مارالبېشى ، قارا شەھەر ، لوپنۇر رايونى ، خوتەن دەرياسى ، كېرىيە دەرياسى ، نىيە دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئالدى تاغلىق رايونى قاتارلىقلار بار . تاش قوراللارنىڭ تىپى ئۆز – ئارا يېقىن كېلىدۇ . ئۇلار ئاساسلىقى ئۇششاق تاش ياپراق ، تاش ئۆزەك ۋە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يۇنىغۇچ ، ئۇچلۇق قورال ، ئۇيغۇچ ، باشاق ، نەيزە قاتارلىقلار بولۇپ ، ئالاھىدلىكىدىن قارىغاندا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭەونىڭ شىمالىي يايلاق رايونلىرىنىڭ ئۇششاق تاش قوراللىرى بىلەن بىر قەدەر زور ئورتاقلىققا ئىگە . خارابىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى چۆل –جەزىرىدە بولغاچقا ، بۇيۇملار ئاساسەن تەكشۈرۈش جەريانىدا يىغىۋېلىنغان بولۇپ ، قىزىۋېلىنغانلىرى ناھايىتى ئاز . نۇرغۇن ئورۇنلاردىن سۈركەپ ياسالغان تاش قوراللار ، ساپال پارچىلىرى ۋە مېتال بۇيۇملار بىللە تېپىلغان بولۇپ ، مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ ، ئېنىق يەر قاتلىمى بولمىغاچقا ، كونكرېت يىل دەۋرىنى بېكىتىش تەسكە توختايدۇ . نۆۋەتتە قېزىلغان يەرنىڭ يەر قاتلىمى ئېنىق بولغانلىرىدىن كۆنچى دەرياسىدىكى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىلا بار . بۇنىڭدىن باشقا ، شەمىرشەكتىكى تاش تاۋۇتلۇق قەبرىدىن ئۇششاق تاش باشاق ، سىداۋگۇ خارابىسىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن ئۇششاق تاش ئۆزەك قېزىۋېلىندى . يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ ئورۇندىن كۆپ مىقداردا كۆندۈرۈلۈپ بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى تېپىلدى . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان ، ھەممىسى برونزا دەۋرىگە تەۋە بولۇپ ، مۇتلەق يىل دەرى مىلادىيىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتا ياكى تېخىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ . بۇنى شىنجاڭنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ تۆۋەن چېكى دەپ قاراشقا بولىدۇ .