يەھيا ئىبنى شەرەف ئەننەۋەۋىي

ئىمام نەۋەۋىي
تۇغۇلۇشھ. 631 / م. 1233
ۋاپاتىھ. 676 /م. 1277


ئىمام نەۋەۋىي (ئەرەبچە:يحيى بن شرف النووي): يەھيا ئىبنى شەرەف ئەننەۋەۋىي (ئەبۇ زەكەرىيا) نامى شەيخۇلئىسلام ۋە مۇھيىددىن. (ھ. 631 – 676 /م. 1233 – 1277) كاتتا مۇھەددىس، تىلشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ، شافىئىي مەزھەپ فىقھىسىنى رەتلىگۈچى ۋە تاسقىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

ھاياتى تەھرىرلەش

شەيخۇلئىسلام ئىمام نەۋەۋىي ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈك مۇھەددىسى، فەقىھى، رەببانىي ئالىمى بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى شەرەف ئىبنى مۇررىي ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى جۇمۇئە ئىبنى ھىزام نەۋەۋىيدۇر.

ئىمام نەۋەۋىي ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، بەلكى، ئۆزىدىن بۇرۇنقى ياشاپ ئۆتكەن فەقىھلەردىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان پەرھىزكارلىقنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، نامى تىللاردا داستان بولغان، ئاللاھنىڭ ئارىف، زاھىد بەندىلىرىدىن بىرى ئىدى. مەسىلەن، ئۇ دىمەشق باغلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق مەسىلىسىدە شۈبھە بار، دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئۇ باغلارنىڭ مېۋىلىرىنى يېمىگەن.[1] ئۇ بۇنى ئوچۇق ئېيتقان.

ئۇ ئاممىۋى مۇنچىلارغا كىرمەيتتى، بىر كېچە - كۈندۈزدە خۇپتەندىن كېيىن بىرلا ۋاخ تاماق يەيتتى، ئەتىگىنى بىر يۇتۇملا سۇ ئىچىپ شۇنى سوھۇرلۇققا ھېساب قىلاتتى. يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ھەممە ئىشلىرىدا ئىنتايىن ئىقتىسادچان، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا نىسبەتەن سەۋرچان ئىدى.

ئۇ «ئەشرەفىيە دارۇل ھەدىس مەدرەسەسى»نىڭ باش شەيخلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن مەدرىسەدىن ئازراقمۇ مائاش ئالمىغان، ھەدىيەمۇ قوبۇل قىلمىغان. ئۇ پەقەت دادىسى يۇرتى نەۋادىن ئەكىلىپ بېرىدىغان تاتلىق - تۈرۈم ۋە ئەنجۈر بىلەنلا ئوزۇقلىناتتى. ئۇچىسىغا يۇرتىغا خاس ھەۋران كىيىمى، بېشىغا شەبەختان سەللىسى كىيەتتى. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل يېمەكلىك يېمەيتتى. ۋاقتىنى تائەت - ئىبادەتسىز ئۆتكۈزمەيتتى، بىراۋ يوقلاپ كەلسە پەقەت سالاملا قىلاتتى ۋە زۆرۈر ئىلمىي مەسىلىلەرگىلا جاۋاب بېرەتتى، ئەگەر يېنىدا ئولتۇرسا مەشغۇل قىلماسلىقى ئۈچۈن ئوقۇشقا كىتاب بېرەتتى. ھەربىر ھەرىكەت ۋە يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدا، باسقان قەدەم ۋە ئوي - خىياللىرىدا ئاللاھنى ئېسىدىن چىقارمايتتى. ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتى. سۇلتان زاھىرغا كۆپ قېتىم تۈزىتىش بەرگەن ئىدى. سۇلتان: مەن مۇشۇ نەۋەۋىيدىن باشقا ھېچ كىشىدىن ئەيمەنمەيمەن، دەيتتى ۋە ئۇ بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئىجرا قىلاتتى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ راستچىللىقىنىڭ، ئىخلاسىنىڭ، ئىلىم ۋە ئەمەلدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ئىمام نەۋەۋىينى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغان، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغان، پەزلى ۋە سېخىيلىقلىرىنى تۆكۈۋەتكەن ئاللاھ ئەيىب - نوقسانلاردىن پاكتۇر، بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسىدۇر.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئىش - ئىزلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شاگىرتى ئالائەددىن ئىبنى ئەتتار (ئۆ. ھ. 724 / م. 1324) ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئىش - ئىزلىرى ھەققىدە ئايرىم بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي ھىجرىيە 631 - يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، يەنى مىلادىيە 1233 - يىلى ئۆكتەبىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇگۈنكى سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا دەرا ۋىلايىتىگە قاراشلىق نەۋا قەسەبەسىدەتۇغۇلۇپ چوڭ بولغان (پايتەخت شامغا 85 كىلومېتىر كېلىدۇ).. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا زېرەكلىكتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش بىلەن تونۇلغان. «قۇرئان كەرىم»نى مەھەللىسىدە يادلاپ تۈگەتكەن. ھ. 649 / م. 1251 – يىلى، تېخى 18 يېشىدا دىمەشققە كېلىپ تۆت يېرىم ئاي ئىچىدە «التنبيه» ناملىق كىتابنى ئۇستازدا ئوقۇپ تۈگەتكەن. يىلنىڭ قالغان قىسمىدا «المهذب» ناملىق كىتابنىڭ تۆتتىن بىرىنى يادلاپ بولغان. ئۇ شەيخ كامالىددىن ئىسھاق ئىبنى ئەھمەد ئەلمەغرىبىينى ئۇستاز تۇتقان. ئۇنىڭ يېنىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرەتتى. ئۇ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت بېقىنىنى يەرگە چاپلاپ قېنىپ ئۇخلاپ باقمىغان. «رەۋاھىيە مەدرىسەسى»دە ھ. 651 / م. 1253 - يىلغىچە ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۇپ قالغان. ئاتىسى بىلەن بىللە ھەج قىلغان.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئۇستازلىرى تەھرىرلەش

ئىمام نەۋەۋىي ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈكلىرى، ئىسلامنى ھىمايە قىلغۇچى كاتتىلىرى بولغان نۇرغۇن ئالىملاردىن ئىلىم ئۆگەنگەن. ئۇلار:

1.         ئىمام كامالىددىن ئىسھاق ئىبنى ئەھمەت ئىبنى ئوسمان ئەلمەغرىبىي. ھىجرىيە 650 / مىلادى 1252-1253 - يىلى ۋاپات بولغان.

2.         ئىمام كامالىدىن سەللار ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئۆمەر ئىربىيلىي. ھ. 670 م. 1271-1272- يىلى ۋاپات بولغان.

3.         ئىمام شەمسۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى نۇھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلمەقدىسىي. ھ. 654 / م. 1256 - يىلى ۋاپات بولغان.

4.         شەيخ ئىززەددىن ئۆمەر ئىبنى ئەسئەد ئىبنى ئەبى غالىب رىبئىي ئەلئىربىيلىي. ھ. 675 / م. 1276-1277- يىلى ۋاپات بولغان.

5.         قازى ئۆمەر ئىبنى بۇندار ئىبنى ئۆمەر ئەتتىفلىيسىي. ھ. 601-602 – 672 / م. 1205 – 1273-1274- يىلى ۋاپات بولغان.

6.         شەيخ ئىبراھىم ئىبنى ئىيسا ئەلمۇرادىي. ھ. 668 / م. 1269- يىلى ۋاپات بولغان.

7.         شەيخ رەزىييۇددىن ئىبراھىم ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇزەر ئەلمىسرىي ئەلۋاسىتىي. ھ. 664 / م. 1266 - يىلى ۋاپات بولغان.

8.         ئىمام شەمسۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي. ھ. 682 / م. 1283-1284 - يىلى ۋاپات بولغان.

9.         شەيخ ئىمادۇددىن ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئابدۇسسەمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەنسارىي ئەددىمەشقىي ئىبنى ئەلھەرىستانىي. ھ. 662 / م. 1264 - يىلى ۋاپات بولغان.

10.    ئىمام تاجۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى زىيا ئەلفەزارىي ئىبنى ئەلفەركاھ. ھ. 690 / م. 1291 - يىلى ۋاپات بولغان.

11.    ئىمام شىھابۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئىسمائىل ئەددىمەشقىي ئەبۇ شامە. ھ. 665 / م. 1267 - يىلى ۋاپات بولغان.

12.    ئىمام، ئەللامە جامالىددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مالىك. ھ. 672 / م. 1273-1274 - يىلى ۋاپات بولغان.

13.    ئىمام ئەھمەد ئىبنى سالىم ئەلمىسرىي. ھ. 664 / م. 1266 - يىلى ۋاپات بولغان.

14.    ئىمام، ھافىز خالىد ئىبنى يۈسۈف ئىبنى سەئد ئەننابۇلۇسىي. ھ. 663 / م. 1265 - يىلى ۋاپات بولغان.

15.    شەيخ ئىبراھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئىبنى فەزل ئەلۋاسىتىي. ھ. 692 / م. 1293 - يىلى ۋاپات بولغان.

16.    ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئابدۇددائىم ئەلمەقدىسىي. ھ. 668 / م. 1269-1270- يىلى ۋاپات بولغان.

17.    ئىمام ئىسمائىل ئىبراھىم ئىبنى ئەبى يۇسر ئەتتەننۇخىي. ھ. 672 / م. 1273-1274 - يىلى ۋاپات بولغان.

18.    ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن ئەلئەنسارىي. ھ. 662 م. 1264 - يىلى ۋاپات بولغان.

19.    ئىمام جامالىددىن يەھيا ئىبنى ئەبى مەنسۇر ئىبنى ئەبىل فەتھ ئەلھەررانىي ئەسسەيرەفىي. ھ. 678 م. 1279-1280 - يىلى ۋاپات بولغان.

ئاللاھ تائالا ئىمام نەۋەۋىينىڭ ۋاقتىغا بەرىكەت بەرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قۇرئان - سۈننەتنى تېگىگە يېتىپ چۈشىنەلەيدىغان چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلغان.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ شاگىرتلىرى تەھرىرلەش

ئىمام نەۋەۋىينىڭ قولىدا نۇرغۇن فىقھىشۇناسلار يېتىشىپ چىققان ۋە كۆپلىگەن ئالىملار ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇلار:

1.     قازى سەدرۇددىن سۇلايمان ئىبنى ھىلال ئىبنى شىبل ئەددارانىي. ھ. 725 / م. 1325 - يىلى ۋاپات بولغان.

2.     ئىمام ئەلائۇددىن ئەلى ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلئەتتار. ھ. 654 – 724 / م. 1256 – 1324- يىلى ۋاپات بولغان.

3.     ئىمام، ھافىز جامالىددىن يۈسۈف ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى يۈسۈف ئەلمىززىي. ھ. 654 – 742 / م. 1256 – 1341 - يىلى ۋاپات بولغان.

4.     باش قازى مۇھەممەد ئىبنى ئەبى بەكىر ئىبنى ئەننەقىيب. ھ. 745 / م. 1344-1345 - يىلى ۋاپات بولغان.

5.     ئىمام بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى سەئدۇللاھ ئىبنى جەمائە. ھ. 639 –  733 / م.1241 – 1333- يىلى ۋاپات بولغان.

6.     شەيخ ئەمىينۇددىن سالىم ئىبنى ئەبۇددۇر. ھ. 726 / م. 1326 - يىلى ۋاپات بولغان.

7.     ئىمام، ھافىز شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابباس ئىبنى جەئۋان. ھ. 682 / م. 1284 - يىلى ۋاپات بولغان.

8.     ئىمام شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇلفەتھ ئەلھەنبەلىي. ھ. 709 / م. 1309-1310 - يىلى ۋاپات بولغان.

9.     شەيخ شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى فەرەھ ئەلئىشبىيلىي. ھ. 624 – 699 / م. 1227 – 1300 - يىلى ۋاپات بولغان.

10.     ئىمام رەشىيد ئىبنى مۇئەللىم ئەلھەنەفىي، ھ. 714 / م. 1314-1315 - يىلى ۋاپات بولغان.

11.     ئىمام ئەلائۇددىن ئەلى ئىبنى ئەييۇب ئىبنى مەنسۇر ئەلمەقدىسىي. ھ. 748 / م. 1347-1348 - يىلى ۋاپات بولغان.

12.     شەيخ ھىبەتۇللاھ ئىبنى ئابدۇرېھىم ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلبارىزىي. ھ. 645 – 738 / م. 1246 – 1338 - يىلى ۋاپات بولغان.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەسەرلىرى بىلەن مەزھەپداشلىرىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭمۇ پايدىلىنىش نېمىتىنى پۈتۈۋەتكەن ئىكەن. ئۇلار:

ھەدىس: تەھرىرلەش

1.   «ياخشىلار باغچىسى» (رياض الصالحين): ئىسلامىي ئەخلاق ۋە ئەدەب ھەققىدىكى ئەسەر، 19 باب، 1900 ئىشەنچىلىك ھەدىستىن تەشكىل تاپقان. ھ. 670 / م. 1272 - يىلى رامىزاننىڭ 14. كۈنى (14- ئاپرېل) تاماملانغان؛

2.   «ئەلمىنھاج» (المنهاج): ئىمام مۇسلىم بىن ھەججاجنىڭ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» (سەھىھ مۇسلىم) غا يېزىلغان شەرھلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. ھ. 674 / م. 1275 - يىلىدىن كېيىن يېزىلغان. ھاياتىنىڭ سوڭغى ئىككى يىلىدا يېزىلغان ئەسەردە ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىدىكى راۋىيلەرتونۇشتۇرۇلغان، مەتىنلەردىكى مۈجمەل كەلىمىلەرگە ئېنىقلىما بېرىلىپ، بىر – بىرىگە زىتتەك كۆرۈنگەن ھەدىسلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ دىققەتكە سازاۋار يەنە بىر تەرىپى «سەھىھ مۇسلىم» نىڭ بابلارغا ئايرىلىپ رەتلىنىشىدۇر؛

3.   «ئەلئەزكار» (الأذكار): كۆپرەك ئىبنى ماجەنىڭ «سۇنەن» ىدىن باشقا «كۇتۇبى سىتتە» دىن تاللانغان ئەسەردە ھەدىسلەر 19 بۆلۈم، 356 باب ھالىدا جەملەنگەن؛

4.   «ئەلئىرشاد» (الإرشاد): ئىمام نەۋەۋىي، ئېھتىمال «ئەشرەفىيە دارۇلھەدىس» كە شەيخ بولغاندىن كېيىن، تەلەبەلەر ئۈچۈن يادلاشقا ئاسان بىر ئۇسۇلى ھەدىس كىتابى تەييارلاشنى خاھلىغان ۋە ئىبنۇسسالاھنىڭ «مۇقەددىمە» سىنى قىسقارتىپ، بەزى جايلارغا يېڭىدىن ئىلاۋەلەر كىرگۈزگەن؛

5.   «ئەتتەقرىب ۋەتتەيسىر» (التقريب والتيسير): «ئەلئىرشاد» يېتەرلىك دەرىجىدە ئوقۇلمىغان دەپ قاراپ ئىبنۇسسالاھنىڭ «مۇقەددىمە» سىنى يەنە بىر قېتىم قىسقارتىپ يازغان؛

6.   «ئەربەئۇن نەۋەۋىييە» (الأربعين النووية): ئىمام نەۋەۋىي، ئىبنۇسسالاھ يازغان «شەھرەزۇرى» نىڭ دىننىڭ ئاساسلىرىغا دائىر 26 ھەدىستىن تەشكىل تاپقان «ھەدىسۇل كۇللىيە» ئاتلىق ئەسىرىگە كۆپى «سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سەھىھ مۇسلىم» دىن تاللىغان 16 ھەدىسنى قوشۇپ تەييارلىغان، لېكىن ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرى زىكىر قىلىنمىغان ئەسەر؛

7.    «ئەتتەلھىس سەھىھۇلبۇخارى» (التلخيص شرح الجامع الصحيح البخاري): ئىمام نەۋەۋىي «سەھىھۇلبۇخارى» نىمۇ شەرھلەشنى خاھلىغان ۋە بولسىمۇ، «كىتابۇل ئىمان» نىڭ كەينىنى يېزىشقا ئۆمرى يەتمىگەن. ئەسەرنىڭ مۇئەللىف قوليازمىسى بولغان 105 ۋاراقلىق بىر نۇسخىسى ئىستانبۇل سۇلايمەنىيە كۈتۈبخانىسىدا ساقلانماقتا؛

8.   «ما تمس إليه حاجة القاري لصحيح الإمام البخاري» ئىمام بۇخارىي رەھىمەھۇللاھ، ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى سەھىھ ھەدىس ۋە «سەھىھەين» نىڭ قىممىتى بايان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى ھەدىس ئاتالغۇلىرى تونۇشتۇرۇلغان؛

9.    «مهمات الأحكام»: "زاكات بابى" غىچە يېزىلغان ئەسەر سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىسلەردىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ھەر تېمىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر تېما بىلەن ئالاقىدار زەئىپ ھەدىسلەرمۇ – زەئىپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ – بېرىلگەن؛

10.        «الإيجاز في شرح سنن أبي داود» "تاھارەت" ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ «سۇنەن» ىگە يېزىلغان شەرھ، "كىتابۇل ۋۇزۇ" نىڭ بىر قىسمىنى ئىچىگە ئالغان بىر نۇسخىسى ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۈتۈبخانىسىدا ساقلانماقتا؛

11.        «مۇختەسەر تىرمىزى» (مختصر الترمذي)؛

12.        «لخلاصة في أحاديث الأحكام»؛

فىقىھ: تەھرىرلەش

1.   «رەۋزەتۇتتالىبىن» (روضة الطالبين) : ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىنىڭ شافىئىي فىقھىغا دائىر «ئەلۋەجىز» (الوجيز)ئاتلىق ئەسىرىگە ئابدۇلكەرىم بىن مۇھەممەد ئەررافىينىڭ شەرھى بولغان فەتھۇل ئەزىز ئاتلىق ئەسىرىنىڭ مۇختەسەرىدۇر؛

2.   «مىنھاجۇتتالىبىن» (المنهاج الطالبين): ئەررافىينىڭ «ئەلمۇھەررەر» ئاتلىق كىتابىنى قايتا تۈزۈپچىققان ۋە يادلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن قىسقارتقان. شافىئىي ئالىملار بۇ ئەسەرگەن 40 تىن كۆپ شەرھ يازغان. ئەسەردىكى سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئۆز قەلەمگە ئالغان كىچىك ھەجىملىك «دەئائىقۇل مىنھاج» ئاتلىق ئەسەرمۇ بار؛

3.   «ئەلمەجمۇئ شەرھى مۇھەززەب» (المجموع شرح المهذب)، ئەبۇ ئىسھاق شىرازىينىڭ شافىئىي فىقھىنى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان «المهذب» ئاتلىق ئەسىرىنى، ھەدىسلىرىنى تەھقىقلەپ، ھەر مەسىلىدە باشقا مەزھەبلەرنىڭ قاراشلىرىنى كەلتۈرۈپ شەرھلەشكە باشلىغان، لېكىن "سودا بابى" نى يېزىۋاتقاندا ۋاپات بولۇشى بىلەن يېرىم قالغان ئەسەردۇر. ئەسەر باشقا بىر قانچە شافىئىي ئالىملارنىڭ غەيرىتى بىلەن تاماملىنىپ، 20 جىلد قىلىپ نەشر قىلىنغان؛

4.   «تەسھىھۇ تەنبىھ» («العمدة في تصحيح التنبيه».) ئىمام نەۋەۋىينىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شافىئىي فىقھىنىڭ مۆتىۋەر بەش كىتابىنىڭ تۇنجىسى بولغان، شىرازىنىڭ «ئەتتەنبىھ» ىگە يېزىلغان بىر نەچچە كىتابتىن بىرىدۇر؛

5.   «ئەتتەنقىھ» (التنقيح) ئىمام غەززالىنىڭ «الوسيط» دېگەن ئەسىرىدىن بايقىغان خاتا ۋە نۇقسانلارنى تۈزۈتۈش ۋە تولۇقلاش ئۈچۈن قەلەمگە ئېلىنغان ئەسەردۇر؛

6.   «ئەل ئۇسۇل ۋەز زاۋابىت» (الأصول والضاوبط) كىچىك بىر رىسالە بولۇپ، كۆپرەك فىقىھ بىلەن ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر ئورۇن ئالغان؛

7.   «ئەلئىزاھ» ياكى «فى مەناسىكل ھەج»: ئىمام نەۋەۋىينىڭ ھەجگە دائىر يازغان ئالتە كىتابىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەجىملىكى؛

8.   «المناسك»، بۇ «الأكبر» (چوڭ ھەجىملىك)، «الأصغر» (كېچىك ھەجىملىك)، «الأوسط» (ئوتتۇرھال ھەجىملىك) دېگەن ناملاردا يېزىلغان ئايرىم - ئايرىم ئۈچ كىتابتۇر؛

9.   «ئەلمەنسۇرات» (المنثورات): ئوقۇغۇچىسى ئالائەددىن ئىبنى ئەتتار تەرىپىدىن، ئىمام نەۋەۋىينىڭ فەتۋالىرى ۋە دەرسلىرىدە ئىزاھلىغان فىقىھ، تەفسىر ۋە ھەدىسلەرگە دائىر 362 مەسىلە توپلانغان ئەسەر؛

10.       «كىتابۇل تەھقىق» (كتاب التحقيق) شافىئىي فىقھىى كىتابى، تولۇق تاماملانمىغان؛

11.       «مەسەلەتۇل غەنىمە»؛

12.       «ئەدەبۇل فەتۋا»؛

13.       «مختصر التنبيه» ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى «تحفة الطالب النبيه».

قۇرئان: تەھرىرلەش

1.   «قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى» («التبيان في آداب حملة القرآن») مەزكۇر كىتاب.

تىل: تەھرىرلەش

1.   «تەھزىبۇل ئەسما ۋەللۇغەت» (تهذيب الأسماء واللغات): ئەبۇ ئىسھاق شىرازىينىڭ «ئەتتەنبىھ» ۋە ئىمام نەۋەۋىي شەرھ يازغان «مۇھەززەب» ئاتلىق ئەسەرى، ئۆزى تۈزگەن «رەۋزەتۇتتالىبىن»، مۇزەنىينىڭ «ئەلمۇختەسەر»، غەززالىينىڭ «ئەلۋاسىت» ۋە «ئەلۋەجىز» قاتارلىق ئەسەرلەردە كۆرۈلگەن ئىسىم، كەم ئۇچرايدىغان سۆزلەر، ئىستىلاھ ۋە فىقھى ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىما بېرىش مەقسىدىدە يېزىلغان. لېكىن مۇئەللىف ئەسەرنى رەتلەپ تۈپلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەن؛

2.   «ئەل ئىشارەت ئىلە بەيانىل ئەسمائىل مۇبھەمات»: خەتىب باغدادىنىڭ «ئەسمائۇل مۇبھەمە فىل ئەنبائىل مۇھكەمە» ئاتلىق ئېلىپبە تەرتىپلىك ئەسىرىنى ھ. 667 / م. 1269 - يىلى يەڭگىللەشتۈرگەن ۋە تەرتىپلەرنى ئۆزگەرتىپ رىۋايەتلەرنى ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرىغا قاراپ تىزغان؛

3.   «تەھرىرۇ تەنبىھ» (التحرير في لغات التنبيه): شىرازىنىڭ «تەنبىھ» ىدە ئۇچرايدىغان كەم قوللىنىلغان سۆزلەر ۋە فىقىھ ئىستىلاھىنى شەرھلىگەن.

باشقىلار: تەھرىرلەش

1.        «ئەلمەقاسىد» (المقاصد): ئەقائىد، ئىبادەت ۋە تەسەۋۋۇف بىلەن ئالاقىدار بىر رىسالە؛

2.        «بۇستانۇل ئارىفىن» (بستان العارفين): زۇھد ۋە ئىخلاس قاتارلىق تېمىلار ئايەت، ھەدىس، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرى، بەزى ھېكايە ۋە شېئىرلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان كىچىك ھەجىملىك بىر ئەسەر.

3.        «تەرھىس فى قىيام» (الترخيص في القيام)

4.        «مۇختەسەرۇل تاباقات»: ھافىز ئىبنى سالاھنىڭ «الطبقات» ناملىق كىتابىنى قىسقارتقان ۋە ئۇنىڭغا بىر بۆلەك ئۆلىمالارنىڭ ئىسىملىرىنى كىرگۈزگەن.

5.        «مەناقىبى شافىئىي» (مناقب الشافعي): ئىمام بەيھەقىينىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلغان، لېكىن سەنەدلىرى ۋە بەزى مەزمۇنلىرى چىقىرىپ تاشلانغان.

ئىمام نەۋەۋىي سۈرلۈك، سالماق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ مۇبارەك ساقىلىغا ئاق سانجىلغان بولۇپ، قۇياش نۇرىدەك چاقنايتتى. ئۇ قۇددۇسنى ۋە ئىبراھىم خەلىلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ سان - ساناقسىز رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن!)

ئۇ زىيارىتىنى تۈگىتىپ نەۋاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋە كېسەل تېگىپ، ھىجرىيە 676 - يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 24 - كۈنى چارشەنبە كېچىسى، مىلادى 1277 - يىلى 21 - دېكابىر كۈنى ۋاپات بولغان. كىندىك قېنى تۆكۈلگەن نەۋا يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان. قەبرىستانلىقى كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ھازىرمۇ ئۈزۈلمەيدۇ. سالىھ ۋە تەقۋادار كىشىلەر كېلىپ - كېتىپ تۇرىدۇ.[2]

ئاللاھ ئىمام نەۋەۋىيگە كاتتا مۇكاپاتلارنى بەرسۇن، بىزنى ۋە دوست - يارەنلىرىمىزنى ئۇنىڭ بىلەن نازۇ - نېمەتلىك ئالىي جەننەتلەردە جەم قىلسۇن، ئامىين!

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. دىمەشق شەھىرىدە ۋەقپە زېمىنلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىلمەي ئۇ زېمىنلاردىن كەلتۈرۈلگەن مېۋىلەرنى يەپ سېلىشنى كۆڭلى كۆتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.
  2. بۇ تەرجىمىھال ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ئۇستاز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ يېتەكچىلىدە، ئاساسەن ھ. 776 / 1375 - يىلى ۋاپات بولغان شەرىف مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئەلۋاسىتىينىڭ «ئەلمەتالىبۇل ئەلىييە في تاباقاتۇششافىئىيە» ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازما نۇسخىسىدىن ئېلىندى. ئۇنىڭغا يەنە باشقا مەنبەلەردىن پايدىلىق مەزمۇنلارمۇ قېتىلدى.